باخشى

زۇنۇن قادىرى

چوكان باخشى قوشۇما قاش، ئاھۇ كۆز، ئۇزۇن كىرپىك، سۈت رەڭ، ئوتتۇرا بوي، ئوتتۇز ياشلاردىكى گۈزەل بىر ئايال ئىدى. ئۇ پىرە ئويناۋاتقان ئۆينىڭ ئەتراپىدىن نۇرغۇن يىگىتلەر ئەگىپ كېتەلمەي، تاڭ ئاتقۇچە ئاۋارە بولۇپ يۈرۈشەتتى. ئەمما چوكان باخشى ئۆزىنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ يۈرگەن بۇ مەستانىلەرگە ھېچبىر ئىلتىپات قىلىپ قارىمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پىرە بولغان ئۆيگە پوخۇر، بىۋەك يىگىتلەرنى كىرگۈزمەيتتى. ئەكسىچە ھاراق ئىچمەيدىغان، بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان سوپى كىشىلەرنى ۋە ئاياللار بىلەن بىزدەك گۈدەكلەرنى يىغىۋالاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پىرە ئوينىغاندا داپ چېلىپ، غەزەل ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىككى كۆزى ئەما ھەسەن قارى دېگەن داپچىنى تاللىۋالغانىدى. چوكان باخشى قەيەردە پىرە بولسا، بىزگە ئوخشاش پىرىگە ھەۋەسكار ياش بالىلار ھەسەن قارى داپچى بىلەن يۇنۇس قارى دېگەن داپچىنى يېتىلەپ ئېلىپ باراتتى. شۇڭا مەن پىرە بولىدىغان ئۆيگە كىرىۋېلىش ئۈچۈن كۆپىنچە ھەسەن قارىنى يېتىلەپ، ئۇنىڭ داپ ۋە خەنجەر سېلىنغان خورجۇنىنى كۆتۈرۈپ باراتتىم.
چوكان باخشى ئاجايىپ ماھىر باخشى ئىدى. ئۇنىڭ پىرە ئويۇنى تەرتىپلىك ۋە سۈرلۈك ئۆتەتتى. پىرە مۇقامىنىڭ كىرىش قىسمى _ «ئاۋۇش» ئوقۇلۇپ بولۇپ، نەغمە ۋە ئۇسسۇل پەدىسى باشلانغاندا، ئۇ تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان چاچلىرىنى چۇۋۇپ، يەرگە سۆرىلىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن ئاق شايى كۆڭلىكىنى كىيىپ، «تۇغ» ئەراپىنى چۆگىلەپ ئۇسسۇلغا چۈشەتتى. ئۇ پىرقىرىغاندا شايى كۆڭلەك كۆپۈپ، ئېتىكى ئۆيدە لىق ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ ئالدىغىچە يېتىپ كېلەتتى. بۇ ئايالنىڭ پىرىلىكىنى شايى كۆڭلىكىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان كۆكسى، ئاق كۆڭلىكىنىڭ ئۈستىنى چۆمكەپ ئۇچۇپ، يەلپۈنۈپ تۇرغان قاپقارا چاچلىرى، لەپىلدەپ تۇرغان كىرپىكى ئاستىدىكى جادۇ كۆزلىرى قاراپ تۇرغۇچىلارنى مەپتۇن قىلاتتى. ئۇ پىرقىرىغاندا كېلىشكەن قەددى – قامىتى ۋە قارا يىپتەك يەلپۈنۈپ تۇرغان چاچلىرى ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاق چېھرىسى كىشىنى رىۋاتلەردىكى پەرىزاتلار مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ دېگەن خىيالغا چۆمدۈرەتتى. ئۇنىڭ ئۇسسۇلى ھەقىقەتەنمۇ جۇشقۇن ۋە نەپىس ئىدى.
چوكان باخشىنىڭ بۇ گۈزەل ئۇسسۇلى يەنە قاراپ تۇرغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا سىلىق خىيالىي كارتىنىلارنى گەۋدىلەندۈرەتتى. مەسىلەن، ئۇ ئىككى قولىنى ئىككى تەرەپكە سوزۇش ۋە يىغىش ئارقىلىق بىرەر نەرسىنى تۇتۇۋالغان، ئۇنى باشقىلارغا چېچىپ بېرىۋاتقاندەك ھەرىكەتلەرنى ئىپادىلەيتتى. بۇ مەزمۇن جەھەتتىن كېسەل يۇقتۇرغۇچى جىنلارنى يىغىۋېلىپ، پىرە ئويناتقۇچى ئۆي ئىگىسىنىڭ كېسلىنى شۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىرغىتىپ قايتۇرۇپ بېرىۋاتقان مەنىگە ئىگە ئىدى. پىرە ئوينىغۇچى چوكان باخشىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزم دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئاسارىتىدىن قالغان ئىپادىلەر ئىدى. ئۇنىڭ ئويناپ بەرگەن ئۇسسۇلى كۆرگۈچىلەرگە زوق بېغىشلاشتىن تاشقىرى، سىرلىق قورقۇنچ تۇيغۇلىرىمۇ چاچاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئاددىي بىر سەنئەتكارلار ئەمەس، بەلكى ناھايىتى سۈرلۈك، ئاجايىپ – غارايىپ خىسلىتى بار، غايىبنى بىلگۈچى بولۇپ تۇيۇلاتتى.
