كەچكۈز
ساپسىرىق يوپۇرماقلار ئارىسىدىن كۈلگىن.
لەۋلىرىڭدە ئىسىم بولسۇن.
رومىلىڭنى ئورىغىن مەھكەم،
مۇزلىمىسۇن بوينۇڭ ئەركەم.
يانىقىڭغا لەۋلىرىم تولسۇن…
يول ئالغان قۇشلارغا قاراپ،
خىيالىڭغا سولىغىن مىنى.
كۆپكۈك دىڭىزغا،
ئوخشاپ قاپتۇ باھارىم كۆزۈڭ.
چاپىنىڭنى كىيىۋال مەھكەم،
مۇزلىتىدۇ كەچكۈز شامىلى.
غازاڭلارنى باسقاندا پۇتۇڭ،
ئۇ ئاۋازنى سۆيەلمىدىم،
كۆزۈمنى سەندىن ئۈزەلمىدىم.
باھارغا خوش دىگەن ئاخشام،
كەچكۈزنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۇمۇلغان كۆزۈڭگە لەۋلىرىم تولسۇن…
لەۋلىرىڭدە ئىسىمىم بولسۇن….
دولقۇنۇپ تۇرسۇن چاچلىرىڭ،
ئەمما،
ساباھقا كىچەڭنى بەرمە ئالدىراپ.
مۇزلىمىسۇن ئاپئاق قوللۇرۇڭ،
باھار بىلەن قالسۇن يوللۇرۇڭ.
(يۇلتۇزلارغا ئالدانما ھەرگىز،
كۆز قىسىدۇ،
لىكىن ئۆزى يوق).
كەچكۈزگە ئوخشاپ قالىدۇ سۆيگۈ،
ئۇششىتىدۇ كۆرەر كۆزى يوق.
چىغىر يولدا
ئايلان كەچكۈزدە
چاپىنىڭنى كىيىۋال مەھكەم،
رومىلىڭنى ئورىۋال ئەركەم.
كەچكۈز شامىلى مۇزىلىتىدۇ.
ئازاپلىرىڭنى توزىتىدۇ.
گۈزەل لىرىكىغا ئەگىشىپ كىتىۋەر،
ھوزۇر ئال قىشنىڭ ئالدىدا،
غىرىپسىنىپ قالمىسۇن كەچكۈز.
كىچىلەردە ياتمىسۇن كۈندۇز.
سۆيگۈ بار ئۇنۇڭ ئىتىدا.
چاپىنىڭنى كىيىۋال مەھكەم،
ئۈششىمىسۇن قۇللۇرۇڭ ئەركەم.
كۈزلۈرۈڭگە كۈز نۇرۇم تولسۇن،
لەۋىلىرىڭدە ئىسىمىم بولسۇن.
مەندە شۇنداق بىر ئارزۇ بار ئىدى……
كىچە قاراڭغۇسىدا،
بىنەپشەرەڭ نۇرنىڭ ئارسىدا تولغانسام.
دىڭىز دولقۇنىنىڭ پىچىرلىشىغا جاۋاپ بەرسەم.
زامان بىلەن قول تۇتۇشۇپ تارىخلارنى ئۆچۈرۇپ تاشلىسام.
تاڭ يورۇيدىغان چاغدا،
كەچكۈز ياپراقلارنى سۆيسە،
ياپراقلار سۆيگۈسىدىن شەبنەم كۈلسە.
قەھرىتاندا،
ئانا باغرىدىن قۇياش ئىزدىسەم،
ئانامدىن ئەمەس،ئانىلاردىن قۇياشنى تاپسام.
مەندە شۇنداق بىر ئارزۇ بار ئىدى…….
يالۋۇرۇشلىرىمغا قارىمىدىڭلار!!
ئۆكۈنۈشلىرىمگە سۈكۈتلەندىڭلار!!!
ئۆكسۈشلىرىمدىن ئۆمۈدلەندىڭلار!!!!
ئارزۇلىرىمنى پاچاقلاپ تاشلىغىنىڭلاردا،
غىرىپ كۈلبەمدە زاماننىڭ چاقىدا يانجىلۋاتتتىم.
قىزىل گۈللەر تولغان زىمىندا،
ئانامنىڭ قۇچۇقىغا بىشىمنى قويۇپ، قۇچۇقۇمدا بالامنى پەپىلىتەتتىم.
مەندە شۇنداق بىر ئارزۇ بار ئىدى….
كىچىنىڭ پەيزىدە،
تاماكامنى چوڭقۇر چوڭقۇر تارتىۋالاتتىم.
قۇياشنىڭ تەپتىدە،
روھىمنى روھىڭغا قىتىۋالاتتىم.
ئەپسۇس مەندە شۇنداق بىر ئارزۇ بار ئىدى……
ئارزۇيۇمنى،
ئەڭ ئاخىرقى ئۇچقۇننى رەھىمسىزلەرچە پۈۋدىگەن شامالدەك ئۆچۈرۈپ تاشلىغىنىڭلاردا،
مەندە يەنە بىر ئارزۇ بار ئىدى…..
يانجىلغان ئارزۇيۇمغا،
سۈكۈنات شۆلگەيلىرىڭلار يىپىشقاندا، مەندىكى ئارزۇ تەندىن ئاريرىلغان روھتەك توزۇپ كەتتى.
جىنسىي ئاشىقتىن سىرغىغان سۇيۇقلۇقتەك شىرىن،
تارتىلغان ئەپيۇن دانچىسىدەك خۇمالىق بىر ئارزۇيۇم بار ئىدى….
ئارزۇيۇمغا مۇھاببىتىمنى تاڭاتتىم،
مۇھاببىتىمگە ئۆمۈتلىرىمنى ئارتاتتىم.
ئۆمۈتلىرىمنى سۈكۈت بىلەن كۆمگىنىڭلاردا،
مەندا ئارزۇ يوق،ئارزۇدا مەن بار ئىدىم.