شامالغا يۈزلىنىپ قانچىلىك تېز مېڭىشقا قۇربۇم يەتسە شۇنچىلىك تېز ماڭدىم. قىزلار، ئاياللار، ئەرلەر، يىگىتلەر، ئۇيغۇرلار، خەنزۇلار… قارشىمدىن نۇرغۇن ئادەملەر ماڭا ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل كېلىپ، تەنلىرىمنىڭ ئىككى يېقىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ مەندىن ئۇزاپ كېتىشتى، ئۇلاردىن قانچە يىراقلىغانسىرى شۇنچە يالغۇز قېلىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ تۇردۇم. لېكىن مېڭىۋەردىم، يول تۈگىمەيتتى، مېنىڭ بىر ئۆمۈر مېڭىشىمغا يېتەتتى.
مېنىڭ شۇ قىسمەتلىرىم تۇغۇلۇشۇمدىنلا پىشانەمگە پۈتۈلۈپ كەتكەن، سېنى سۈيەتتىم، ئېرىشەلمىگىنىم ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئىنتىلەتتىم، ھامان ئايرىلىپ كېتىدىغىنىمىز ئېنىق بولغاچقا، سەن مەندىن ئۆزەڭنى قاچۈراتتىڭ، لېكىن ئازاپلىرىڭ كۆزلىرىڭدىن چىقىپلا تۇراتتى، ئەپسۇس… مەن ئۇ كۆزلەرنى قايتا كۆرۈپ باقمىدىم.
ھاياتىمدا نۇرغۇن ئەرلەرنى ئۇچراتتىم، ھېچ قايسىنى ساڭا ئوخشىتالمىدىم، ئۇلار ماڭا قانچە يېقىنلاشسا ئۇلاردىن شۇنچە يىراققا قاچتىم. يۈرۈكۈم ماڭا،-ئۇ ئەمەس، ئۇ ھەرگىز ئەمەس-. دەپ ئەسكەرتىپ تۇردى. مېنى خاتىرجەم خىيال قىلغىلىمۇ قويمىدى. تەپەككۆردىن ئايرىلىپ، ئاددىلاشماقچى بولدۇم، بەزىدە مۇھەببەتكە ئوخشايدىغان نەرسىلەرگە غىل-پال ئىلنىشىپمۇ قالغان بولدۇم، ئاقىۋەت خەيرىلىك بولمىدى، ھەر قېتىملىق خىيالىي مەنزىرلىرىم تۇماندەك تارقاپ كېتىۋەردى، ھاياتىمغا ئەقلىم مۇستەبىتلەرچە ئارلاشتى، ھېچكىم ساڭا ئوخشىمىدى، ھېچكىم…
بۇ شۇنداق مۇزىكا، باس ئىسكىرۇپكىدا ئورۇندالغان، بۇغۇق ھەم تەسىرلىك چىقىدۇ. مېنى ئۆزىگە پۈتۈنلەي رام قىلىۋالىدۇ. ھەر دەقىق ئۇنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. سېغىنىشلىرىمنى ئەۋجىگە چىقىرىمەن. ئۆزەمنى ئازاپلايمەن، شۇنداق قىلسام ئىلگىرى ئېرىشكەن ئاشۇ مۇھەببىتىم تېخىمۇ شېرىن ئەسلىنىدۇ.
