سانىماق
كۆڭلۈم يېرىم بولغان ۋاقىتلىرىمدا مەن ئۆزۈمدە بار بولغان خۇشاللىقلارنى سانايمەن. مېنىڭ مېنى گۆھەردەك ئەتىۋالايدىغان دادام، كۆزلىرى يوغان جىيەن ئوغلۇم، ئىنتايىن مۇلايىم سۆيگىنىم، خىزمىتىم، ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىشكاپ كىيىملىرىم، تېخى تولۇق كۆرۈپ بولالمىغان بىر يۈرۈش قىممەتلىك «سۇ بويىدا» ناملىق رومانىم بار.
مەن ئۆزۈم بىلىدىغان كوچىلاردا ئەركىن-ئازادە ماڭالايمەن. مەن تەڭرىگە ئىشىنىمەن. مېنىڭ باشقىلار ئالدىدا خىجالىتىم يوق. مېنىڭ كەلگۈسۈم پارلاق بولمىسىمۇ، ئەمما قاراڭغۇ ئەمەس. مېنىڭ يامان نىيىتىممۇ يوق. مېنىڭ شۇنداق راھەت ئۆيۈم بار.
مەن ئۆزۈمدە كەم بولغان نەرسىلەرنى سانىمايمەن، پەقەت ئۆزۈمدە بار بولغان نەرسىلەردىن ھوزۇر ئالىمەن. ھېچ كىشى بارچە دۇنياغا خوجا بولالمايدۇ، شۇنداقلا بارچە پايدىدىن يالغۇز بەھرىلىنەلمەيدۇ. مېنىڭ بۇنداق غەرىزىممۇ يوق. مەن پەقەت ئۆزۈمدە بار بولغان بەختتىن ھوزۇرلىنالماي، ئىسراپ قىلىۋېتىشىمدىن قورقىمەن.
مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 11-ساندىن ئېلىندى