دادام
ئورخان پامۇك
تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى
كېچىنىڭ خېلى بىر ۋاقتىدا ئۆيگە كەلدىم. دادامنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئېيتىشتى. بالىلىقىمدىن قالغان بىر سىما، ئۇنىڭ ئۆيدە كالتا ئىشتان بىلەن تۇرغان ھالىتى، ئىنچىكە پاچاقلىرى ئىچىمنى ئاچچىققا تولدۇرۇپ كۆزئالدىمغا كەلدى.
كېچە سائەت ئىككىدە ئۇنى ئاخىرقى قېتىم بىر كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە باردىم. «ئىچىدىكى ئۆيدە» دېيىشتى، ئىچىگە كىردىم. خېلى بىر ۋاقىتتىن كېيىن قايتقىنىمدا، تاڭ سۈزۈلەي دەپ قالغان ئىدى، ئەللىك يىلدىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتقان نىشانتېشىنىڭ كوچىلىرى قۇپقۇرۇق ۋە سوغۇق ئىدى، دۇكان دەرىزىلىرىدىكى چىراغ نۇرى غۇۋا ۋە ناتونۇش ئىدى.
ئەتىگەندە ئۇيقۇسىز ۋە چۈش كۆرىۋاتقاندەك كەيپىياتتا كەلگەن تېلېفونلارنى ئالدىم ۋە پەتىچىلەر بىلەن پاراڭلاشتىم، ئادىمەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن بەنت بولۇپ كەتتىم. مۇسىبەت ئېلانىنى يېزىۋاتقاندا كەلگەن باغاقچە، ئىلتىماس، تىلەكلەر ۋە كىچىك تالاش-تارتىشلارنى كۆرۈپ، ئۆلۈم-يېتىملەردە نېمە ئۈچۈن ماتەم مۇراسىمىنىڭ ئۆلۈمنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەكرەك مۇھىم بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
كەچقۇرۇن رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش، يەرلىك ھازىرلاش ئۈچۈن ئەدىرنەكاپى شېھىتلىكىگە باردۇق. ئاكام بىلەن تاغامنىڭ ئوغلى مازارلىقنىڭ كىچىك ئىشخانا بىناسىغا كىرىپ كەتكەندە، تاكسىنىڭ ئالدى ئورۇندۇقىدا شوپۇر بىلەن ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق. شۇ چاغدا شوپۇر مېنى تونۇيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«دادام ئۆلۈپ كەتتى» دېدىم ئۇنىڭغا. ئۆزۈممۇ ئويلاپ باقمىغان، كۈتۈلمىگەن بىر شەكىلدە ئۇنىڭغا دادامنىڭ گېپىنى قىلىپ بېرىشكە باشلىدىم. دادامنىڭ تولىمۇ ياخشى بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى، ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. كۈن پاتاي دەپ قالغان ئىدى.قەبرىستانلىق بوش ۋە جىمجىت ئىدى. بۇ يەردە شەھەرنىڭ بىزگە تونۇش ۋە كۆپىنچە ھاللاردا سەت كۆرىنىدىغان بىتون قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كۆرۈنۈشىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر خىل يورۇقلۇق ۋە ھاۋا بار ئىدى. قەبرىستانلىقتىكى سەرۋى ۋە چىنار دەرەخلىرى مەن سۆزلەۋاتقانلىقىم ئۈچۈن ئاۋازىنى ئاڭلىيالماي قالغان سوغۇق شامالدا ئاستا ئىغاڭلايتتى، بۇ مەنزىرىمۇ خۇددى دادامنىڭ ئىنچىكە پاچاقلىرىدەك خاتىرىلىرىمنى كوچىلاشقا باشلىغان ئىدى.
تاكسىنىڭ بەك ساقلاپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، ئىسىمداش ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتقان شوپۇر دۈمبەمگە ھېسداشلىق بىلەن ناھايىتى سەمىمىي ھالدا ئىككى قېتىم يېنىك ئۇرۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى. ئۇنىڭغا دېگەنلىرىمنى باشقا ھېچكىمگە دېمىدىم. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئىچىمدىكى نەرسە خاتىرىلىرىم ۋە ئازابلىرىم بىلەن بىرلەشتى. يېزىۋەتمىسەم بەلكى تېخىمۇ چوڭىيىپ مېنى بەك ئازابلىشى مۈمكىن ئىدى.