بۈگۈن قانداق كۈن؟ ئەقلىمنى مەجبۇرلاپ يۈرۈپ ئۆزەمدىن يىراقلاشتۈردۈم. ھەممە كىشى شائىر بولۇپ كەتكەندەك ھاياجان ئىچىدە يۈرىشىدۇ، دەبدەبىلىك گەپلەرنى قىلىشىدۇ، ئەينەكلەردىن ئۆزلىرىنىڭ سىماھلىرىنى ھەيۋەت كۆرىشىدۇ. بىكار قالغانلىرىدا مېنى مازاق قىلىدۇ، ئۇلار تېتىقسىز پاراڭلار بىلەن كۆڭۈللىرىنى ئاۋۇندۇرغاچ ماڭا ئىچ ئاغرىتىدۇ، ئەمىلىيەتتە بولسا ماڭا تارلىق قىلىدۇ، ھەسەت قىلىدۇ، ئۇلار ئېرىشتى، ئېرىشپلا قىممىتى يوقالغان چەكنى كۆردى، ئالقانلىرى قۇپقۇرۇق ئىدى. ماڭا شۇ چەكلىرىنى كۆز-كۆز قېلىپ پولاڭلىتىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ قىزارغان يۈزلىرىنى كۆردۈم، ئۇلار قانچىلىك يىراقلىقتا نىمىلاقىلمىسۇن، ھامان ساختا نەرسىلەرنى كۈچەپ داملىتىۋاتقانلىقى ماڭا ئايان ئىدى،ئۇلارمۇ بۇنى بىلىشەتتى، مەندىكى ھەققىي مۇھەببەت، مەن ئېرىشەلمىدىم، لېكىن ئېرىشەلمىگەنسىرى بۇ مۇھەببەتنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۇلارچۇ؟ يۈرەكلىرىنى تۇتۇپ باقسۇن!
بۈگۈن شۇنداق كۈن، شۇ كىشىلەرنىڭ سېپىغا قوشۇلماقچى بولدۇم. ئۇزۇندىن بېرى بىرسى بىلەن ئارلىشىپ يۈردۈم، ساڭا ئوخشىتالمىساممۇ ماڭا ھامىنى بىر تۇرمۇش كېرەك بولاتتى، ئۇنىڭدىن ئۆزەمنى ۋابادىن قاچۈرغاندەك قوغدايتىم، يېقىن كېلىشىگە يول قويمايتتىم. بۈگۈن كۆرەشمەكچى بولدۇق، تېلفۇندىكى ئەرنىڭ ئاۋازى ئىنتىزارلىق ھەم تەھدىت ئارلاش چىقىۋاتىدۇ، يەنە بەزى يۈشۈرۈن بىشارەتلەرمۇ بار. بەلكىم ھېسىياتتى راستۇ،يول قويۇشۇم كېرەكتۇ.
كۆز ئالدىمدا سەن پەيدا بولدۇڭ، قوپاللىق بىلەن ئۆزەمنى سىلكىۋەتتىم. -بولدى قىل ئەمدى، نىمانچە قىلىسەن يوق ئادەمگە، ئۇ سېنى تاشلىۋەتكەن ، ئەمدى ساخلىما! يېڭى مۇھەببەت ئۈچۈن قوينىڭنى ئاچ! دىدىم.
ئايرىمخانىلىق قەھۋەخانىدا، مېنى ساخلاۋاتقان كىشىنىڭ يېنىدا ھازىر بولدۇم. يېقىمسىز ئاۋازدا دىيىلىۋاتقان گەپلەرگە سۈكۈت قىلدىم، ئەدەپ يۈزسىدىن ئۆزەمنى خوشال تۇتتۇم. ئۇ يېنىمغا يۆتكەلگەندىمۇ، قوللىرىمنى تۇتقاندىمۇ، ھاياجان ئىچىدە تىترەپ تۈرۈپ لەۋلىرىمگە سۆيگەندىمۇ ئۆزەمنى يوقاتمىدىم. شۇنچىلىك تەمكىن بولۇپ كەتتىمكى، رولغا چۆكۈپ كەتكەن ئەرتىس بىكار قالسۇن،بەك ياخشى ماسلاشتىم، ئۇمۇ رازى بولدى، كەلگۈسىدىكى تويلار، ئاقماس ۋەدىلەرنى قۇلاق تۈۋۈمدە ياغدۇرۋەتتى.
خوش خەۋەرلىرىمىزنى چوڭلارغا يەتكۈزىمەن دىدىم، ئۇنىڭ ئەمدى يېنىمدا بولىشىنى خالىمايتتىم، ھەر سەۋەپ بىلەن ئالدىراش ئۇنىڭدىن ئايرىلدىم.
