orhan pamuk

ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا) تەرجىمىسى

   خاتىرە دەپتەرلىرىمنى ئىچىم سىقىلغان، پۇشايمان ۋە خىجىللىق ئىچىدە ۋاراقلاۋېتىپ، 1987- يىلى يازغان، بىر چۈشۈم ھەققىدىكى يازمامغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. چۈش كۆرگەن كېچىنىڭ ئەتىسى سەھەردە، يېزىق ئۈستىلىمگە ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا يېزىپ قويغان بولۇش ئىھتىماللىقىم چوڭ بولغان ئۇ يازما تۆۋەندىكىدەك ئىدى:

   26-ئاپرېل يەكشەنبە
«يەنە بىر قورقۇنچلۇق چۈش! بۇرنۇمنىڭ ئۈستى ئاغرىۋاتقانمىش. ئەينەككە قاراۋاتقۇدەكمەن ۋە ئاغرىقنى پەسلىتىش، داۋالاش ئۈچۈن بۇرنۇمنى بارماقلىرىمنىڭ ئارىسىغا ئالغۇدەكمىشمەن. بىردەم ھەپىلەشكەندىن كېيىن، بۇرنۇم خۇددى يۈزۈمنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئاستاغىنە يېپىشتۇرۇپ قويۇلغان چىرىمتال پارچىسىدەك شىپپىدە  قولۇمغا چىقىپ قالغۇدەكمىش، نىپىز بىر چىرىمتال سۆڭەك! ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە كۆرۈپتىمىشمەن. بۇرنۇمنىڭ ئورنىدىكى بوشلۇقتا كۆمۈردەك قاپقارا بىر تۆشۈك تۇرغۇدەك، نە قان، نە گۆش، نە تومۇر، نە سۆڭەك يوق. بۇ قورقۇنچلۇق ئۆڭكۈر قاپقاراڭغۇ ۋە پاك-پاكىز ئىمىش! شۇنىڭ بىلەن كىچىك چېغىمدا ئەينەككە قاراپ چىرايىمنى پۈرۈشتۈرگەن چاغدىكىگە ئوخشاش قىزىقسىنىش بىلەن بارماقلىرىمنى بۇ قاراڭغۇ ۋە كەڭرى بوشلۇققا تىققۇدەكمىشمەن، سەل ئۈستىدە مېڭەمنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭغا چېقىلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرغۇدەكمەن، لېكىن قولۇمنى، قىزىقىپ ئاران تۇرغان قولۇمنى تۇتالمىغۇدەكمەن ۋە  بارماقلىرىم مېڭەمنى ئاستى تەرەپتىن قوچۇشقا باشلىغۇدەكمىش. ۋاي خۇدايىم، نىمىشقا بۇنداق قىلغاندىمەن! بۇزۇلسا ئوڭشىغىلى بولمايدىغان نەرسە بۇ، مېڭەمنى كاردىن چىقىرىۋاتىمەن، قولۇمنى تارتىشىم كېرەك دېگەندەك ئويلار بىلەن پۇشايماندا قېلىۋاتقۇدەكمەن، لېكىن سوزۇلغان بارماقلىرىم مېڭەمنىڭ ئاستى تەرىپىنى ھېلىغىچە قىزىقسىنىش ۋە قورقۇنچ ئىچىدە كوچىلاپ تۇرغۇدەكمىش. ئاندىن  پۇشايمان ئىچىدە،  ئۆزۈمنى تۇتالماي قىلىپ سالغان بۇ ئىشتىن كېيىن ، مەن  شۇنداق بولۇپ قالارمىكىن  دەپ ئەندىشە قىلغان ئاقىۋەت كېلىپ چىققانمىش: بېشىم قايغۇدەكمىش، دۇنيامۇ پىرقىراشقا باشلىغۇدەكمىش، ئەمدى تۈگىشىدىغان بولدۇم، ئۆلىدىغان ئوخشايمەن، پالەچ بولۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن، ئىشىم چاتاق بولىدىغان بولدى…دېگەندەك خىياللار بىلەن پۇشايمان ۋە پاراكەندىچىلىك ئىچىدە چۈشۈمدىن ئويغىنىپتىمەن!»

ئالدى بىلەن چۈشۈمنىڭ ماتېرىياللىرى بولغان خىياللار، نەرسىلەر ھەققىدە ۋە ئۇلارنى ماڭا بۇ قەدەر يېقىن ۋە تونۇش قىلغان سەۋەبلەر ھەققىدە ئىككى ئىغىز گەپ قىلاي.
ئەينەكنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ يۈزۈم بىلەن ھەپىلەشمەك.
