ئادەملەر ئاجايىپ، بىر تاڭدا ئويغىنىپ كۆزلىرىنى ئۇۋىلىشىپ، چوڭ-چوڭ ئەسنىشىپ تالاغا چىقىشتى – دە، كۆز ئالدىدىكى ئاجايىپ ئۆزگىرىشتىن ھەيرانۇ ھەس قېلىشتى:
-«توۋا، بۇ نېمە كارامەت؟» -دەپ پىچىرلىشىپ تەئەججۈپلەندى. خۇددى بىر كېچىدە باشقا بىر پلانېتقا كېلىپ قالغاندەك، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا چۈشىدىمۇ كۆرۈش نېسىپ بولمىغان ئاجايىپ بىر دۇنيا، ئاجايىپ بىر مەنزىرە زاھىر بولغانىدى.
ئېگىز، ھەيۋەتلىك، كۆركەم بىنالار، داچا، ئايۋان-سارايلار، ئىشىك ئالدىلىرىدىكى ئېسىل پىكاپلار، گۈلزارلىقلاردا ئېچىلغان خۇش پۇراق گۈللەر كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى. ئەينەكتەك سىپسىلىق يوللار يىلاندەك سوزۇلۇپ ياتاتتى. ئادەملەرنىڭ چىرايى سۈتتەك ئاق، كۆزى ئوتتەك يېنىپ تۇراتتى. ئۇچىسىدىكى كىيىم-كېچەكلەر شۇنچىلىك ئېسىل، رەتلىك، پاكىز ئىدى. «توۋا» دېيىشەتتى ئۇلار تاملارغا، گۈللەرگە، يوللارغا، ئۇچىسىدىكى كىيىم-كېچەكلەرگە ھەيرانە قاراپ. «تېخى ئاخشاملا توپا-تۇمان ئۇچۇپ تۇرغان بۇ ماكان قانداقسىگە… قېنى بىزنىڭ ھېلىقى ئېگىز – پەس ئۆيلىرىمىز؟ قېنى ئوڭغۇل – دوڭغۇل يوللىرىمىز؟ قېنى بىزنىڭ ئېشەك ھارۋا، قوي – قوزا، كالا – موزاي، توخۇ، كەپتەرلىرىمىز؟…»
‹‹بوپتۇ›› -دېيىشەتتى ئۇلار ئاخىرى كەڭرى، ئازادە، پاكىز ئۆيلىرىنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ مېيىقىدا كۈلۈشۈپ. ئۇلار ئۆيلىرىدىكى ئېسىل سافالاردا ئولتۇرۇپ رەقەملىك تېلېۋىزورلىرىنى ئېچىپ كۆرۈشتى. لۆم-لۆم كارىۋاتلىرىدا ھۇزۇرلىنىپ يېتىشتى. مۇنچىلىرىغا كىرىپ ئىسسىق سۇدا راھەتلىنىپ يۇيۇنۇشتى، يانفونلىرىدا يىراق-يېقىندىكى ئۇرۇق-تۇغقان، تونۇش-بىلىشلىرى بىلەن سۆزلەشتى. ئۇلارنىڭ دېيىشكەنلىرىدىن مەلۇم بولدىكى، ئۇلارنىڭ يۇرتىدىمۇ بۇ بىر كېچىدە مۇشۇنداق ئاجايىپ – غارايىپ ئۆزگىرىش بولغانمىش!… ئۇلار بىر–بىرىنى تەبرىكلىشىپ قاقاقلاپ كۈلۈشتى. بۇنىڭدىنمۇ ئەجەبلىنەرلىكى، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش، ئەر-ئايال دېمەي مەنسەپدار، ئالىم، مۇتەخەسسىس، تەتقىقاتچى، يازغۇچى، شائىر، ناخشىچى، مۇزىكانت… بولۇپ كېتىشكەنىدى. ھەممىسىنىڭ بېشىدا ئۆز مەنسىپىگە، ئۆز ئۇنۋان-ۋەزىپىسىگە قاراپ تەقسىم قىلىنغان بىردىن قالپاق بار ئىدى. ئۇلار شۇ قالپاققا ئاساسەن بىر-بىرىدىن ئۈستۈن-تۆۋەنلىكىنى ئايرىمىسا، باشقا جەھەتلەردىن ھېچقانداق پەرقى قالمىغانىدى… ئۇلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان خىزمەتلەرگە بېشىچىلاپ كىرىپ كېتىشتى. بىرلىرى چوڭ گەردىشلىك كۆزەينەكلىرىنى تاقاپ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئالەم سىرلىرىنى ئېچىشقا، بىرلىرى بىئولوگىيە تەتقىقاتىغا، بىرلىرى ئادەملەرنى تەن سىرتىدا كۆپەيتىشكە، بىرلىرى ئۆمۈرنى ئۇزارتىش، ياشلىقنى مەڭگۈ ساقلاشقا، بىرلىرى قانۇن تۈزۈش، سىياسەت بەلگىلەشكە بېرىلىپ كەتتى. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، ئەمەلدار، تەتقىقاتچى، ئالىملارنىڭ، يازغۇچى، شائىرلارنىڭ، ناخشىچى، مۇزىكانتلارنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتتى. ئۇلار ئاشخانىلىرىغا، توڭلاتقۇلىرىغا قارىۋېدى، يېگۈدەك نەرسە كۆرۈنمىدى. تاماق ئەتمەك بولۇۋېدى ئۆيلىرىدە ئۇن، گۈرۈچ، گۆش، ياغ، كۆكتات دېگەننىڭ ئۇۋىقىمۇ تېپىلمىدى. ئۇلار قورساقلىرى كوركىراپ، ئۈچەيلىرى تارتىشىپ كەتكەچكە، چوڭ – چوڭ ئەسنىشىپ تۇتام-تۇتام پۇللارنى كۈتۈرۈشۈپ پىكاپلىرىغا ئولتۇرۇپ سىرتلارغا، بازارلارغا چىقىپ يېگۈدەك نەرسە ئالماقچى بولۇشتى، بىراق سىرتتا ھېچكىم يېگۈدەك نەرسە ساتمىغانىدى. بازاردىكىلەرمۇ ئۇدۇل كەلگەن يەردە كومپيۇتېرغا قاراپ ئولتۇرۇپ بىر نېمىلەرنى جىددىي تەتقىق قىلىشماقتا ئىدى. ئادەملەر ئاچلىققا چىداشمىدى. بىر-بىرىگە ئۈزۈلدۈرمەي تېلېفون بېرىشتى:
– سىلەرنىڭ ئۆيدە يېگۈدەك نەرسە بارمۇ؟
– يوق، شەھەرگە، ھەتتا چەت ئەلدىكى ئۇرۇق – تۇغقانلارغا تېلېفون بەرسەكمۇ بىر چىشلەم نان تېپىلمىدى!
