مەنبە : ئوكيان تورى(www.okyan.com)
جېنى تۆمۇر…
(ھىكايە)
ئەسئەت ئەمەت
مەن قاسساپقا گوشنى پارچىلىتىپ بولۇپ پۇلنى تۆلىدىم، پۇتۇن قوي گوشى ئالسام ئۇلار ئۆيگىچە يەتكۇزۇپ بىرەتتى. ئۇلارنىڭ خېرىدارى تۇيۇقسىز كۆپۇيۇپ كەتكەچكە ماڭا ۋاقىت چىقىرالمايدىغانلىقى ئېيتىپ، گوش ئاپىرىپ بىرىشكە باشقا ئادەم تېپىپ بەرمەكچى بولدى.
_ ھەي مەكىلە_ دىدى قاسساپ ياندىكى كانارا يېنىدا تۇرغان، ئون ياشلارچە كۆرۇنىدىغان، ئورۇق، مەينەت بىر بالىغا_ ما گوشنى ما ئاكاڭنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەر.
بالا چىرايى ئۆزىگە ئوخشايدىغان، يېشى ئۇنىڭدىن ئۈچ-تۆت ياش چوڭ، گوش پارچىلاۋاتقان بالىغا قانداق قىلاي دىگەندەك قارىدى. ئۇ بارغىن دىگەن ئىشارىنى قىلدى. بالا يېنىمىزغا كەلدى. ئۇنىڭ ئاغزىنىڭ گىرۋىكىدە ئۇچ سانتدىن كەم ئەمەس قېلىن بىر تارتۇق بار ئىدى.
_ئۆزىڭىز كۆتۇرەلمەمسىز؟_ دىدى بالا ماڭا قاراپ.
_قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ماڭە_ دىدى قاسساپ.
بالا ماڭا ھەيرانلىق بىلەن بىر قارىۋېتىپ، ئىككى يالتىراق خالتىغا قاچىلانغان گوشنىڭ يېنىغا كەلدى.
_ ئون بەش كىلو يۈكنى بۇ بالىغا كۆتەرتىپ خەقنىڭ لەنىتىگە قالماي._ دىدىم مەن خەققە دۆڭگەپ، ئەمىلىيەتتە ئۆزەم بىئارام بولغان ئىدىم _ ئۆينى بىلگەندىكىن ئىشىڭلار بېسىققاندا ئاپىرىپ بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ.
_ بۇ ئۇنىڭغا قانچىلىك ئىشتى، ھە گۇي_ دىدى قاسساپ، ئۇنىڭ گوشلۇق قولى بالىنىڭ دۇمبىسىگە چۇشۇپ پاققىدە ئاۋاز چىقتى_ جېنى تۆمۇر بۇنىڭ. ئوغول بالىدەك “ھەئە” دەپ ۋاقىرىۋىتە بىرنى.
بالا بۇرنىنى تارتتى:
_بۇنچىلىك گوش ماڭا نىمىتى_ دىدى ئۇ. ئۇ كۇچ توپلاۋاتقاندەك بىرئاز تۇرۇۋېتىپ گوشنى كۆتەردى. گوش ئۇنىڭ جۇغىدىن چوڭ بولغاچقا دەلدەڭشىپ كەتتى. ئۆزىنى تەستە تەڭشىدى. بىز يولغا چۇشتۇق. مۇساپىمىز سەنشىخاڭدىن دۆڭكۆۋرۇككىچە تۆت يۇز مىتىرچە كىلەتتى. مەن بىئارام بولۇپ تۇرساممۇ ھاڭۋاقتىلىق قىلىپ ئۇنىڭ كۇچىنىپ مېڭىشىغا ئىرەڭ قىلماپتىمەن. بەلكىم قاسساپنىڭ بالىنى ماختىشى مىنى بىخوتلاشتۇرۇپ قويغاندۇ. بىز يىگىرمە مىتىرچە ماڭغاندا بالا:
_خالتىنىڭ بىرىگە گوش جىق قاچىلىپ كىتىپتۇ،_ دەپ خالتىنى يەرگە قويدى.
_بۇنچىلىك گوشنى بۇرۇن كۆتۇرۇپ باققانمۇ؟
_بۇ قانچىلىك گوشتى، سىز كۆتىرەلمىگەن بىلەن مەن كۆتۇرەلەيمەن.
_مەن كىسەل بولۇپ قالغان. بەك ھېرىپ كەتتىڭمۇ؟
_چىم ھېرىپتۇ،_ دىدى بالا دىمىقىنى تارتىپ. ئاندىن گۆشنى يەنە كۆتۇردى.
_بولدى كوتۇرمە. مەن تاكسى توسۇۋالاي. سەن ئاندىن قايتىپ كەتسەڭ بولىدۇ.
مەن بالىغا قايتا كۆتەرتكۇزمەسلىك نىيىتىگە كەلدىم. بالا بىلەن پاراڭلاشقىم بولغاچقا ئۇنى ماڭغۇزىۋەتمىدىم. بۇ يۇك ئۇنىڭغا بەك ئېغىر كەلگەچكە ئۇنىڭ بېشىنى بەك قاتۇرغان ئىكەن. گىپىمنى ئاڭلاپ گوشنى قويدى، چىرايى ئېچىلىپ خېلى يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدى.
_مەكتەپتە ئوقۇمىدىڭمۇ؟
_بۇ يىل 4-سىنىپقا كۆچكەن، خانىم مىنى ئۇرغانتى، قېچىپ كىتىپ بارمىدىم.