ئىسىمداش شوپۇرغا « دادام ماڭا بىر قېتىممۇ ئالىيىپ باقمىغان، بىر قېتىم بولسىمۇ ئازار بەرگەن ئەمەس، ھەتتا بىرەر قېتىم تاك قىلىپ چېكىپمۇ باقمىغان» دېيىش ئارقىلىق گەپنى شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئۆزۈمدىن باشلىغان ئىدىم. لېكىن ئەڭ مۇھىمى بۇ ئەمەس ئىدى. بالىلىقىمدا بوياپ چىققان ھەربىر رەسىمىمگە ئىچ-ئىچىدىن چىققان ھەيرانلىق بىلەن قاراپ چىقاتتى؛ ئۇنىڭ تەستىقىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ھەربىر پارچە تىز سىزمىنى خۇددى بىر شاھانە ئەسەر كۆرۈۋاتقاندەك ئەستايدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقاتتى؛ ئەڭ قىلىقسىز ۋە لاۋزا چاخچاقلىرىمغىمۇ يۈرىكىدىن چىقىرىپ كۈلۈمسىرەيتتى. ئۇ ماڭا بەرگەن ئىشەنچ بولمىغان بولسا، يازغۇچى بولۇش ۋە بۇ ئىشنى ھاياتىم قىلىپ تاللىشىم بەك تەسكە توختىغان بولاتتى. دادامنىڭ ماڭا ۋە ئاكامغا بۇنداق ئاسانلا باغلىۋالغان ئىشەنچنىڭ، بۇ ھېچكىمگە ئوخشاتماسلىق ۋە پارلاقلىق تۇيغۇسىنىڭ ئارقىسىدا ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان چۇڭقۇر ھەيرانلىقى ۋە ئىشەنچى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنىڭمۇ ئۇنىڭچىلىك پارلاق، تالانتلىق ياكى بولمىسا ئەقىللىق بولىشىمىز كېرەكلىكىگە بالىلارچە ساددىلىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ئىشىنەتتى.
دادام ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىدى: بىردەمنىڭ ئىچىدە سىزگە شەھابەتتىن جاناپلىرىنىڭ شېئىرىدىن بىرنى يادقا ئوقۇپ بېرەلەيتتى، چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ ئون بەشىنچى خانىسىگىچە يادقا دەپ بېرەلەيتتى، بىرگە ئولتۇرۇپ كۆرۈۋاتقان فىلىملەرنىڭ ئاخىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ توغرا دەپ بېرەلەيتتى. ئەقىللىقلىقى توغرىسىدا ھېكايە سۆزلەشكىمۇ ئامراق ئىدى. كالتە ئىشتان كىيىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى چاغلىرىدا ماتېماتىكا مۇئەللىمىنىڭ بىر كۈنى بىر دەرسنىڭ ئوتتۇرىسىدىلا ئۆزىنى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ يۇقىرى يىللىق سىنىپىغا قانداق چاقىرتقانلىقىنى، ئۆزىدىن ئۈچ ياش چوڭ ئاكىلىرىنىڭ يېشەلمىگەن بىر مەسىلىسىنى شاكىچىك گۈندۈز(ئورخان پامۇكنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى)گە دوسكىدا يەشكۈزۈپ ئۇنىڭغا «ئاپىرىن»، ئۇلارغا بولسا «نۇمۇس،نۇمۇس» دېگەنلىكىنى زوق بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. دادامنىڭ ئەقىللىقلىقى مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەۋەس بىلەن قىزغىنىش ئارىسىدىكى بىر خىل ھېيىقىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلغان ئىدى.