– زاپاس ئاشلىقلارچۇ؟
– دۇنيا بويىچە نەچچە يىللاپ يىغقان زاپاس ئاشلىقلار بىر كۈنگىمۇ يەتمەپتۇ!
– دېھقانلارچۇ؟ ئۇلار يەر تېرىماي، ئاشلىق ئىشلەپ چىقارماي نېمە ئىش قىلىشىۋاتىدىغاندۇ؟
– سەن قايسى زاماندىكى گەپلەرنى قىلىۋاتىسەن. ھازىر دېگەن «ساماۋى پلانت» دەۋرى. دۇنيادا بىرمۇ دېھقان قالمىدى. ھەممە يەردە بىنا، ھەممە يەردە يول. بارلىق ئادەم تەتققاتچى، ئالىم، مۇتەخەسسىس، يازغۇچى، شائىر، ناخشىچى، مۇزىكانت… بولۇپ كەتكەن تۇرسا، كىممۇ ئۇنداق جاپاسى تولا دېھقانچىلىقنى قىلىدۇ؟ كىممۇ دېھقان بولۇشنى خالايدۇ؟!..
شۇنىڭ بىلەن ئادەملەر دەسلەپتە ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى ئۇچار قۇش، جان – جانىۋارلارنى تۇتۇپلا خام پېتى يېيىشتى. نەچچە كۈندىلا دۇنيادا بىرمۇ جان-جانىۋار قالمىدى! ئاندىن كۆزىگە كۆرۈنگەنلىكى دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلارنى يېيىشتى. بۇلارمۇ ئادەملەرنىڭ يېيىشىگە توشىمىدى. بىر ئۆمۈر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، بېشىنىڭلا ئەمەس پۈتۈن بەدىنىنىڭمۇ بىر تال تۈكى قالماي چۈشۈپ كەتكەن، دۇنيا ئېتىراپ قىلغان نۇرغۇن-نۇرغۇن ئالىم، تەتقىقاتچى بىرلىشىپ يېمەك-ئىچمەك تەتقىقاتىغا كىرىشىپ كەتتى. لېكىن ئۇلار قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتسۇن، قانچىلىغان تەجرىبە-تەتقىقاتلارنى قىلسۇن، ئاخىرقى ھېسابتا نەتىجىسى يەنىلا نۆل بولدى. ئۇلار شۇنچە قىلىپ يا بىر تال بۇغداي، يا بىر تال گۈرۈچ، يا بىر تال قوناق ئىشلەپ چىقىرالمىدى. مانا بۇ دېھقانسىز دۇنيا ئىدى.-
دېھقانسىز بۇ دۇنيادا ئەمدى ھەممە ئۆز ئىشىدىن نارازى بولۇشقا، قانداقتۇر بىر مۇقەددەس ھەقىقەتنى چۈشىنىشكە باشلىدى… دۇنيادا دېھقان بولمىسا، چوڭ-كىچىك مەنسەپدارلار مەنسەپ تالاشمايدىكەن، دۇنيادا دېھقان بولمىسا، ھەر قانداق زور تەتقىقاتنىڭ، ھەرقانداق يىتۈك ئالىمنىڭ رولى، ئەھمىيىتى بولمايدىكەن، ئادەملەرنى دۇنياۋى چوڭ گەپلەرنى قىلدۈرغىنىمۇ، دۇنياۋى شۆھرەتكە ئېرىشتۈرگىنىمۇ، كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرۇپ ئاي شارىغا ئېلىپ چىققىنىمۇ ئاشۇ دېھقانلار ئىكەن.
دۇنيادا دېھقان بولمىسا، بۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق راھەت – پاراغىتى، ھۇزۇر – ھالاۋىتى، مېھىر – مەززىسى قالمايدىكەن. شۇڭا دېھقانسىز دۇنيا دۇنيا ئەمەس ئىكەن!
———ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايى ———
مەنبەسى:‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دىن ئېلىندى.