_نەچچىگە كىردىڭ؟
_ ئون بىرگە، مەلىملىرىم مىنى ژۇتۇپ كەتتى دەپ ئويلايدۇ.
مەن بۇ بالا ئىشلەمچىنى كۆرۇپ ئانچە ئەجەپلەنمىگىنىم ئۆيۇمنىڭ ئەتراپىدىكى ئاشخانا، ناۋايخانا ۋە كۆكتات- ئاشلىق دۇكانلىرىدا، بۇنداق ياشتىكى بالىلارنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇراتتىم. كوچىدا ئاياق مايلاش ساندۇقلىرىنى كۆتۇرۇشۇۋېلىشقان بالىلار كىشىلەرنىڭ ئايىغىغا قاراپ بەسلىشىپ خېرىدار چاقىراتتى.
ئايىغىڭنى مايلاتماي ئۆتۇپ كەتسەڭ ئۇلار خېرىدارنى ئولتۇرغۇزالمىغان ئورۇندۇققا ئۇرۇپ، قاتتىق ئاۋاز چىقىرىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلەيتتى. ئۇلار مايلاش ئۇسكىنە ساندۇقى بىلەن ئورۇندۇقىنى كۆتۇرۇۋېلىپ لاغايلاپ يۇرىشەتتى. بىر كۇنى مەن ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق بىر بالىنىڭ بىر شار ساتقۇچىنى قانداق ئالدىغىنىنى كۆرگەن ئىدىم. 30 ياشلاردىكى تەمبەل بىر ئادەم بېشى ئۇستىدە لەيلەپ تۇرغان ئۆزىدەك دوغىلاق- دوغىلاق شارلارنىڭ يىپىدىن تۇتقان ھالدا، دوختۇرخانا ئىشىكىدىن ئاتا- ئانىلىرى بىلەن كىرىپ چىقىۋاتقان بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى تارتالماي ئاۋارە ئىدى. ئۇ بالىلارغا قاراپ پات- پات ئورۇنسىز كۇلۇپ قوياتتى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقى خېرىدار چاقىرىشقا ئەمەس، ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشتىن ئوڭايسىزلىنىۋاتقانغا بەكرەك ئوخشايتى. بۇ چاغدا 8 ياشلار چامىسىدىكى بىر چاقىرىلمىغان مىھمان- مايلامچى بالا كىلىپ، شار ساتقۇچىنىڭ توپا بېسىپ كەتكەن ئايىقىنى لاتا بىلەن سۇرتۇپ قوياي دەپ تۇرۇۋالدى. سۇرتۇپ بولۇپ، تۇيدۇرماي ئازراق ماي سۇرتۇپ قويدى. ئاندىن چوتكىلىۋىتەي دەپ تۇرىۋالدى. ئۇ بۇنداق ھۇنەرگە بەك پىششىق ئىدى. ئۇ ئاخىر شارچىنىڭ بىرتال شېرىغا ئىرىشىپ، نىيىتى شۇدەك قىن- قىنىغا پاتماي يۇگرەپ كەتتى.
_ ئا گۇينى، مىنى ھەجەپ ئەخمەق قىلدى، ئۇراي دىسە كىچىك بالىكەن.
ئۇنىڭ ئايىقى ئۇنىڭ ئۇستىدىكى كىيىملىرىدىن پەرقلىقلا ۋالىلداپ تۇراتتى.
ئۇ پايدا ئالغان ياكى زىيان تارتقانلىقىنى بىلەلمەي تەڭقىسلىقتا قالغاندەك بىر ئايىغىغا بىر ھېلىقى بالا ئېلىپ ماڭغان شارغا قاراييتتى.
ناۋايخانىدىكى بالا كۇندە سەھەر سائەت تۆتتە بىزنىڭ قورودا پىياز سوقاتتى. ئەتىگەندىكى جىم- جىتلىقتا ئۇ چىقارغان ئاۋاز ئىنتايىن ئېنىق ئاڭلىناتتى. ئۇنىڭغا سىلىق گەپ قىلىپ ئاڭلىتىش تەس ئىدى.
_پىيازنى نېرىراق سوق، ئۇيقۇمىزغا تەسىر يەتكۇزۇۋاتىسەن._ دىسەم ئۇ تېخىمۇ يېقىن كىلىپ، تېخىمۇ قاتتىق ئاۋاز چىقىرىپ سوقاتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن تۇز كۆڭۇللۇك بىلەن پاراڭلىشالمىغان ئىدىم. ئۇ دەسلەپ مىنى ئوقۇتقۇچىغا ئوخشۇتۇپ قالدىمۇ، مەندىن ئېھتىيات قىلىپ يۇرگەن ئىدى. كىيىن قورقماس بولدى. ھەر قېتىملىق سۆزلىشىپ بېقىش تىرىشچانلىقىم ئۇنىڭ قوپال، قىلىقسىز ھەركەتلىرى سەۋەپتىن ئەمەلگە ئاشمىدى. جاپادىن بويى ئۇستىگە ئۆسمەي، توغرىسىغا ئۆسۇپ پاپىلارغا ئوخشاپ قالغان، ئۇسقانلىرى پىشىپ كەتكەن، چىرايىدىن يەنىلا ئۆسمۇرلۇك چىقىپ تۇراتتى. ناۋايخانىنىڭ ئىگىسى ئۇنىڭ 50 سوم ئايلىق ئىش ھەققىنى بىكىتكەندە ئۇنىڭ بالىلىقىنى كۆزدە تۇتقاننى دىمىگەندە ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ بالىلىقىنى ئاساسەن ئۇنتۇپ كەتتى.
