قىسىلىش
شۇنچىلىك خاتىرجەم ھالدا كىتاپ ئوقىۋاتقان ئىدىم، ئۈستەلگە بىر چەينەك چاي بىلەن قاپارتما گۈللۈك جانان چىنىنىمۇ قويىۋالدىم، ئانچە-مۇنچە پىستە بادام يىگەچ چايدىن ئوتلاپ قويۇپ، پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن قولۇمدىكى كىتاپقا بېرىلىپ كەتتىم.
بىراق بۇ ھالىتىم سىرتقى كۆرۈنۈشۈم ئىدى، سىنچى كۆزلىرىمنى يېنىمدا تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان قىزىمدىن نېرى قىلمىدىم، تامدىكى سائەتنىڭ چىكىلدىشى، دەپتەر-كىتاپلاردىن چىقىۋاتقان يېقىشلىق شىلدىر ئاۋازدىن باشقا قىزىم بىلەن ئىككىمىزنىڭ بوش تىنىقلىرى بۇ ئۆيدە ئادەم بارلىقىنى ئەسكە سالاتتى.
تۇيۇقسىز قىزىم ئۈنلۈك ئاۋازدا كىتاۋىدىكى بىر يەرنى ئوقۇشقا باشلىدى.
-شۇنداق بۇ بالامنى يۆگىۋالسام ياخشى بولاتتى، دەيدۇ ھېلىقى ئايال مۇستاپا كامالغا مەردانىلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ. لېكىن ھارۋىدىكى قۇرال ياراقلار ھۆل بولۇپ كەتسە ۋەتەن مۇنقەرىز بولىدۇ، بالام ئۆلۈپ كەتسە تۇغۇۋالسام بولىدۇ، ئەمما ۋەتەننى قايتا تۇغقىلى بولمايدۇ.
ئۇ يۇقارقى پارچىنى دۇدۇقلاپ تۇرۇپ بىر قېتىم ئوقۇدى، كەينىدىن يەنە بىر ئوقىدى، ئاندىن شۇنچىلىك جاراڭلىق ئاۋازدا، خۇددى ئاجايىپ يۇغان بىر سەھنىدە دېكىلماتسىيە قىلىۋاتقاندەك كەيپىياتتا قايتا بىر ئوقىدى.
ئۇنىڭ يۇمران چاچلىرى ئۇماق پىشانىسىگە چۈشىۋالغان بولۇپ، كۆزلىرى تېنىق كۆل سۈيىدەك غۇبارسىز ئىدى. تولىمۇ رايىش كۆرىنىدىغان بۇرنىنىڭ ئاستىدىكى نىپىز لەۋلىرى قىزغۇچ غۇنچە بەرگىنى ئەسلىتەتتى.
ئۇ ھەممە نەرسىگە قىزىقاتتى، ھاياتقا كۈلۈپ باقالايتتى، ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىقىدىغان شوخ كۈلكىلىرى بىلەن مېنى شاتلاندۇرالايتتى.
ئىككىمىز بىرلىكتە ئۆي تازلايتۇق، تاماق ئېتەتتۇق، يەنە تېخى بىرلىكتە قونچاق ئوينايتۇق. ھەر قېتىم تۈگۈپ تاماق ئېتىشقا توغرا كەلگەندە، قىيمىلارنى قېلىپ بولۇپ ئۇنىڭ مەكتەپتىن كېلىشىنى ساقلايتتىم، ئۇ كېلەتتى، جىلتە ئاچاتتى، مەن تۈگەتتىم، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاچقان جىلتىلىرىدىن پەخىرلىنەتتى. پىلتىڭلاپ ئويناشلىرى، ئەينەككە قاراپ چاچ تاراشلىرى، كىيىملىرىنى تاللاشلىرى…
ئۇ ئەمدىلا تېخى ئون ياشقا كىرگەن ئىدى، چوڭ بولسام دوختۇر بولىمەن دەيتتى.