قاملاشقان قەددى-قامىتى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش قاراشتىمەن. ھەممە ئادەمنىڭ دېگىنىدەك ماڭا بەك ئوخشايتتى، ئەمما مەندىن بەكرەك قاملاشقان ۋە چىرايلىق ئىدى. خۇددى دادىسىدىن(بوۋامدىن) قالغان ۋە ۋەيران بولىۋېرىپمۇ تۈگىتەلمىگەن مال-دۇنياغا ئوخشاش، كېلىشكەن قەددى-قامىتىمۇ ھاياتنى ئۇنىڭغا بەك ئاسان ۋە تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بىر ھالەتكە كەلتۈرۈپ بەرگەن ئىدى؛ ئەڭ ئېغىر كۈنلەردىمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغان ئۈمىتۋارلىق، ئۆزىگە بولغان ئاجايىپ بىر ئىشەنچ ۋە ياخشى نىيەتتىن قۇرۇلغان سەمىمىيلىك، ئۇنى ھېچكىمگە ئوخشىماس قىلىپ، روھىغا خۇددى چىقمايدىغانغا كىرىۋالغاندەك قىلاتتى. ھايات ئۇنىڭ ئۈچۈن قولغا كەلتۈرىلىدىغان بىر نەرسە ئەمەس بەلكى زوق ئېلىنىدىغان بىر نەرسە ئىدى. دۇنيانى بىر جەڭ مەيدانى ئەمەس بەلكى بىر ئويۇن-تاماشا سورۇنى دەپ قارايتتى؛ ياشقا چوڭايغانسېرى، ياشلىقىدا پەيزىنى راسا سۈرگەن مال-دۇنيا، ئەقىل-پاراسەت ۋە كىلىشكەن قەددى-قامىتىگە ئازراق بولسىمۇ نام-ئابروي، ئەمەل-مەنسەپ قوشالمىغانلىقىغا ئازراق ئىچى سىقىلاتتى. لېكىن ھەممە ئىشقا قىلىغىنىغا ئوخشاش، بۇنىمۇ بەك كۆڭلىگە ئېلىپ كەتمەيتتى. ئىچىنى پۇشۇرغان ئىنسانلاردىن، مال-مۈلۈكتىن، مەسىلىلەردىن ئۇلارنى تاشلاپ كېتىپلا قۇتۇلۇشنىڭ بالىلارچە راھەتلىكى بىلەن ئۆزىنىڭ غەم-ئەندىشىلىرىنىمۇ بىر بۇلۇڭغا چۆرۈپ تاشلىۋېتەلەيتتى. مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوتتۇز يېشىدىن كېيىن، ھاياتى بىر خىل تەكرارلىق ياكى بارغانسېىرى ناچارلىشىش ئىچىدە ئۆتكەن بولسىمۇ، بەك كۆپ قاقشاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. دادام ياشىنىپ قالغان چاغلاردا بىز بىرگە تاماق يېگەن داڭلىق بىر ئوبزورچىمىز، خېلى يىللار كېيىن بىر قېتىم ماڭا ئۇچراپ قېلىپ، بىلىنەر –بىلىنمەس ئاچچىق بىلەن: « داداڭغا ھەممە ئىش بەك ئاسان ئىدى» دېگەن ئىدى.
بۇ ئۈمىتۋارلىقى ۋە خۇشاللىقى ئۇنى كۈچلۈك غايە ۋە قىزغىنلىقتىن ئايرىپ قويغان ئىدى. بىر چاغلاردا نۇرغۇن كىتاب ئوقۇغان، شائىر بولۇشنى ئارزۇ قىلغان، فىرانسۇز شائىر ۋالەرىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلىرىنى تەرجىمە قىلغان تۇرۇقلۇقمۇ ئەدەبىياتچى سالاھىيىتىگىمۇ ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، قىزغىن بولالمىغۇدەك دەرىجىدە ئۈمىتۋار ۋە خىيالى بولغانلىقىدىن كۆرىمەن. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا چىدىغۇسىز دەرىجىدە قالايمىقان قىلىشلىرىمدىنمۇ سۆيۈنگەن ياخشى بىر كۇتۇپخانىسى بار ئىدى. كىتابلارنى مەندەك ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ ئەمەس، ھۇزۇر ئىچىدە، كىتاب باھانىسىدە باشقا ئىشلارنى خىيال قىلغاچ ۋە كۆپىنچىسىنى يېرىمىدىلا تاشلاپ قويۇپ ئوقۇيتتى. باشقا دادىلارنىڭ دىنىي ساھەدىكى چوڭلىرىمىزنىڭ ياكى بولمىسا پاشالارنىڭ گېپىنى قىلغىنىغا ئوخشاش، داداممۇ پارىژدا كۆرگەن سارترېنىڭ ياكى ئالبېرت كامۇس(دادامغا تازا ماس كېلىدىغان يازغۇچى) نىڭ گەپلىرىنى قىلىپ بېرىشلىرى ماڭا بەك تەسىر قىلاتتى. خېلى يىللاردىن كېيىن، مەن بىر رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەردال ئىنۆنۈ(دادامنىڭ كىچىك چېغىدىكى ۋە ئۇنۋېرسىتېتتىكى دوستى) بىلەن كۆرۈشكەن چېغىمدا، چانكايا سارىيىدا ئائىلە ئىچى يېيىلگەن بىر كەچلىك تاماقتا ئىسمەت پاشا ئەمدىلا ئەدەبىيات توغرۇلۇق گەپ باشلىشىغىلا، مېھمانلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغان، شۇ چاغدا يىگىرمە ياشقا كىرگەن دادامنىڭ « بىزدە نېمىشقا دۇنياغا تونۇلغان يازغۇچى يوق؟» دېگەن سۇئالنى ئوتتۇرىغا تاشلىغانلىقىنى كۈلۈمسېرەپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
كىتابلىرىم نەشىر قىلىنىشقا باشلىنىپ ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىر كۈنى، دادام سەل خىجل بولغان ھالدا ماڭا كىچىك بىر چامادان بەردى. ئىچىدىن چىققان خاتىرە دەپتەرلەردىن، شېئىرلاردىن، ئەدەبىي يازما ۋە خاتىرىلەردىن نېمىشقا ھودۇقۇپ كەتكەنلىكىمنىڭ سەۋەبىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىمەن. دادىمىزنىڭ ئۆزى بولۇشىنى ئەمەس، بەلكى بىز ئارزۇ قىلغان دادىمىز بولىشىنى ئىستەيتتۇق.