  بۇ ئەسلىدە بالىلىق چېغىمدا ئەمەس، بەلكى 18-19 ياشلىرىمدا تولا قىلىدىغان بىر ئىش ئىدى. بەزىدە يۈزۈمدىكى دانخورەكلەرنى تاتلاش ئۈچۈن(دانخورەكقۇ بەك جىق ئەمەستى) شۇنداق قىلاتتىم، بەزىدە سارتېرىنى دوراپ قىلغان مەۋجۇدىيەتچىلىك كىرىزىسى سىناقلىرى سەۋەبىدىن شۇنداق بولۇپ قالاتتى. ھەر ئىككىلىسى كاللامدا مەينەتچىلىك ۋە گۇناھ تۇيغۇسى بىلەن بىرلىشەتتى.  پەلسەپىۋىي كىرىزىسنىڭ يېرىمى، ئۆگىنىلگەن كىتابى بىر سىقىلىش ۋە نەپرەتتىن تۇغۇلاتتى… قالغان يېرىمى، ئائىلەمدە، ئەتراپىمدا كۆرۈپ ياشىغان ئادەتتىكى بۇرژۇئا ھاياتىغا بولغان نەپرەتتىن، ساختىپەزلىكلەرگە بولغان ئاچچىغىمدىن شەكىللىنەتتى. مەينەتچىلىك تۇيغۇسى، شۇ چاغلاردىكى كەڭ تارقالغان قاراشلارغا مۇناسىپ ھالدا، يۈزۈمدىكى دانخورەكلەرنى كاللامدا ئانانىزىم بىلەن بىرلەشتۈرىۋاتاتتى. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىمىزدا تولا تىلغا ئېلىنىدىغان بۇ گۇناھ  كاللامدا ھەمىشە  كەيىپكە باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن خۇمارۋازلار بىلەن بىرلىشىپ قالاتتى. زابايلار، ئاق چەككۈچىلەر ۋاھاكازا…
   بىر خاتىرە: ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىكى چېغىمىزدا قوڭغۇراق چېلىنىپ، ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن شىشلى تەراككى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپنىڭ ئاشخانا ۋە دەرسخانا پۇراپ تۇرغان پەللەمپەيلىرىدىن چۈشۈۋاتاتتۇق… سىنىپ كۆچەلمىگەچكە قوشماق ياماقچىلار دەپ ئاتىلىپ قالغان، مەندىن چوڭ ئىككى ساۋاقداش بار ئىدى يېنىمدا… ئارقا رەتتە ئولتۇرىدىغان، دەرسلەرنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويماي بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈشۈپ تۇرىدىغان بۇ ئىككى «ھورۇن» نىڭ بىرى پىلدەك يوغان ۋە ھەمىشە تەرلەپلا تۇرىدىغان پور سىمىز ئىدى. يەنە بىرى بولسا ئورۇق، ئاچچىغى يامان، يوغان يېشىل كۆزلۈك بىر كىكەچ ئىدى. پەللەمپەيلەردىن چۈشكەچ كىكەچ بولغىنى كىكەچلەپ تۇرۇپ ھەرقانداق بىر سۆز سۆزلىمەستىن، خۇددى بىر چۈشتىكىگە ئوخشاش گەپ-سۆز قىلماي، قاراشلىرى بىلەن مەندىن بىر سۇئال سورىدى:«سەنمۇ قىلىۋاتامسەن؟» «ياق،» دېدىم مەن ئىككى يۈزلىمىلىك بىلەن ۋە تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولسۇن دەپ ئۇ ئىشنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغاندەك قىلىپ قويدۇم. گۇناھكار كىكەچ بىردىنلا ئاكىلاردەك بىر خىل ھاياجاندا :ھەرگىز باشلىما، ئەسلا قىلما» دەپ ئاگاھلاندۇرۇشقا باشلىدى. «مەن بەك پۇشايمان قىلىمەن، پۈتۈن كۈچۈم تۈگىدى، ھەر قېتىمدا بەك پۇشايمان قىلىپ كېتىمەن!»  يېنىدىكى خوزنەك قېتىش سېمىزمۇ گۇناھكارانە قاراشلىرى بىلەن ئاغىنىسىنى شۇنداق بىر تەستىقلىدىكى، ئۇ ئىككىسىنىڭ بۇ ئىشنى بىللە قىلىدىغانلىقىنى، ھاياتىنىڭ ئاللىقاچان تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئويلىغان ئىدىم. خىيالىمدا ئانانىزىم قىلىۋېرىپ سىل بولۇپ كەتكەن، كۆزلىرى كاردىن چىققان گۇناھكارلارنىڭ قاتارىغا زىيادە سېمىزلەر، كىكەچلەر ۋە ھەتتا سىنىپتىلا ئانانىزىم قىلىدىغان كاللىسى يوق لەقۋالارمۇ قوشۇلۇۋاتاتتى.