مانا شۇنداق ئالدىراش چىقىپ شامالنىڭ قارشىسىدىن ماڭدىم، شاماللار ئۇنىڭ كىيىملىرىمگە يۇقۇپ قالغان پۇراقلىرىنى ئۇچۇرۇپ كەتسۇن دىدىم، قانچىلىك تېز ماڭالىسام شۇنچىلىك تېز ماڭدىم.
ئۆيگە كىرىپلا ھەممە كىيىمىمنى سېلىپ تاشلىرىم، مۇنچىنى توكقا چاتتىم. سۇنىڭ قىززىشىغا ئۈلگۈرەلمىدىم،باشتا مۇزدەك ئاندىن بارا-بارا ئىللىۋاتقان سۇدا، ئۇنىڭ لېۋى تەككەن يەرلەرنى قايتا-قايتا يۇدۇم، تاتىلاپ-تاتىلاپ، مۇنچا لۈڭگىسىدە كۈچەپ ئۇۋۇلاپ يۇدۇم، ئوچۇق قالغان مەيدىلىرىمدىن نەپرەتلەندىم، خالىسام پىچاقتا قىرار ئىدىم، شۇندىمۇ ئۆچمەنلىك بىلەن شۇ جايلارنى كۈچەپ يۇيۇشنى توختاتمىدىم.
سۇ بارغانسىرى قىززىپ كەتتى، مۇرىلىرىمدىن ئېقىپ چۈشۈپ تەنلىرىمنى كۆيدۈردى، يۈرەكنىڭ كۈيۈشلىرىنىڭ ئالدىدا بۇ نىمىگىمۇ كار قىلسۇن،چاچلىرىم يۈزلىرىمگە چاپلىشىپ كەتتى، كۆز ياشلىرىم تاراملاپ تۆكۈلمەكتە، سەن نەدە مەن بۇلغاندىم، مۇھەببىتىمگە ئاسىلىق قىلدىم، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەكچى بولدۇم، بەدەنلىرىم كۈيىۋاتىدۇ. جازالىرىم شۇ. سەن زادى نەدە؟ ھالىمنى كۆرسەڭ، يېنىمغا قايتساڭ بولماسمۇ؟!…
مۇرەمدىن ئارتىلىپ يۈرۈكۈمگە يېقىن ئالقاندەك يەر كۈيۈپ قالدى، قىپ-قىزىل قاپىرىپ چىقتى، بار كۈچۈم بىلەن شۇ يەرنى تاتلىدىم، قاپارتقۇ تىتىلىپ كەتتى، قانلىرىم تەپچىرەپ چىقىپ كۆز ياشلىرىمدەك تامچىلىدى. ھالسىزلىنىپ يۇيۇشتىن توختۇدۇم.
ئەتىسى بۇ جاي شەلۋەرىدى، كارىم بولمىدى، نەچچە كۈن ئۆتۈپ يىرىڭلىدى، خوش بولدۇم، يۈرۈكۈمدىكى ئازاپ سىرتىمغا تەپكەندەك راھەتلىنىپ قالدىم. بىر كۈنلەرگە كېلىپ بۇ جاي چوقۇم سېسىپ كېتىدۇ، مەن ئۇنىڭ ساقىيىشىغا يول قويمايمەن، بۇ دۇنيادىكى داۋاسى تەلتۆكۈس تېپىلماس بولغاندا، ئاندىن دوختۇرنىڭ ئالدىغا بارىمەن، تاكى ئۇ بۇ يىرىڭلىق جاراھەتنى كېسىۋىتىش تەكلىۋىنى بەرگىچە مۇشۇنداق ياشايمەن. دوختۇر بۇ جاينى كېسىشكە تەمشەلگەندە ئۇنىڭدىن يۈرۈكۈمنىمۇ بىللە ئۇيۇپ ئېلىۋىتىشنى ئىلتىماس قىلىمەن، بۇ تويماس يۈرەك شۇ چاغدىلا ئارام تاپىدۇ، سېنىڭ مۇھەببىتىڭمۇ مەڭگۈ يوقالماي ساقلىنىپ قالىدۇ.