كۆكتاتچىنىڭ بالىسى كۇندە مەكتەپكە باراتتى. ئاز ئۆتمەي تەتىل بولماي تۇرۇپ خۇددى تەتىلدەك ماڭا كۇندىلا ئۇچراپ تۇردى.
_مەكتەپكە بارمىدىڭمۇ؟
_ئوقۇساممۇ سەيچى بولىدىكەنمەن، ئۇنىڭدىن ئوقۇمايلا سەيچى بولاي دەپ بارمىدىم._ دىدى جاھاننىڭ سىرىنى بىلىپ بولغاندەك ئىشەنچ بىلەن پىششىق تىلدا سۆزلەپ.
ئۇلارنىڭ دۇكىنىدا ئاشلىق- مايمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاشخانىلارغا، باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئون كىلودىن قاچىلانغان ئۈن- گۇرۇچلارنى يۇدۇپ، دۇمچەكتەك مېڭىپ توشۇغىنىنى نەچچە كۆرگەن ئىدىم.
_نەچچىگە كىردىڭ؟
_ئون بىرگە.
_ئۆزەڭنىڭ يېشى بىلەن تەڭ نەرسە كۆتەرسەڭ پاكار بولۇپ قالىسەن.
_ بويى ئىگىز بولاپتۇ دەپ نېنىمنى خەق بەرەمدۇ؟._ ئۇنىڭ ئىنكاسى مىنىڭكىدىن تىز ئىدى.
بەلكىم مەندىن باشقىلارمۇ مەن دىگەندەك گەپلەرنى ئۇنىڭغا دىگەن بولسا، ئۆيىدىكىلەر نىمە دىيىشنى ئۇگىتىپ قويغاندۇ. ياكى ئۆيىدە مۇشۇ تۇردىكى گەپلەر دىيىلگەندە ئىسىدە تۇتۇۋالغاندۇ. ئۇ مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئۇنىڭ مىجەزىنىڭ توختىماي چىكىنىۋاتقىنىنى سېزىپ تۇراتتىم. بارغانسېرى جىدەلخور، ئۇششۇق، ئېغىزى بىزەپ، ئۈستى- بېشى مەينەت بولۇپ كىتىۋاتاتتى. ئورۇقلاپ، زىڭاق سۆڭەكلىرى بۆرتۇپ چىقىۋاتاتتى. مەن دائىم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، غەلىتە قىلىقلىرىنى كۆرسەم نەسىھەت قىلىپ تۇراتتىم.
بىر كۇنى ئۇ ئۆزىدىن كىچىك بىر بالىنى بوغۇۋالغان ئىكەن. مەن ئاجرىتىپ:
_كىچىك بالىنى بوزەك قىلساڭ بولامدۇ؟_ دىدىم.
_چوڭىغا كۇچۇم يەتمىسە.
_ساڭا كۇچى يىتىدىغان ئاكىسى كىلىپ قالمىسۇن يەنە؟
_ئاكىسى يوق.
_دادىسىچۇ؟
_داداىسى يوق.
_ئانىسىچۇ؟
_ئانىسى يوق.
_ھىچ نىمىسى يوقمۇ؟
_قېرى بىر چوڭ ئانىسى بار. ئۇ مىنى ئۇرالمايدۇ.
ئۇنىڭغا ئانىسىنىڭ ناماز ئايەتلىرىنى ئۇگىتىۋاتقىنىدىن ئازراق خەۋەردار ئىدىم. ئاخىر:
_ئەسكى ئادەمنى كۆرۇپ تۇرىدىغان خۇدايىمغۇ باردۇ؟_ دىدىم.
ئۇنىڭ يەنە جاۋاپ بەرگىسى بار ئىدى، يېنىمىزدا پارىڭىمىزنى ئاڭلىمىغاندەك ئولتۇرغان ئانىسى چاچراپ قوپۇپ:
_ھە قېنى نىمە دەيسەنكى ئاڭلاپ باقاي، ھە دىيە._ دەپ ۋارقىرىدى. بالىنىڭ ئۈنى ئۆچتى. ئانىسى_ ماڭە بېرىپ ئۇكاڭغا قايلا_ دىدى بۇيرۇق ئاھاڭىدا. ئۇ ھېلىقى كىچىك بالىغا خەپ دەپ قويۇپ، بۇلۇڭدىكى مەينەت نەرسىلەر ئارىسىدا ئويناۋاتقان ئۇكىسىغا قاراپ ماڭدى. ھېلىقى بالا “ھەجەپ ئەدىپىڭنى يىدىڭ” دىگەندەك چىرايىنى ھەر خىل قىلىپ كۆرەڭلىدى. ئۇ چىدىماي ئۇنىڭغا ئېتىلدى. بالا قېچىپ كەتتى. ئۇ قۇرۇق قول قايتىپ كىلىپ، بىر تال سېسىق شوخلىنى ئېلىپ يەرگە ئاتتى:
_ھەجەپ تۇتالماي قالدىم. قولامغا چۈشۇپ قالغان بولسا بوغوزلىۋېتەتتىم.
