نويابىر 21, 2024
تۇپراق

ئانتونىي دې مىللو (ھېندىستان)

پىرھەزرەت كېسەل كارۋىتىدا بىرقانچە ھەپتە ھوشسىز ياتتى. بىركۈنى ئۇ توساتتىن ئىسگە كېلىپ، كۆزىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر شاگىرتىنىڭ كارۋىتى يىنىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى.
– بۇ كۈنلەردە سەن كارۋىتىم يىنىدىن ئايرىلىپ باقمىدىڭ، شۇنداقمۇ؟- دەپ سورىدى ئاجىزغىنە ئاۋازدا.
– شۇنداق، مەن سىلىدىن ئايرىلالمايمەن ئۇستاز.
– نېمە ئۈچۈن ؟
– چۈنكى سىلى ھاياتىمنى يورۇتقان نۇر.
شاگىرتىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان پىرھەزرەت تولىمۇ خۇرسىنغان بىر ھالدا شۇنداق دېدى :
-مېنىڭ نۇرۇم كۆزنى شۇنچە قاماشتۇرامدۇ، ئۇساڭا تاكى ھازىرغىچە ئۆزھۇجۇدۇڭدىكى نۇرنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بەرمىدىمۇ؟

خەنزۇچە ئوقۇرمەنلەر تورژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 21-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

ئىزدىنىش تورى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