نويابىر 21, 2024
تۇپراق

ۋاڭ سۇ

ئۇ كۈنى قاتناشقا چەك قويۇلغانىدى، بىراق كەچتە قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە بىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالدىم، كوچىغا چىققاندىن كېيىن خېلى مۈشكۈلدە بىر تاكسىنى توسۇدۇم.
-ئۇستام،-دېدىم مەن تاكسىنىڭ ئارقا ئورۇندىقىغا جايلىشىۋالغاندىن كېيىن،-ئىشچىلار تەنتەربىيە سارىيىغا ئاپىرىپ قويسىڭىز بوپتىكەن.
-2-ئايلانما بىلەن ماڭامدۇق ياكى 3-ئايلانما بىلەن؟-دەپ سورىدى شوپۇر.
-قانداق ماڭساق بولا…2-ئايلانما بىلەن ماڭايلى،-دېدىم مەن ئارىسالدى بولۇپ.
-سىز قارار قىلدىڭىزمۇ؟-سورىدى شوپۇر،-راستتىنلا 3-ئايلانما بىلەن ماڭامدۇق؟
-سىزچە بولغاندا…-دېدىم مەن سەل ئارىسالدى بولۇپ،-قايسى يول بىلەن تېزرەك ماڭغىلى بولار؟
-سىز چوقۇم ئىككىدىن بىرىنى تاللىمىسىڭىز بولمايدۇ،-دېدى ئاللىقاچان پىكاپنى قوزغىتىپ بولغان شوپۇر ئالدىغان قاراپ،-بۇ ۋاقىتتا ھەر ئىككى يولنىڭ توسۇلۇش مۇمكىنچىلىكى تازا پەرق قىلىپ كەتمەيدۇ.
-بولدى، 3-ئايلانما بىلەن ماڭايلى!-دېدىم مەن كەسكىن تەلەپپۇزدا. بىراق تاكسى 3-ئايلانمىغا چىققاندا ھە دېگەندىلا 20 مىنۇت تۇرۇۋالدى، مەن ئۆزۈمنى تۇتالماي پەس ئاۋازدا غۇتۇلدىدىم:
-ھەي، بۇ 3-ئايلانما يولمۇ توسىلىپ قاپتۇ-دە!؟
-تۇرمۇشتا ئىشلار دائىم مۇشۇنداق بولىدۇ،-دېدى شوپۇر سالماق ۋە سوغ ئاۋازدا،-تاللاش ئاخىرلاشقان ئىكەن، ئادەمگە چېكىنىش يولى قالمايدۇ،-پىكاپ ئالدىغا قاراپ تولىمۇ ئاستا سۈرئەتتە 20 مىنۇتچە ماڭغاندىن كېيىن، شوپۇرنىڭ ئاغزى يەنە ئېچىلدى،-بايا يول تاللىغان چاغدا مەن يولنىڭ ئەھۋالىدىن ھەقىقەتەن بىخەۋەر ئىدىم،-مەن ئۇنىڭ سۆزىگە ئۈنسىز قۇلاق سالدىم،-مەيلى قايسىلا يولنى تاللايلى، يەنىلا تەجرىبە ۋە پەرەزلەرنى ئاساس قىلىدىغان گەپ، بۇمۇ خۇددى قىماردا دو تىككەنگە ئوخشاش ئىش. سىز 3-ئايلانمىغا دو تىكتىڭىز، بىراق تەلىيىڭىز ئوڭدىن كەلمىدى.
-دېگىنىڭىز بەرھەق،-دېدىم مەن جاۋاب بېرىپ.
-دو تىككەن ئىكەنمىز، ياخشى ياكى يامان بولسۇن، نەتىجىسىگە يەنىلا ئۆزىمىز ئىگە بولمىساق بولمايدۇ، ماھىيەتتىمۇ ھەرقانداق ئىشنىڭ نەتىجىسى پەقەت ئىككىلا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟-دېدى شوپۇر.
-توغرا دەيسىز،-دېدىم مەن قىسقىلا جاۋاب بېرىپ.
-بىر بولسا ھەرگىز دو تىكمەسلىك كېرەك. دېمەكچىمەنكى، بۇنداق چاغدا سىرتقا چىقمىغان، قىلىدىغان ھەرقانداق ئىشنى كېيىنگە قويغان ياخشى، بىراق بۇنداق قىلىشقا سىزنىڭ رايىڭىز بارامدۇ؟
-ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ،-دېدىم مەن،-بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويغۇلۇق ئەمەس.
-كوچىغا تولۇپ كەتكەن ئاپتوموبىللارغا قاراڭ،-دېدى شوپۇر سەلدىن كېيىن،-ھەممىسى ئالدى تەرەپتە چاتاق چىققانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ئالدىغا ئىلگىرلەش كويىدا تىپىرلاپ يۈرىدۇ.
-شۇنداق،-دېدىم مەن، شۇنىڭدىن كېيىن گەپ ئۈزۈلدى. مەن سەل خىيال قىلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن گەپكە ئېغىز ئاچتىم،-ئەمما ئادەم ئۇتتۇرۇپ قويۇشتىن قورقۇپ ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇۋالسىمۇ بولماس، چۈنكى سۈكۈت قىلىش بىر خىل تاللاش بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق سۈكۈت يەنىلا ئۇتتۇرغانغا باراۋەر بولۇپ قالمامدۇ؟
-سىزنىڭ پىسخىكىڭىز بەرھەق ئېسىل ئىكەن،-دېدى شوپۇر ماڭا بېشىنى سىڭايان قىلىپ قاراپ، بۇ سۆز مېنى خۇشال قىلىۋەتتى. نىشانغا ئاخىر يەتتۇق، شوپۇر ئاشقان پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىۋاتقان چاغدا مۇنداق دېدى:
-قىزچاق، ھايات مۇساپىڭىزدە ھەر بىر قەدەەمدە دو تىكىشكە توغدا كېلىدۇ، شۇڭا توسۇق يولنى تاللاپ قېلىش ئەپسۇسلىنارلىق تاللاش بولالمايدۇ.
-رەھمەت ئۇستام،-دېدىم مەن، ئاندىن ئىشىكنى يېپىپ قەددىمنى رۇسلاپ ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيىغا يۈرۈپ كەتتىم، بۇ يەردە مېنى ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قېتىملىق دو تىكىش پۇرسىتى ساقلاپ تۇراتتى…

سەرۋى مۇسا تەرجىمىسى
مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