بىر كۇنى ئۇنىڭ دادىسى ئارقىسىدا كوزۇپى بار ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتىغا مىنىۋېلىپ، ئوت ئالدۇرۇش تەپكىسىنى تىپىپ ئوت ئالدۇرماقچى بولۇۋاتاتتى. كىچىك كۆكتاتچى بوينى ئىنچىكە، ئىككىگە كىرسىمۇ تېخىچە ئۆرە تىرالمايدىغان، يىغلىسا ئۈنى تۈزۈك چىقمايدىغان، ئورۇق ئۇكىسىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇۋېلىپ تەرخەمەك يەۋاتاتتى. بىر بالا ئۇنىڭ تەرخەمىكىنى ئېلىپ قاچتى. ئۇ ئۇكىسىنى موتسىلىت كوزۇپىدىكى كۆكتات ئۈستىگە ياتقۇزۇپ قويۇپلا بالىنى قوغلاپ كەتتى. موتسىكىلىت ئوت ئالدى. دادىسى بالىدىن بىخەۋەر بولغاچقا موتسىكىلىتنى تىز قوزغاپ يۇرۇپ كەتتى. ئۇ ئاچا يول ئېغىزىغا كەلگەندە بىر ماشىنىنىڭ ئۆتۇپ بولۇشىنى ساقلاپ توختىدى. مەن بالىنىڭ ئانىسىغا:
_بالىڭىز._ دىدىم بالىسىنى كۆرسۇتۇپ.
_ئاپلا ئابدۇراخمان يىقىلىپ كىتىدىغان بولدى._ دىدى ئوغلىغا ئەندىشىلىك قاراپ، ئۇ_ ئابدۇنەزەر_ دەپ چوڭ ئوغلىنى چاقىردى. كىچىك بالىسى موتسىكىلىت كوزۇپىدىكى كۆكتاتلار ئۇستىدە قىپ- يالىڭاچ ھالىتىدە زور بىر تال كاپۇستىدەك كۆرۇنەتتى. بۇ كاپۇستا ھەدەپ قوپۇش ئۈچۇن تىركىشىۋاتاتتى. ئۇ ئىشلاردىن بىخەۋەر بىر ئايال بىرتال چامغۇرنى تارازا ئۈستىگە قويدى:
_مانى جىڭلاپ بەرسىلە.
بۇ چاغدا كۆكتاتچىنىڭ چوڭ ئوغلى پەيدا بولدى.
_ئۇكاڭغا قارا، موتوغا چىقىۋاپتۇ._ دىدى ئانىسى ئۇنىڭغا، ئۆزى تارازا يېنىغا ماڭدى.
بالا موتسىكىلىتنى ئىزدەپ ئۇياق- بۇياققا قارىدى. ئۇنى ئۈلگۇرەلمەي قالمىسۇن دەپ، مەن تىز بېرىپ، بالىنى موتسىكىلىت ئۇستىدىن ئېلىۋالدىم. ئەگەر موتسىكىلىت قاتتىقراق سىلكىنسە ياكى تورمۇز قىلسا بالا كوزۇپتىن چاچراپ چىقىپ كىتىشى ياكى كوزۇپقا ئۈسۇۋېلىشى مۇمكىن ئىدى.
مەن يىنىك، يۇمشاق بالىنى كۆتۇرۇپ كىلىپ ئانىسىنىڭ يېنىغا كەلدىم:
_بارە ئاناڭغا ئىتىبارى بىرتال چامغۇرچىلىك يوق ئابدۇراخمان، بولسا ئاناڭنى بىر تامىلىۋالە.
ئايال بالىنى ئىرەڭسىزلا ئالدى.
_بالىڭىزدىن زىرىكىپسىز-دە._ دىدىم مەن، چېقىشىپ ياكى تەنە قىلىپ دىگىنىمنى ئۆزەممۇ بىلەلمەي قالدىم.
_قايلىسىلا! مۇشۇندا ھەممىنى ئۇنتۇپ تىرىكچىلىك قىممىساق باللىنى قاندا باقىمىز؟.
بۇ ئۇ ئايالنىڭ گەپ قىلىش ئۇسۇلى ئىدى. يا تىرىكىپ يا تۈزلۈك بىلەن دەۋاتقىنىنى بىلگىنى بولمايتتى. لىكىن ئۇنىڭ دىگىنى راست ئىدى. ئۇ ناھايىتى تىرىشچان ئىدى.
_ئانا، بۇ ئاكام نىمانداق بىز بىلەنلا قالىدۇ،_ دىدى ئوغلى كىلىپ. ئانىسى:
_بالىسى بولمىغاچقا سىللىگە ئىچى كۆيىدىغان ئوخشايدۇ._ دىدى.
ئۇلار شۇنىڭدىن كىيىن مەن بىلەن سالام- سائەت قىلماس بولدى. ئۇ بالا مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كىيىن خۇددى دالىدىكى ياۋا كۆچەتتەك، ئوغۇت- سۇ كۆرمەي، باغۋەننىڭ قايچىسىنى كۆرمەي، ئۆزى خالىغان يىرىگە شاخ- پۇتاق چىقىرىپ ئۆسۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۇستازى ئانىسى ئىدى. ئۇنىڭ روھلۇق- تىتىكلىكىگە، ھازىر جاۋاپلىقىغا سېلىشتۇرغاندا بۇ قاسساپ بازىرىدىكى ھاممال بالا كۆپ جىمغۇر، غەم- ئېندىشىلىك كۆرۇنەتتى.
مەن يول ياقىسىدا تاكسى توسالماي ئۇزۇن تۇردۇم. بۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بالىنى گەپكە سالدىم. ئۇ سورىغانلىرىمغا رەتلىك، ئەستايىدىل جاۋاپ بىرەتتى.
-مەكتەپتە نىمىشقا ئوقۇمىدىڭ؟ ياخشى ئوقۇيالماپسەن دە.
-نەدە؟ مەن تېخى ئۈگىنىش باشلىقى ئىدىم.
-مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىغىنىڭ بىلەن يالغانچىلىقنى خېلى ئوبدان ئۈگەنگەندەك تۇرىسەن.