ئۇنىڭ غايىپتىن پىرە ئوينىتىۋاتقان كېسەلگە كۆرسىتىدىغان بىر تۈرلۈك سىرى «چىراغ يېقىش» دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆيدە باشقا چىراغلار ئۆچۈرۈلۈپ، چوڭ نوكچا (چىۋىققا پاختا ئوراپ، سۇ يېغىغا چىلانغان پەلكۈچ) يېقىلىدۇ. باخشى ئۇنى كېسەلنىڭ كۆزىگە ئەكىلىپ:
_ ئوتنىڭ ئىچىگە قاراڭ، _ دەيدۇ. كېسەل پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ ئوتقا تىكىلىدۇ. باخشى كارامەت كۆرسىتىپ:

_ ئەنە قاراڭ، تامنى ئاتلاپ سىزنىڭ ئالدىڭىزغا كېلىۋاتقان، تۈكلىرى سالۋاراپ كەتكەن يوغان بىر ئالا ئىت قويرۇقىنى كۆتۈرۈپ، چىشلىرىنى ھىجايتىپ، كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ سىزگە قاراپ تۇرىدۇ، كۆردىڭىزمۇ؟
_ شۇنداق، شۇنداق كۆردۈم، _ دەيدۇ كېسەل نوكچىدىن كۆزىنى ئۈزمەي.
باخشى يەنە تىترەڭگۈ ئاۋاز بىلەن:
_ ئەمدى ئاۋۇ بۇلۇڭغا ئارقىسىنى قىلىۋالغان، چاچلىرى چۇۋۇق، قىپقىزىل كۆزلىرىدىن ئوت چېچىپ، سىزگە ھىجىيىپ قاراپ تۇرغان سېرىق خوتۇننى كۆردىڭىزمۇ؟ _ دەيدۇ كېسەلگە.
_ ھە، ھە، كۆردۈم، كۆردۈم، _ دەيدۇ كېسەل.
_ سىزگە كېسەل يۇقتۇرغان جىن – ئالۋاستىلار شۇ، _ دەيدۇ باخشى خەنجەرنى كۆتۈرۈپ، شۇنىڭدىن كېيىن چوكان باخشى: «چىق، چىق، بۇ ئۆيدىن چىق، چىقمىساڭ خەنجەر سالىمەن» دەپ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئەتراپقا ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن تىكىلىدۇ، غەزەپتىن ئۇنىڭ ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ تۇرىدۇ.
مانا بۇ ۋاقىتتا باخشىنىڭ كۆرسەتكەن كارامىتى نېمە؟ ئۇ باخشىنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ تەسۋىرلەپ گەۋدىلەندۈرۈشتىكى ۋاستىسىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق كېسەلنى سېھىرلىشى، چۈنكى قاراڭغۇ ئۆيدە جىن بىلەن ئالاقىسى بار باخشى بۇ يەرگە ئەمدى جىن – ئالۋاستىلارنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن سوراق سورايدۇ دېگەن چۈشەنچىسىدە سۈر بېسىپ تۇرغان كېسەلنىڭ خىيالىدا باخشى گەۋدىلەندۈرگەن بايىقى ئوبرازلار كۆز ئالدىغا كەلگەندەك بولىدۇ، پۈتۈن ئۆينى قورقۇنچ قاپلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن باخشىنىڭ بايىقى قىياپىتىدە تېخىمۇ سۈر پەيدا بولىدۇ، ئۆيدە ئولتۇرغانلار: باخشى راستىنلا جىن – ئالۋاستىلار بىلەن سۆزلىشىۋاتسا كېرەك دەپ ئىشىنىپ قالىدۇ.
ئەمدى باخشى كېسەلنى تۇغ چۆرگىلىتىپ (ئارغامچا تۇتقۇزۇپ پىرقىرىتىپ) چارچىغاندىن كېيىن، ئۇنى ئارغامچىغا ئارقىسىچە تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ تېنىدىكى جىن – ئالۋاستىلار يۇقتۇرغان كېسەللەرنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن خەنجەر ئويۇنى باشلايدۇ. باخشى ئىككى – ئۈچ تال قوڭغۇرىقى بار كۈمۈش خەنجەرنى داپ – دۇمباقنىڭ رېتىمىگە كەلتۈرۈپ، كېسەلنىڭ پېشانىسىدىن يوتىسىنىڭ ئۇچىغىچە، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىغىچە يېنىك ئوينىتىپ سانجىپ چىقىدۇ. ئۇ ھەر بىر خەنجەر سانجىش ھەرىكىتىگە ماسلاشتۇرۇپ: «ھە، چىق، چىق، چاپسان چىق… ئەسكى تاملارغا بار، كونا تۈگمەنگە بار… چىق، چىق… ھەي، ھەي…» دەپ ۋارقىرايدۇ. ئۇ يەنە پەگادا توپلىشىپ ئولتۇرغان بالىلارنىڭ ئالدىغا بىر قولىدا قامچا، بىر قولىدا خەنجەر تەڭلەپ كېلىپ: «ئاللا دە، ئاللا…» دەپ ئۈستىبېشىمىزدىن قامچا پىرقىرىتىدۇ. بىز قورقۇپ كېتىپ: «ئاللا، ئاللا…» دەپ توۋلايمىز. ئەگەر ئاۋازىمىز بوشراق چىقسا، ئۇچىمىزغا بىرەر – يېرىم قامچىمۇ تېگىپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، بىز بار كۈچىمىز بىلەن «ئاللا … ئاللا» دەپ ۋارقىرايمىز.
