ئورخان پامۇك: دادام

ئورخان پامۇك

بالىلاردەك تاماشا قىلىش

ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا) تەرجىمىسى

   ۋېنېتسىيەدە بەزىدە ئۆزۈمنى بالىلىقىمغا قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن… بەلكىم بۇ يەرگە ئىستانبۇلدىن كەلگەنلىكىم ئۈچۈن شۇنداق بولۇۋاتقاندۇ… چۈنكى بۇ ئۈچىنچى كېلىشىمدە، بالىلىقىمدىكى ئىستانبۇلدا، ئۆتمۈشىمدە قالدى دەپ قارىغان بەك جىق نەرسە ۋە تۇيغۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم.
   ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ يېزىقچىلىق قىلىۋاتقان چېغىمدا، قارشى تامدىكى تۇرخۇننىڭ ئۈستىدە سائەتلەپ سەۋر بىلەن مىت قىلماي تۇرغان شۇ دېڭىز چايكىسى مەسىلەن… بالىلىق چېغىمدىمۇ، ئىستانبۇلنىڭ دېڭىز چايكىلىرى خۇددى تاشپاقىغا ئوخشاش ھەمىشە جىممىدە تۇرىدىغان، نامەلۇم بىر نەرسىنى ساقلاۋاتقان مەخلۇقتەك كۆرۈنەتتى. بۇ بەلكىم كىچىك چېغىمدا ئىچىمدىكى سائەتنىڭ ناھايىتى ئاستا ماڭغانلىقىدىن، ھايات سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقىغا چىدىيالمىغانلىقىمدىن بولسا كېرەك. كېيىن يېشىم چوڭايغانسىرى ئىستانبۇل چايكىلىرىنىڭ تېخىمۇ ھەرىكەتچان، تېخىمۇ سەۋرسىز ۋە تېخىمۇ قورقۇمسىز ھالغا كەلگەنلىكلىرىنى كۆردۈم.
   يەنە بىرى ئىچىمدە قىمىرلاشقا باشلىغان رەسىم سىزىش ئىستىكى… يەتتە يېشىمدىن 21 يېشىمغىچە رەسىم سىزدىم ۋە كېيىن تاشلىدىم؛ ئوتتۇز بەش يىل قولۇمغا موي قەلەم ياكى بوياق ئېلىپمۇ باقمىدىم. ئەمدى بولغاندا بۇ بالىلىق ۋە ياشلىقتىكى ئىشتىياقىمغا يېڭىباشتىن قايتىپ كەلمەكتىمەن… رەسىم سىزىش ئىشتىھايىمنىڭ ئېچىلىپ كېتىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ۋېنېتسىيەنىڭ پارىژدىن قالسىلا دۇنيادىكى رەسىم ئەڭ كۆپ سىزىلىدىغان شەھەر بولغانلىقىدىندۇر. ھەربىر كوچا، كۆۋرۈك خاتىرىمىزگە گۈزەل بىر رەسىم سۈپىتىدە ئورناپ كەتكەن بولغاچقا، بۇ تونۇش كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگىنىمىزدە ئىسىمىزگە رەسىم كىلەتتى. بىزگە ئىنتايىن تونۇش بۇ مەنزىرىلەرنى كاناپلارغا ياكى سۇبوياق قەغەزلىرىگە سەۋرچانلىق بىلەن يېڭىدىن سىزىۋاتقان كالتە ئىشتانلىق، شىمالى ياۋروپالىق، ئامېرىكىلىك ۋە ياشانغان ئەرلەرنى كۆرگىنىمدە، خۇددى بالىلىقىمدا ئىستانبولدا بولغىنىدەك __ ئىستانبۇل كوچىلىرىدا ئاندا-ساندا رەسسام كۆرۈپ قالاتتىم __ ھاياجانلىناتتىم، ئىشىغا بېرىلىپ كەتكەن بۇ ھەۋەسكار رەسساملارغا تۇيدۇرماستىن ئارقىسىغا ئۆتۈپ سىزغان رەسىملىرىنى تاماشا قىلاتتىم ۋە كىچىكىمدە قىلغىنىمغا ئوخشاش رەسىمدىكى كۆۋرۈكنىڭ ئەمەلىيەتتىكى كۆۋرۈككە قانچىلىك ئوخشىغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشاتتىم.
شەھەرنىڭ ئىچىدە كىچىك بىر كېمە بىلەن تېز-تېز كېزىپ، بىنالارنى، مەيدانلارنى، چوڭ دىنى ئىمارەتلەرنى، قەلئەلەرنى باشقا بىر نۇقتىدىن تاماشا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇش __ ھەقىقىي مەنىدىكى بالىلارچە شادلىق ھېسابلىناتتى، ئەلۋەتتە. بوغۇز كۆۋرۈكلىرى ۋە بوغۇزنىڭ ئىككى ساھىلىنى بوغۇپ تۇرغان يىپلاردەك چىرمىۋالغان يوللار سەۋەبىدىن ئىستانبۇلدا ئاللىقاچان مەھرۇم قالغان بۇ ئادىتىمنىڭ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يەنە بىر تەرىپى، كۈندىلىك تۇرمۇشىغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن، ساھىل بويىدىكى ئۆيلىرىدە ياكى مېھمانسارايلىرىدا تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ناشتا قىلىۋاتقان، تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقان ياكى بىكار ئولتۇرۇۋاتقان چاغلىرىنى ماراپ تاماشا قىلىش ئىدى…