ئۇ ماڭا نارازى بولۇپ بىر قاراپ قويدى. كىتىشكە تەمشىلىپ يەنە يالتايدى. ئاندىن مىنىڭ ئۆزىنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىمدىن قورققاندەك سۆزلەپ كەتتى.
-مەكتەپتىكى چېغىمدا ماڭا دايىم تاپشۇرۇقىنى ئىشلىتىدىغان بىر دوستۇم بار ئىدى. ئۇ تەتىلدە كۇلىچىلىق① قىلىدىغان ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ كەلدى. ئۇنىڭغا ئۆيىدىكىلەر بەك جىق كىيىم، ئويۇنچۇق ئېلىپ بىرىپتۇ. ئۇ ھەر كۇنى مەكتەپكە ئوخشىمايدىغان ئويۇنچۇق ئېلىپ كىلىتى. بالىلارغا ئويۇنچۇقلىرىنى داملىتىپ تۇتقۇزمىغىنى بىلەن ماڭا بىرىپ تۇرىتى. مەن كۇندە ئۇنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناپ دەرستە چىكىنىپ كەتتىم. سىنىپ مەسئۇلىمىز “ئىككى ھەپتىگىچە دەرسكە يىتىشىۋالمىساڭ ئۇگىنىش باشلىقلىقىدىن چۇشۇرۇۋېتىمەن” دىدى. مەن ئۇنداق ئويۇنچۇقلارنى ئۆمرۇمدە كۆرۇپ باقمىغان. شۇڭا ئويۇنچۇقتىن دىققىتىمنى تارتالمىدىم. دوستۇمنىمۇ ئوقۇتقۇچى تىللاپتى ئۇ سىنىپتىن چىقىپ ماڭا ’بۇ نەرسىلەرگە بوزەك بولۇپ يۇرگەندىن ئوقۇماي دادامنىڭ يېنىغا كىتەيلى، ھازىر دىگەن ساراڭلارلا ئوقۇيدۇ‘ دىدى. ھەم ئاتا- ئانىسى تۇرىدىغان يەرنى بەكلا ماختاپ كەتتى، مەن بارسام پۇلمۇ تاپالايدىكەنمەن. مەنمۇ قىزىقىپ ’ئانام ئۇنىسا بارىتىم‘ دىدىم. كىيىملىرىم بەك كونا. كۈندە تۈزۈك قورسىقىممۇ تويمايدۇ. ئۆيدە كۈندىلا قىيىنچىلىقنىڭ گېپى.
-سىلەر بەك نامراتمۇ؟
-ھەئە.
-ھەممە خەقتىن نامراتمۇ؟
-جىق خەق بىزدەك، تويغىدەك نانمۇ يوق.
-سىلەر نەچچە جان؟
-تۆت جان.
-گىپىڭنى بۆلىۋەتتىم. كەلگەن يەردىن سۆزلەۋەر.
-ئۇ يەرگە بارسام، پۇل تېپىپ نۇرغۇن ئويۇنچۇقلارنى ئالسام، يەنە ئۆيدىكىلەرگە پۇل ئەۋەتىپ بەرسەم ياخشى بولىتى دەپ ئويلاپ كەتتىم. دادامغا دىسەم ئوقۇشۇڭنى ئوقۇ دەپ تىللىدى. دوستۇم ئوقۇشىنى تاشلاپ ئاتا- ئانىسىنىڭ يېنىغا كەتتى. شۇ ئىش كاللامغا كىرىۋېلىپ دەرسكە يىتىشەلمىدىم. ئوقۇتقۇچى مىنى يەنە تىللىدى. ’مەن يىتىشەلمىگەن بىلەن سىنىپنىڭ ئەڭ ئارقىدا قالمىدىم، نىمە مەن بىلەنلا ئېچىشىلا‘ دىدىم. ئۇ ’مەن ساڭا كۆڭۇل بۆلۇۋاتىمەن‘ دەپ ئىككى شاپىلاق سالدى. مەن قاچتىم. ئوقۇتقۇچىسى موتسىكىلىت بىلەن قوغلىدى. مەن دەرەخلىق ئارىسىغا قېچىپ ئوقۇتقۇچىنى ئازدۇرۇۋەتتىم. كەچتە ئۆيگە كىلىپ، بولغان ئىشنى ئانامغا دىدىم. دوستۇمنىڭ ئانىسى بىلەن ئانام تونۇشىتى. ئۇنىڭ ئانىسى كەلگەندە ئانامغا “مۇختەرجاننى بىزنىڭ بالىغا قوشۇپ قويساڭلارمۇ بوپتىكەن، كادىر قىلىمىز دەپ ھىچ نىمە قىلالماي ئولتۇرغاندىن، ھۇنەرگە بەرسەڭلار جېنىڭلارغا ئەسقاتمامدۇ، بىزنىڭ ئاشخانىدا ئۇششاق ئىشلارغا قارىشىپ بەرسە، قورسىقىدىن غەم قىلماي ھۇنەرلىك بولۇپ قالاتتى، سىلەرگە پۇلمۇ ئەۋەتىپ بىرەلەيتتى” دەپتىكەن، ئاناممۇ ئويلۇنۇپ قاپتىكەن. شۇڭا مەن دەرستە چىكىنىپ كەتكەندىمۇ مەن بىلەن كارى بولماپتۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇرغىنىنى ئاڭلاپ ئانام ’خەقنىڭ بالىسىنى نان بىرىپ قويغاندەك ئۇرغىنىنى، قولى ئېقىپ كىتەر ئىلايىم. ئەمدى مەكتەپكە بارما‘ دىدى. دادامنىڭمۇ ئاچچىغى كەلگەچكە مىنى مەكتەپكە زورلىمىدى. ئانام مەكتەپكە بېرىپ ’بالام يوقاپ كەتتى، بالامنى تېپىپ بەر‘ دەپ ئەسكىلىك قىلىپ، مىنى دوستۇمنىڭ ئىچكىرگە ماڭغان تۇققىنىغا قوشۇپ قويدى. پويىزدا ئولتۇرۇپ شۇنداق ئۇزۇندا باردۇق. مەن كۇلىغا بىكاردىن- بىكار بېرىپتىمەن. بېرىپ بىرەر ئويۇنچۇقمۇ سېتىۋالالمىدىم. ئۆيگە بىر پۇڭمۇ ئەۋەتەلمىدىم. ئۇلار ئەسلى ئوغۇرلۇق قىلىدىكەن. ماڭا ئۇگىتىمىز دەپتى مەن كىتىمەن دەپ ئۇنىمىدىم. بەك جىق تاياق يىدىم. دۇمبەمگە تاسما بىلەن ئۇردى. دۇمبەمنى پىچاق بىلەن تىلدى. تاماكا ياقتى. قېچىپ كەتسەم تۇتۇپ كىلىپ ئاغزىمنى يىرتىۋەتتى.