بىزنىڭ مەھەللىدە بولغان بىر پىرىدە مەن چوكان باخشىنىڭ پال – پۇل قىلىپ تۇرغان غەزەپلىك كۆزىگە، قولىدىكى ئادەمگە ھېلى سانجىۋېتىدىغاندەك پارقىراپ تۇرغان كۈمۈش خەنجىرىگە ئاغزىمنى ئېچىپ قاراپ قاپتىمەن. شۇ ھازادا ئۇنىڭ باش ئۈستىمىزدە پىرقىراۋاتقان قامچىسىنىڭ ئۈچىدىكى قىزىل پۆپۈك مەڭزىمگە خېلىلا چىڭ تېگىپ كەتتى. چۆچۈپ كېتىپ، ھەممە بالىلاردىن قاتتىقراق «ئاللا، ئاللا» دەپ ۋارقىرىۋەتتىم. پىرە تۈگىگەندىن كېيىن، چوكان باخشى يېنىمغا كېلىپ: «قورقتۇڭمۇ تەنتەك» دەپ ئېڭىكىمنى تۇتۇپ ئەركىلەتتى. ئۇ جىنلارغا ۋە بەتقىلىق كىشىلەرگە قاتتىقلىق قىلغان بىلەن ئەھلى كىشىلەرگە ۋە بالىلارغا مېھرىبان – يۇمشاق كۆڭۈل ئايال ئىدى. مەن بەش ياش ۋاقتىمدىلا ئانامدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئانا مېھرىگە قانمىغانلىقىم ئۈچۈن، ماڭا مېھرىبانلىق قىلىدىغان ئاياللارنى ئۇچراتسام سۆيۈنەتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن گۈزەل باخشى خېنىمنىڭ مېھرىلىك يۇمشاق، ئىسسىق قولى ئېڭىكىمگە تەگكەندە تېنىمدە ئانا مۇھەببىتىنىڭ ئىسسىق يالقۇنى سىپاپ ئۆتكەندەك يېقىملىق تۇيغۇ سەزگەنىدىم. مەن ئۇنىڭغا ئانامغا ياكى ئۇ تېخى ياشراق بولغانلىقتىن ھەدەمگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلاتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ داپلىرىنى، خەنجەر بىلەن كانىيىدىن تامغا سانجىپ قويغان، ئەمما ھېكمەت نەتىجىسىدە ئۆلمەي ساق قالغان توخۇسىنى، تۇغ باغلىغان ئارغامچىسىنى ۋە چىنە – قوشۇقلىرىنى (بۇ نەرسىلەرنى بىر قانچە پۇل ۋە رەختكە قوشۇپ، كېسەل ئىگىسى باخشىغا بېرەتتى) خورجۇنغا سېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرەتتىم.
مەن ئۇنىڭ يۈگۈر – يېتىم ئىشلىرىغا خالىس ياردەم خىزمەت قىلىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇ مېنى پىرىگە كىرگۈزەتتى ۋە قۇيماق بېرىپ بېشىمنى سىلايتتى. مەندىن ئىككى – ئۈچ ياش چوڭراق بالىلار، مەسىلەن، مەھەللىمىزدىكى ھەيدەرگە ئوخشاش چۈجە خورازلار چوكان باخشىغا قانات سۆرەپ يۈرگەچكە، چوكان باخشى ئۇنداقلارنى پىرە ئوينىتىلىدىغان ئۆيگە ياكى ئىشىكى ئالدىغا يولاتمايتتى، ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە نۇرغۇن كىشىلەر كۆيۈپ يۈرۈشەتتى، بىراق ئۇنىڭغا پېتىنىپ چاقچاق قىلالمايتتى ياكى ھېيىقىپ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشمەيتتى. ئەمما بەزىبىر زۇغۇي، كۆرەلمەسلەر «قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق» دېگەندەك، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھەر خىل يامان گەپلەرنى تارقىتاتتى. چوكان باخشى بۇ يامان غەرەزلىك گەپلەرگە پىسەنتمۇ قىلماي يۈرۈۋېرەتتى. ئۇنىڭغا بەتنام چاپلاپ يۈرگەنلەر تىلىنى چىشلەپ قالاتتى.
زۇنۇن قادىرنىڭ شۇ ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