مېنى كىنوغا ئاپىرىشىنى، كۆرگەن كىنولىرىمىزنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىشلىرىنى، ئەخمەقلەر، ئەسكىلەر، روھسىزلار ھەققىدىكى چاخچاقلىرىنى، يېڭى بىر مېۋە، بېرىپ كەلگەن بىر شەھەر، خەۋەرلەر ۋە كىتابلار توغرىسىدا پاراڭ سېلىپ بىرىشلىرىنى بەك ياخشى كۆرەتتىم، ماڭا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ، ئەركىلىتىشىنى ئىستەيتتىم. مېنى ماشىنىغا سېلىپ ئايلاندۇرىشىغا بەك ئامراق ئىدىم، چۈنكى ماشىنىغا بىللە چىقساق، پەقەت بولمىغاندا بىردەم بولسىمۇ بىللە بولالايتتىم ، داداممۇ بىردەمدىلا بىر يەرگە غايىپ بولالمايتتى. ئۇ ئىستانبۇل كوچىلىرىدا ماشىنا ھەيدىگىنى ئۈچۈن، بىز بەك كۆزمۇ-كۆز قارىشالمايدىغان، بۇ سەۋەبتىن ئەڭ كۆڭۈلسىز، قىيىن ۋە زىل تېمىلارغا دوستلاردەك ئەركىن –ئازادە كېرەلەيدىغان، ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن چاخچاق قىلىپ قويىدىغان، رادىيودىن ئاختۇرۇپ ئاڭلىغان مۇزىكىلار ھەققىدە پاراڭ سېلىپ بېرىدىغان ماشىنا سەيلىسىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم.
لېكىن ھەممىدىن بەك ئۇنىڭغا يېقىن بولۇشنى، قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇشنى، ئۇنىڭ قېشىدا تۇرۇشنى ياخشى كۆرەتتىم. تولۇق ئوتتۇرا، ھەتتا ئالى مەكتەپنىڭ تۇنجى يىللىرىدا ھاياتىمدىكى ئەڭ پەرىشان، «يىرگىنىشلىك» ۋاقىتلارنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان چاغلىرىمدا، ئۇنىڭ ئۆيگە كېلىپ پاراڭ سېلىپ بېرىشىنى، ئانام بىلەن ئىككىمىزنى خۇش قىلىشىنى كەيپىياتىم ئوسال تۇرۇغلۇقمۇ خالاپ قالاتتىم. كىچىك چېغىمدا، ئۇنىڭ قۇچىقىغا چىقىشنى، يېنىدا يېتىشنى، ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ھىدىنى ھىدلاشنى، ئۇنىڭغا سۈركۈلىۋېلىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم. تېخىمۇ كىچىك چاغلىرىمدا، ھەيبەلى ئارىلىدا ماڭا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەتكىنى ھېلىھەم ئىسىمدە: ھودۇقۇش ۋە قورقۇنچ ئىچىدە سۇنىڭ ئاستىغا چۆكۈپ كېتىۋاتقان چېغىمدا، بىردىنلا مېنى تۇتۇۋالسا، پەقەت نەپەس ئالالىغىنىم ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىۋالغىنىم ئۈچۈنمۇ سۆيۈنۈپ كېتەتتىم، يەنە چۆكۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن «دادا، مېنى قويۇۋەتمە!» دەپ توۋلايتتىم.