ئۇنىڭ كىچىككىنە ۋۇجۇدى ھەر خىل گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن لىق تولغان ئىدى، ئۇنى ئاۋايلايتتىم، شۇ قەدەر ياخشى كۆرەتتىم.
ئۇ ئاشۇ ئابزاسنى ئوقۇپ بولۇپ ماڭا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى.بەلكىم يېرىم مىنۇت سۈكۈت قىلغاندۇ، نۇرغۇن ئىشلارنى كۆڭۈل ئېكرانىدا ئۆتكۈزۈپ باققاندۇ.
چايدىن بىر ئۆتلىۋىتىپ، ئۈستەلگە تايىنىپ ئىڭىكىمنى يۈلەپ ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۇنىڭغا يۈزلەندىم، لېكىن كۆزۈمدىن بالقىپ تۇردىغان ئانىلىق مېھرىمنى سېخىلىق بىلەن مەيلىگە قويىۋەتتىم.
ئۇ قولىدىكى كىتاپقا بىر- ماڭا بىرقارىدى، ھېلىقى پارچىنى يەنە ئوقۇغىسى كەلدى، لېكىن ئۇنداق قىلمىدى.
ئاشۇ پارچىنىڭ مەزمۇنى بۇيۇنچە ۋەتەن توغۇرلۇق جانلىق بىر چۈشەنچە بىرىش خىيالىنى قىلىۋاتاتتىم، بەزەن ئوتلۇق ئىبارىلەرنىمۇ تەييارلىۋىلىشقا ئۈلگۈرگەن ئىدىم.
لېكىن ئۇنىڭ ئاشۇ غۇنچە كەبى سۆيۈملۈك لەۋلىرىدىن، دانە-دانە ھالدا-ئاپا ئەگەر ئاشۇ ئانا سىز بولغان بولسىڭىز، مېنى سوغاقتا توڭلۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، مۇنقەرىزسىز ۋەتەندە يەنە بىر بالا تۇغۇۋالامتىڭىز؟ دىگەن سۆزلەر كۆز ياشلىرى بىلەن تەڭ ئېتىلنىپ چىقتى.
قانداق ئولتۇرغان بولسام شۇ پېتىم قېتىپ قالدىم، ئاغزىم گەپكە كەلمىدى، ھېچنىمە دىيەلمىدىم، يۈرۈكۈم پىچاق بىلەن قوچىغاندەك ئاغرىپ كەتتى. تىنىقلىرىممۇ يېتىشمەي قالدى.
مەن ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلالمايتتىم، ئۇ مېنىڭ يۈرەك پارەم تۇرسا، پەرزەنتىمنىڭ زۇۋالىغا سەۋەپچى بولۇش بەدىلىگە كېلىدىغان ھەر قانداق شان-شەرەپ مەن ئۈچۈن ھارام بولسۇن!
ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، بۇ ھېكايەتنى مەنمۇ نۇرغۇن قېتىم ئوقىغان، ھەر قېتىم ئوقىغىنىمدا قانلىرىم قىزىغاندەك ھېسياتتا ھاياجانلانغان ئىدىم، بىراق بۇ قېتىم ئۇنداق بولمۇدۇم، سۆزلىمەكچى بولدۇم، تىلىم قېتىپ قالغاندەك كىكەچلەپ تۇرۇپ بىر نەرسىلەر دىدىم، لېكىن ئۆزەم ئاڭلىيالمىدىم، بەلكىم قىزىممۇ ئاڭلىيالمىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ مېنى قۇچاقلىدى، يېقىشلىق سۈت پۇراپ تۇرىدىغان ئاغزىنى مەڭزىمگە چىڭ باستى. ھەر ئىككىلمىز ئۈنسىز يىغلاۋاتاتتۇق.
تاراملاپ ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ تۇرۇپ ئۇلۇغ ئاللاھتىن بۇنداق تاللاشقا دۇچار قىلماسلىقنى تىلىدىم.