ئۇ مىنى كۆرمەي قالمىسۇن دىگەندەك ئېغىز گىرۋىكىدىكى تارتۇقنى كۆرسەتتى.
ئۇنىڭ سەبى ئۆسمۇر چىرايىدىكى نارسىدىلەرگە قىلىنغان چىكىدىن ئاشقان شەپقەتسىزلىكنىڭ بۇ تامغىسى ئۇنى كۆرۇپ قالغان كۆزۇڭدىن بىزار بولغىدەك كۆڭۇلنى قاتتىق غەش قىلاتتى.
_ئوغۇرلۇققا كۆندۇرەلىدىمۇ؟
ئۇ گەپ قىلماي تۇرۇپ كەتتى.
_مىنى نەچچە قېتىم ئېلىپ چىقتى، مەن خەقنىڭ ياچۇقلىرىغا، سومكىلىرىغا قول تىقمىدىم. ئۈگەتكەندە ئامال يوق ئۈگەندىم. لىكىن كوچىدا قىلمىدىم. _ دىدى ئۇ.
_ئۇلاردىن قانداق قۇتۇلدۇڭ؟
_لوبەن تىلفۇنىنى ئۇنتۇپ قاپتىكەن. ئۇدۇل خوشنىمىزنىڭ تىلىفونىغا تىلىفون قىلىپ ئانامنى تولىغۇزۇپ بولغان ئىشنى دىدىم.
ئۇ كۇنلەرنى ئېسىگە ئالغۇسى كەلمەيۋاتقاندەك ئۇنىڭ قىزغىنلىقلىرى سۇسلىشىپ كەتتى. چىرايى يەنە تۇتۇلدى.
_ئاناڭغا ھەممىنى دىدىڭمۇ؟.
_دىدىم. ئانام ئۇلارنىڭ چوڭ ئۆيىدىكىلەرنى ئىزدەپ ئۇرۇشۇپتىكەن، لوبەن “يەنە بىركىمگە دىسەڭ تىلىڭنى كىسىۋىتىمەن” دەپ يولغا سېپ قويدى.
_ساۋاقدىشىڭمۇ ياردەم قىلالمىدىمۇ؟.
_ئۇ دىگەن ئۆيىدىكىلەر نىمە دىسە شۇنى قىلىدىكەن_ ئۇنىڭ تۇنجى دوستلىقى شۇنداق تۈگىگەن ئىدى._ مەكتەپكە باراي دىسەم مەلىمدىن قوقتۇم. ئاناممۇ زولىمىدى. ئاكام مۇشەدە قاسساپلىغا ياردەملىشىپ كۇن ئالىتى، ئانام ئاكاڭ بىلەن تۇرۇپ ھۇنە ئۇگەن دىدى. شۇڭا ئاكامنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتىمەن.
_نىمە ھۇنەر ئۇگەندىڭ؟
_مىنىڭ پەقەت جېنىم يوق. گوش پاچىلاي دىسەم قولام ئۇيانغا- بۇيانغا كىتىپ لوبەننىڭ ئاچچىقىنى كەلتۇرۇپ قويىمەن. شۇڭا گوش توشۇيمەن.
_مەكتەپكە كىتىشنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟.
_ئانامغا دىگەنتىم ئۇنىمىدى. مەلىمىم چۇشۇمگە چىرىپ قالسىمۇ قورقۇپ كىتىمەن. بىر قېتىم تۇتۇۋېلىپ چۇش كۆرۇپ قاپتىكەنمەن ۋاقىراپ ھەممىسىنى ئويغىتىۋىتىپتىمەن._ ئۇنىڭ كەيپىياتى يەنە ئەسلىگە كەلدى.
_كىتاپ ئوقۇغۇڭ بارمۇ؟، ئۆيدىن كىتاپ ئېپ چىقىپ بىرەي.