  ۋاي خۇدايىم، نىمىشقا بۇنداق قىلغاندىمەن! ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن بىرسىنى ئۆلتۈرىۋېتىشىمنى ، ماڭا جىق ياخشىلىق قىلغان، ياشانغان ۋە مۆھتىرەم بىر ئايالنىڭ بېشىغا بىكاردىن-بىكارغا بىر مۇشت سېلىشىمنى ئويلىغان چاغلاردا ياكى ئاۋۇ ئادەمنى ماشىنىنىڭ ئاستىغا ئىتتىرىۋەتسەم ۋە تۇتۇلۇپ قالسام دەپ خىيال قىلغان چاغلاردا، ئاشۇنداق دەپ ۋارقىرايدىغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. ئەركىلىتەي دەپ قولۇمغا ئالغان بوۋاقنىڭ بېشىنى ئىشىككە راستىنلا ئۇرۇپ سالغاندا، قورقۇنچلۇق بىر قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلغىنىمنى خىيال قىلغان چېغىمدا مۇشۇنداق دەپ كېتىمەن ئۆز-ئۆزۈمگە.

مېڭەمنى كاردىن چىقىرىۋاتىمەن، قولۇمنى تارتىشىم كېرەك!
  مەينەت ۋە گۇناھكار قوللىرىمىز بىلەن ئەقىل ۋە روھ دېگەن ئۇلۇغ نەرسىلەرنى بۇلغايمىز. تەن بىلەن روھ مۇناسىۋىتىنىڭ مەينەتلىك بىلەن پاكىزلىق، ئاسمان بىلەن يەر مۇناسىۋىتى ئەمەسلىكىنى چۈشىنىشىم ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ ۋاقىت ئۆتىشى كېرەك ئىدى! تېنىمنى روھىمنى بۇلغايدىغان نەرسە دەپ قاراشنى تاشلاپ، روھىمنى تېنىمگە ماسلىشىدىغان نەرسە دەپ ئويلايدىغان بولغاندىن كېيىن، ھايات چىدىغۇسىز بولۇشتىن بىر ئاز قېلىشقا باشلىدى. قول بىلەن بۇزۇلغان مېڭىگە ئەڭ ياخشى ئۆرنەك كۇبرىكنىڭ 2001- يىلىدىكى « ئالەمگە سەپەر» دېگەن فىلىمىدا بار. ئالەم بوشلۇقىدا، HAL ئىسىملىك ئىنتايىن ئەقىللىق كومپيۇتېرنىڭ ئىچىگە كىرگەن باش قەھرىمان ئۇنى قوللىرى بىلەن بۇزىدۇ.  HAL نىڭ ئىسمىنىڭ IBM گە ئەۋەتىلىپ ياسالغانلىقىنى ( بىر ھەرپتىن ئالدىغا مېڭىڭ )  ئۇققان چېغىمدا تېنىم شۈركۈنۈپ كەتكەن ئىدى. ئەقىل جەھەتتە ھەرۋاقىت مەن بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقانلىقىدىن ماختانغان دادام ئۇ چاغلاردا IBMنىڭ تۈركىيەدىكى دېرىكتورى ئىدى. ئۇ چاغلاردا تەننى جۇغۇلتىدىغان يەنە بىر تېما بولسا « 2001-يىلى كۇبرىكنىڭ فىلمىدىكى ئىشلار راست يۈز بېرەرمۇ ۋە مەن قانداق قىلىمەن؟» دېگەن سۇئال ئىدى. 2001- يىلى كەلگەندە خاتىرلەپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان بىردىنبىر ئىش، پۈتۈن بۇلارنى، چۈشلىرىمنى، بەك يىراقتىكى 2001- يىلىنى خىيال قىلىشلىرىمنى ئەسلەش بولدى.
چۈشۈمدە ئەڭ كۆپ كەچكەن سۆز: پۇشايمان.
تېمىسى ۋە ماتېرىياللىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن بۇ چۈشۈمنىڭ تۇيغۇسى ھەققىدىمۇ بىر-ئىككى ئېغىز گەپ قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ. ھەر بىر چۈشنىڭ كېيىن ئىسىمىزدە قالىدىغان بىر-ئىككى رەسىمى، كۆرۈنىشى (بەزىدە بەدەننى تىكەنلەشتۈرىدىغان، بەزىدە كۈلكىلىك) بىلەن بىرلىكتە، ئېنىق بىر خىل تۇيغۇسى بولىدۇ مەندە. ھەر بىر چۈشنىڭ رەڭگىدەك بىر نەرسە. بۇ چۈشنىڭ ھەل قىلغۇچ تۇيغۇسى گۇناھ تۇيغۇسىدۇر.