لېكىن ئۇ بىزنى تاشلاپ قويۇپ كېتەتتى. ئۇزاقلارغا، باشقا دۆلەتلەرگە، باشقا يەرلەرگە ۋە مەن بىلمەيدىغان قانداقتۇر بىر يەرلەرگە كېتەتتى. كىرىسلودا يېتىپ كىتاپ ئوقۇغان چاغلىرىدا، بەزىدە كۆزلىرىنى كىتابتىن يىراقلاشتۇرۇپ، بىر نەرسىلەرنى ئويلاشقا، خىيال قىلىشقا باشلايتتى. بۇنداق چاغلاردا دادام دەپ تونۇغان بۇ ئىنساننىڭ ئىچىدە مەن تېخى يىتىپ بارالمىغان باشقا بىر دۇنيانىڭ بارلىقىنى ھىس قىلاتتىم، باشقا بىر دۇنيانى ئويلاپ ئولتۇرغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بەك ھودۇقۇپ كېتەتتىم. « بىكاردىن بىكارغا ئېتىلغان ئوقتەك ھېس قىلىمەن ئۆزۈمنى» دەيتتى بەزىدە. نىمىشقىكىن بۇ گېپىگە ئاچچىغىم كېلەتتى. باشقا بەك جىق ئىشىغا ئاچچىغىم كېلەتتى. كىمنىڭ توغرا، بىلمەيمەن. بەلكى مېنىڭمۇ باشقا يەرلەرگە قېچىپ كەتكۈم باردۇ. شۇنداق بولسىمۇ، تەيبە براخمسنىڭ بىرىنچى سېمفونىيىسىنى قويۇپ، خىيالى بىر ئوركېستىرغا قولىدىكى خىيالى چوكا بىلەن بىرىلىپ دېرىژورلۇق قىلىشىنى تاماشا قىلىشنى بەك ياخشى كۆرەتتىم. پۈتۈن ھاياتىنى خۇشال-خۇرام، بەزىدە بالىلاردەك ساددىلىق ئىچىدە، بەزىدە بەك زېرەكلىك بىلەن، ئويۇن-تاماشا قىلىپ، بەك دەرت تارتماي ياشىغاندىن كېيىن، بۈتۈن بۇ تاماشالاردىن تاماشادىن باشقا بىر مەنا چىقمىغانلىقىنىڭ گۇناھىنى دۆڭگەيدىغانغا بىركىملەرنى ئىزدىشى غەزىپىمنى قوزغايتتى. يىگىرمە ياش ۋاقىتلىرىمدا « خۇدايىم ساقلىسۇن، ئۇنىڭدەك بولۇپ قالماي جۇمۇ» دېگەن چاغلىرىممۇ بولغان ئىدى. ھاياتتا ئۇنىڭدەك خۇشال، راھەت، غەمسىز ۋە چىرايلىق بولالمىغانلىقىمدىن ئىچىمنىڭ سىقىلغىنىنى ھىس قىلاتتىم بەزەن.
خېلى ئۇزۇندىن كېيىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى ۋە ھېچبىر زامان ماڭا ئازار بەرمىگەن، رەنجىتمىگەن دادامغا بولغان قىزغىنىش بىلەن غەزەپ، ئاستا-ئاستا ئارىمىزدىكى قېچىپ قۇتۇلۇش مۈمكىن بولمايدىغان ئوخشاشلىقنى تەن ئېلىشقا ئۆزگىرىپ كەتتى.
بىر ئەخمەقنى ئۆزۈمچە مەسخىرە قىلىپ كەتكىنىمدە، ئاشخانىلاردا كۈتكۈچىلەر بىلەن تاكاللاشقىنىمدا، ئۈستۈنكى كالپۇكىمنىڭ تېرىسى بىلەن توختىماي ھەپىلەشكىنىمدە، بەزى كىتابلارنى ئوقۇپ بولالماستىنلا بىر بۇلۇڭغا چۆرۈۋەتكىنىمدە، قىزىمنى سۆيۈپ قويغىنىمدا، يانچۇقىمدىن پۇل چىقارغاندا، بىرى بىلەن خۇشال ۋە چاخچاق ئارىلاش سالاملاشقىنىمدا، ئۆزۈمگە مەن خۇددى ئۇنى دوراۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كېتەتتى. بۇ، قولۇمنىڭ، بىلەكلىرىمنىڭ، دۈمبەمدىكى مەڭنىڭ ئۇنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىشىگە ئوخشىمايتتى. مېنى قورقۇتقان، تېنىمنى شۈركۈندۈرگەن ۋە بالىلىقتىكى ئۇنىڭدەك بولۇش ئارزۇيۇمنى ئەسلەتكەن نەرسە شۇكى، ئەر كىشىنىڭ ئۆلۈمى دادىسىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن باشلىنىدۇ.
تۈركچە «مەنزىرەدىن پارچىلار» ناملىق توپلامدىن