_كىتاپ ئوقاي دىسەملا ئۇخلاپ قالىدىكەنمەن. ئەتىگەندە ئاكام مىنى سۆرەپ، سۇ چېچىپ ئوغۇتىدۇ. ئاكا، ئاشخانىدىن تاماق يىمەڭ. ئاشپەزلەر بازاردىن ھاجايىپ بىر گوشلىنى ئالىدۇ. ئاچ قالسىڭىزمۇ، ئاشخانىنىڭ تامىقىنى كوچىغا تىزىپ قويسىمۇ يىمىسىڭىز بولىدۇ. بىز ئامال يوق بەزىدە يەپ قالغاچقا دىققىتىمنى يىغالماس بولۇپ قالدىم. ئەتە- ئۆگۇن يولنىمۇ تېپىپ ماڭالمامدىمەنكىن دەيمەن._ ئۇ بۇ گەپلىرىنىڭ بەزىلىرىنى چوڭلاردىن ئۈگىنىۋالغاندەك قىلاتتى.
_سەن راستىنلا كۇچلۇككەنسەن._ دىدىم ئۇنىڭ كۆسەيدەك قارا، مەينەت بىلىكىنى قولۇمغا ئېلىپ._ كۇلىچىلارغا بوزەك بولمىغىنىڭ بەك ئوبدان بوپتۇ.
_بىز بىر يەرلىك بولغاچ مىنى قويۇپ بەردى_ دىدى ئۇ كەمتەرلىك بىلەن،_ كۇلىچىلاردىن ياخشى ئادەم چىقمايدىكەن. ھۇنەرنىڭ ئوبدىنىنى ئۇگىنىپ چىققىنى تاس قالدىم. خۇدايىم بىر ساقلىدى.
ئۇ ئىگىز بىنالار، كوچىدىكى زىچ ئۆتۇشۇۋاتقان ماشىنا- پىكاپلار، سۇرلۇك ئادەملەر ئارىسىدا شۇ قەدەر كىچىك، ئەرزىمەس، خۇنۇك، پاناسىز كۆرىنەتتى. ئۇ ساددا، سەبى كۆزلىرى بىلەن ئەشۇ بىنالار، پىكاپلار ۋە ئادەملەرگە ئەيمىنىش، ياتسىراش بىلەن قارايتتى. ئۇنىڭ كىيىمى ماي ھەم كونا، يۇز، بويۇنلىرىدىن ئېچىغان تەر ۋە كونا ياغ پۇرىقى كىلەتتى. ئۇ مەكتىپىدىكى چېغىدەكلا ئۆزىنىڭ ئوسال ئۇستى- بېشىىدىن نومۇس قىلىۋاتقاندەك قورۇنۇپ تۇراتتى.
_ خوش ئۇكام،_ دىدىم ئۇنىڭ بايا قاسساپنىڭ قاتتىق قولى تەككەن دۇمبىسىنى سىلاپ قويۇپ._ بۇندىن كىيىن بۇنداق ئېغىر نەرسىنى كۆتۇرمە. كىسەل بولساڭ سىنى كىم داۋالىتىدۇ؟.
مىنىڭ بۇ گەپلىرىم ئوشۇقچە ئىدى. شۇڭا ئېغىزىمنى يىغدىم. يانچۇقۇمدىن گوشتىن ئاشقان يىگىرمە نەچچە كوينى ئالدىم.
_ئاكاڭ بىلەن بۇنىڭغا تاماق ئېلىپ يەڭلار._ دەپ ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇشىمغا، ئۇ پۇلنى كۆرۇپ خۇددى ئۆزىنى موتسىكىلىت بىلەن قوغلىغان ئوقۇتقۇچىسىنى كۆرۇپ قالغاندەك:
_ياق،_ دەپلا بەدەر قاچتى.
“بالا پۇلدىن نىمىشقا شۇنچە قاچىدۇ” دەپ كۆپ ئويلاندىم. “ساددىلىقتىن پۇلغا قىزىقىپ ئىستىقبالىنى تۇگەشتۇرگىنى ئۇچۇنمۇ؟”، ياكى “بىكارلا بىرىلگەن پۇلنىڭ كەينىدىكى قارا قولنى كۆرۇپ قالغىنى ئۈچۈنمۇ؟”، ۋە ياكى “ئۆز قەدر- قىممىتىنى تونۇپ يەتكىنى ئۇچۇنمۇ؟”.
ئاز ئۆتمەي ئۇنى ئىككىنچى قېتىم يەنە شۇ گوش بازىرىدا ئۇچراتتىم، ئۇ مەن بىلەن پىشىپ يىتىلگەن چوڭلاردەك كۆرۇشۇشكە تىرىشتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتى يۇلقۇنۇپ چوڭ بولۇشقا تىرىشىۋاتقاندەك، ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىدىن بىزار بولۇۋاتقاندەك تۇيۇلدى. ئۇ كانارىدىكى گوشلارغا قاچان توشۇپ بولارمەن دىگەندەك ئەنسىز قارايتتى. قىسقىغىنا ۋاقىتتا ئۇ قارىداپ، پەرقلەنگىدەك ئورۇقلاپ قالغان ئىدى.
_ تاماق يىمەۋاتامسەن نىمە؟. قارا بۇ ئىچى سۇرۇپ كەتكەن قوزىنىڭ قوۋۇرغىسىغا…_ دىدىم ئۇنىڭ كوينىكىنى كۆتۇرۇپ، قورسىقىنىڭ ياغاق تاغاق سۆڭەكلىرىنى كۆرسۇتۇپ.
ئۇ بالىلىقىغا تۇيۇقسىز قايتىپ قالغاندەك سەبىلىك بىلەن كۇلدى. ئەمما ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئىللىقلىقنى ئۇ ياقتىكى بىر قاسساپنىڭ:
_مەككە، ما گوشنى بۇ ئاچاڭغا ئاپىرىپ بىرىپ تىز كەل. ئاڭلىدىڭما؟_ دىگەن ئاۋازى ئۆچۇرۇۋەتتى.