چۈشلىرىمدە قورقۇنچ، جىددىيلىشىش، ئىستەك، مەغلۇبىيەت، خۇشاللىق قاتارلىق تۇيغۇلار ھەمىشە ئۈستۈنلۈك ئىگەللەيدۇ. بەزىدە  بىر چۈشنى ئۆزۈممۇ چۈشەنمىگەن بىر پۇتبول مۇسابىقىسىنى پەرۋاسىز كۆرگەندەك كۆرگەن چاغلىرىممۇ بولىدۇ. لېكىن بۇ چۈشۈمدىكىسىگە ئوخشاش، گۇناھ تۇيغۇسى چۈشلىرىمدا ئەڭ كۆپ ئىپادىلەنگەن رەڭدۇر. بۇ خىل گۇناھ تۇيغۇسىنى كۈندىلىك ھاياتىمدىمۇ ئەڭ كۆپ ھىس قىلغان نەرسە، دەپ ئېيتالايمەن. بۇرۇن بۇ تۇيغۇنى پەرق ئىتەلمەي بىر خىل جىددىيلىك ۋە ئازاب ھىس قىلاتتىم. كېيىن بۇ تۇيغۇلارنى تەھلىل قىلىپ باقتىم ۋە ئوتتۇز ياش چاغلىرىمدا ئۆز-ئۆزۈمدىن بۇ قەدەر دەردىنى تارتقان بۇ گۇناھ تۇيغۇسىنىڭ سەۋەبلىرىنى پات-پات سورايدىغان بولدۇم. (باشقىلار ئىگە چىقمىغان بىر نەرسە، بىلىنەر-بىلىنمەس خۇشاللىق ۋە بىر ئىشنى ۋاقتىدا پۈتتۈرەلمەسلىك قاتارلىق ئىشلار ماڭا گۇناھ تۇيغۇسى بېرەتتى.) شۇ چاغدا بۇ تۇيغۇنىڭ قېشىدىلا ئىچىمدە كۈتۈپ تۇرغان قورقۇنچنى، جازاغا تارتىلىش ئەندىشىسىنى بايقايتتىم ۋە ئىچىمدىكى گۇناھ تۇيغۇسىنىڭ ئۇنچىۋېلا «ئېسىل» بىر تۇيغۇ ئەمەسلىكىنى چۈشىنەتتىم. گۇناھ تۇيغۇسى بەلكىم بېشىمىزغا كېلىشى ھەقلىق بولغان جازادىن قورقۇش ۋە ئۇ جازانى ئىستەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ قورقۇش بىلەن ئالاقىدار بىر تەرىپى بار. بۇ نۇقتىدىن ئۆزۈم ئىچىدە ياشىغان كۈلتۈر دۇنياسىدا جەسۇر كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپلىكى بىلەن ئۆزىنى گۇناھكار ھىس قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بەك ئازلىقى ئارىسىدا بىر مۇناسىۋەت قۇرغىلى بولۇش مۈمكىن. پەقەت ئۆزلىرىنى ئىنتايىن جەسۇر ۋە ھەقلىق دەپ قارىغان كۈلتۈر ۋە خەلقلەر، چوڭ جىنايەتلەرنى سادىر قىلىپ، نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ھېچقانداق گۇناھكارلىق ھىس قىلماي كېتىۋېرەلەيدۇ.
ئەمدى بولسا گۇناھ تۇيغۇسىنىڭ ھېچبىر سەۋەبى يوق دېگەن قاراشتىمەن. بەزىلەر تۇغۇلغاندا گۇناھ تۇيغۇسى بىلەن تۇغۇلىدۇ، بەزىلەردە بۇ تۇيغۇدىن ئەسەرمۇ بولمايدۇ. تۇغۇلۇشتىن ھېچقانداق گۇناھ تۇيغۇسى بولمىغانلارنىڭ بىرلا قورقۇنچى بار: جامائەتتىن ئايرىلىپ قېلىش. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممەيلەن قانداق ئويلىغان  بولسا شۇنداق ئويلاپ، قانداق ياشىغان بولسا شۇنداق ياشاشلا يېتەرلىكتۇر. گۇناھ تۇيغۇسى بىلەن تۇغۇلغانلار بولسا، قىلمىغان گۇناھلار ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ، يالغۇز ياشايدۇ، يەر ئاستىدىن ياكى رومانلاردىن خۇشاللىق تاپىدۇ. ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ گۇناھى، ھىس قىلغان گۇناھ تۇيغۇسىدىن ئىبارەت بولۇپ چىقىدۇ.
ۋاي خۇدايىم، نىمىشقا بۇنداق قىلغاندىمەن! دېيىشكە باشلىغان زامان، تېخىمۇ يالغۇز ۋە تېخىمۇ رەڭگارەڭ بىر روھى ھايات بىزنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ. تەسەۋۋۇپ ياكى دوستويىۋىسكىدىن ئازراق خەۋەردارلار، تېرەن ۋە رەڭگارەڭ كىشىلىك ھاياتنىڭ « مەن گۇناھكار» دېيىش ئارقىلىق قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