ۋېنېتسىيە بىلەن بالىلىقىمدىكى ئىستانبۇلنى كۈچلۈك بىر تۇيغۇ بىلەن بىرلەشتۈرگەن نەرسە، ئۆتمۈشتە قېپقالغان  بۈيۈك ئېمپىرىيە ئىزنالىرىنىڭ بىزدىكى تەسىرىدۇر. بالىلىقىمدا ئىستانبۇلدا، ئوسمانلىدىن قالغان بارلىق ياغاچتىن سېلىنغان سارايلار، بوغۇزنىڭ ساھىلىغا، دېڭىزغا يانداپ سېلىنغان، سىرلانمىغان داچىلار، چېقىلىۋاتقان تارىخى ئىمارەتلەر، شەھەر ھەددىدىن زىيادە نامرات بولغانلىقى ئۈچۈن بىزنى بىر-بىرىمىزگە باغلاپ تۇرغان  مەيۈسلۈك تۇيغۇسى ۋە ئازاب ئاتا قىلاتتى. ۋېنېتسىيەدە رېمونت ئۈچۈن خەجلەنگەن پۇللار بىلەن تىللارغا سازاۋەر بولغان، ئوبدان ئاسرالغان مېھمانسارايلار ، بۇ ئاۋات شەھەرنىڭ ۋە بۇ يەرگە كۆڭۈل ئېچىپ، خۇشال بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ مەيۈس بولۇشىغا ھېچبىر پۇرسەت بەرمىگەنلىكىنى كۆردۈم…
ۋېنېتسىيەنىڭ سەلتەنىتى كىشنى غەمكىن ئەمەس بەلكى بەختلىك ۋە خۇشال قىلىدۇ: كىشى ئىختىيارسىز كۆرۈشنى، ھېچ تۇرماستىن تاماشا قىلىشنى، بۇ ئاجايىپ تۇيغۇ بەرگۈچى گۈزەللىكنى بىر تارىخ سۈپىتىدە چۈشىنىشتىن بەكرەك بىر كۆرۈنۈش ھالىتىدىكى تۇيغۇ سۈپىتىدە باشتىن كەچۈرۈشنى، يېڭىباشتىن باشتىن كەچۈرۈشنى خالاپ قالىدۇ. بۇ يەردە مەن ئۈچۈن بىرىنچى مەقسەت چۈشىنىش، بىلىۋېلىش ھەتتا تەھلىل قىلىپ تەپەككۇر قىلىش ئەمەس بەلكى كۆرۈۋېلىش، قارىۋېلىش ۋە تاماشا قىلىۋېلىش…
ۋېنېتسىيە توغرىسىدىكى بۇ خىل تۇيغۇنى 19- ئەسىردىكى ئىستانبۇل ھەققىدە ئەڭ پارلاق كىتابلارنىڭ بىرىنى (كونستانتىنپول، 1853)  يازغان فرانسۇز رومانچى، شائىر، ئوبزورچى ۋە ساياھەتنامە يازغۇچىسى تېئوفىلې گائۇتىئېر (Théophile Gautier)  ئەڭ ياخشى شەكىلدە تىلغا ئالغان ئىدى. ۋېنېتسىيەدىكى چېغىدا « كۈندە 14 سائەتلەپ شەھەرنى يالغۇز تاماشا قىلغانلىقىنى» يازغان گائۇتىئېر، خۇددى ماڭا ئوخشاشلا، 20 ياش ئەتراپىدىكى چېغىدا، بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولغان رەسساملىقنى تاشلاپ شېئىرلار ۋە رومانلار يېزىشقا باشلىغانىدى. ۋېنېتسىيەدە بەك جىق كىشىلەرگە ئوخشاش ئوپچە ساياھەتتىن نارازى بولۇشتىن بۇرۇن __ شەھەرنىڭ يەرلىك نوپۇسىنىڭ بارغانسىرى ئازلاۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ يەرنىڭ بارغانچە سۈنئىي مەنزىرىگە، كونا بىر ئارزۇ-ئارمانغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشتىن بۇرۇن __  بۇ يەرنىڭ گائۇتىئېرنىڭ قىلغىنىدەك، كۈندە 14 سائەتلەپ تاماشا قىلغۇدەك بىر يەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش كىرەك.
زامانىۋى دەۋرنىڭ تەھلىلچى پەلسەپەسى تەپەككۇرنى سۆزلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ قويۇپ، كۆرۈشنى ھېسسىي ۋە بالىلارغا خاس نەرسىدەك بىر ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى. ۋېنېتسىيەدە مەندە بالىلىقىمغا قايتقاندەك تەسىراتنى ئويغاتقان نەرسە، پەقەت بالىلىقىمدىكى ئىستانبۇل بىلەن سېلىشتۇرۇپ قۇرۇۋالغان ئوخشاشلىقلارلا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قاراشنىڭ، كۆرۈشنىڭ، تاماشا قىلىشنىڭ خۇشاللىقلىرىنى يېڭىباشتىن تولۇق بىر قېتىم باشتىن كەچۈرۈپ چىقىش ئىدى.
باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىمدا بەزى دەرسلەردە شۇنچىلىك ئىچىم پۇشاتتىكى، دەرىزىدىن ئاسماندىكى بۇلۇتلارغا قاراش يەتمەي، پۈتۈن سىنىپنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇئەللىمنىڭ كۇرسىنىڭ ئارىسىدا كېمىلەردەك، ساللاردەك رەت، تەرتىپى بويىچە كېزىپ يۈرگەنلىكىنى خىيال قىلاتتىم. ۋېنېتسىيە كوچىلىرىدا ماڭا ئوخشاشلارنى بىنالارغا، كۆۋرۈكلەرگە، چاك كەتكەن تاملارغا قارىغاچ بىر خىل مەستخۇشلۇق ئىلكىدە كەزدۈرگەن ھاياجان مېنىڭچە زامانىۋى دەۋرنىڭ بېسىملىرىدىن ئۇزاق بولغان بالىلىق خىياللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن ئىبارەتتۇر.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