ئەسقەرتۇردى
( رەسسام دوستۇم ئەسقەر تۇردىغا بېغىشلايمەن )
غېنى سەمەت
تۈمەن دەرياسىدا داستان تىڭشاۋاتقان بىر ساددا بالا
چوڭ بولمايلا ئايلىنىپ قالاي دېدى ھېراتتىكى بېھزادقا
رەڭ قايناملىرىدا لەيلەپ يۈرۈپ
ئۆزىمۇ سەزمەي كىرىپ قالدى بىر تىلسىماتقا
ئۇ قان بولۇپ ئاققان
دولان مۇقامچىلىرىنىڭ يېرىلاي دېگەن تۇمۇرلىرىدا
سەكراتقا چۈشكەن
ئەتلەس كۆينەكلىك قىزنىڭ پەرۋاسىز قاراشلىرىدا
قاق سەھەردىكى كاززاپ باققاللار
سۇغۇقتىن لاغ-لاغ تىترىگەن جانانلار
چاچلىرىغا يۆگىلىپ ئۇزىغان دەرۋىشلەر
ھېيتگاھتا ساماغا چۈشكەن ھەلقىچىلەر
ئېقىپ چۈشكەن ئۇنىڭ پەلكۈچلىرىدىن
بۈشۈك تەۋرەتكەن ناتىۋان ئانا
ئۇپۇقنى كۆرگەن ئۇنىڭ دەرىزىسىنىڭ رۈجەكلىرىدىن
ئۇ ئۆزىدىنمۇ غېرىب راۋابنى چالغان ئاشىقنىڭ بېقىنىدا
تەڭ توۋلىغان بولغىيمىدى غېرىب كۈيىنى:
‹‹غېرىب بىچارىدۇر كۆڭلۈم،
بىتايىنلىق ماكان ئولماس .
شۇبۇ كۈندە ئۆلۈپ كەتسەم،
خۇنۇم ئەلگە تاۋان بولماس››…؟!
پىغانلىق زېمىننى قۇچاقلاپ تۇرۇپ
تارتىنىپ تەڭلەيدۇ مۇھەببىتىنى
بوياقلارغا سۆزلەپ بېرىدۇ
باشىغا كەلگەن كۈلپەتلىرىنى
ئۇ ئاڭلايدۇ ئۆستەڭ بويىدا
بىر دېھقاننىڭ ‹‹ ئادارگۈل ›› ىنى
ئۆز قەلبىدە ئېزىقىپ تۇرۇپ
تاپار ئاخىر مەشرەپ چۆلىنى
قېنى دوستۇم ئىچىۋەتكىنە
پەريادلاردىن ياسىدىم بىر جام
بەندىگە خاس ياشاپ باقىمىز
بىر خۇدالا ئەڭ ئۇلۇغ رەسسام
2014-يىلى3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۈرۈمچى
( ئەسقەر تۇردى يېڭىدىن سىزغان رەسىم: مۇڭغا چۆكۈش )