_خوش _دىدى بالا قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ سەل ئېڭىشىپ. ئۇ ئەمدى بايا بىردەملىك ئېسىنى يوقۇتۇپ، بولمىغۇر ئىش قىلىپ قويغاندەك ئوڭايسىز بىر ھالەتكە كىلىپ قالغان ئىدى.
ئۇ خالتىغا قاچىلانغان گوشنىڭ ئالدىدا كۇچىنى يىغىۋاتقاندەك بىردەم تۇردى، ئاندىن خالتىنى دەس كۆتۇرمەكچى بولۇۋىدى ئورۇق گەۋدىسى ئىغاڭلاپ كەتتى. ئۈ يەنە بىر سەپىرىنى باشلىدى.
سەنشىخاڭزىدىكى گوشنى توپ سېتىش بازىرى شەھەر سىرتىغا يۆتكىۋىتىلگەندىن بىرەر يىلدەك گوشنى ئەتراپتىكى دۇكانلاردىن ئېلىپ ئۇ بالىنى ئۇچرىتىش پۇرسىتى بولمىدى. كىيىن ئۇچ تاش تەرەپتىكى گوشنى توپ سېتىش بازىرىغىمۇ بىر قانچە قېتىم باردىم. لىكىن ئۇنى ئۇچراتمىدىم. مەن بىر قېتىم ئۇكامنى ئىچكىرگە كاماندىروپكىغا يولغا سېلىش ئۇچۇن پويىز بىلىتى تاپالماي، ھايانكەشتىن ئېلىشقا توغرا كەلدى. ھايانكەش بىزنى پويىز ئىستانسىسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە باشلاپ ماڭدى. ئۇ كىيىمى ئازراق رەتلىك ئادەم بولسىلا ساقچىمىكىن دەپ گۇمانلىناتتى. بىزگە ئىشەنچى بولمىسىمۇ جاھاندارچىلىقنىڭ ھەلەكچىلىكىدە تەۋەككۇل قىلىپ “بىرسىدىن تېپىپ بىرەي، سىلەرگە ياردەم قىلغىم كىلىپ قالدى” دىگەن بانا بىلەن بىزنى باشلاپ ماڭدى. تىقمۇ- تىقما، رەتسىز، مەينەت كوچا، كۆكتات بازىرى ۋە پىت بازارلىرىدىن كىسىپ ئۆتتۇق. ئاندىن پاسكىنا بىر تونىلدىن ئۆتتۇق. يەنە بىر كىلومىتىردەك ماڭدۇق. ئۇ بىزگە “ساقلاپ تۇرۇڭلار” دەپ ئۆزى كەتكەن پېتى يوقالدى. بىز بىر سائەتتەك ساقلىدۇق. تىلىفۇنىنىمۇ ئىتىۋالغان ئىدى. بىز ئامالسىز قايتىپ تونىلدىن ئۆتۇپ ئازراق مېڭىشىمىزغا ھېلىقى بالا تۇيۇقسىز ئالدىمدىن چىقىپ قالدى. مەن ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ توختاتتىم. ئۇ يۇلقۇنۇپلا قولۇمدىن چىقىپ كىتىشكە تاسلا قالدى. ئۇنىڭ يۇزىدە_ مەڭز سۆڭىكى ئۈستىدە نىمىنىڭ ئىزىلىقىنى بىلگىنى بولمايدىغان كۆرۇمسىز، بۇرۇنقى تارتۇقتىنمۇ سەت، كەڭ، چوڭ بىر داغ پەيدا بولغان ئىدى . ئۇ تارتۇققىمۇ ئوخشاپ كىتەتتى. ئۇنىڭ بويى ئۆسمىگەندەكلا قىلاتتى.
_ مىنى تونۇمىدىڭمۇ؟
ئۇ ماڭا ئەندىشىلىك قاراپ قولۇمدىن قېچىشقا تىرىشاتتى. بۇ چاغدا يېنىمدا يىگىرمە بەش ياشلاردىكى بىر ياش پەيدا بولدى.
_ بۇ يانچۇقىڭلىغا قول ساممىسا نىمىشقا تۇتىۋالىسىلەر، نىمىش بولدى. _ دىدى ئۇ. ئۇنىڭ تۇرقى كىشىگە تولىمۇ يات، يېقىمسىز، يۇزسىز كۆرىنەتتى. مەن بالىنى قويۇپ بەردىم. ئۇ مەندىن قېچىپ نېرى كەتتى. ئاندىن يىراقتا قاراپ تۇردى.
_ ئۇنى قاسساپ بازىرىدىكى چېغىدا تونۇيتىم. ئۇنىڭ يۇزىگە نىمە بولدى؟.
ئۇنىڭ ئەلپازى سەل پەسەيدى.
_ ھەي، بۇ گۇي ئىچكىرىدىن بىر ھۇنەر ئۇگىنىپ چىققان ئىكەن. بىرسىنىڭ پورتمالىنى ئوغۇرلاپ تۇتۇلۇپ قېلىپ تاياق يىدى. _ دىدى ئۇ_ جېنى تۆمۇركەن. ئۇ كۇنى يىگەن تايىقىدا بۇنى ئۆلەمدىكىن دەپتىمەن.
_ سىللە ئاكىسىمۇ؟
_ مەن نەۋرە ئاكىسى. مەن مۇشۇ ئەتراپتا قاسساپلىق قىلىمەن. ياردەملىشەمىكىن دەپ ئېپ قالسام خەقنىڭ يانچۇقىغىلا قارايدۇ بۇ ھارامزادە. يولغا سېلىۋەتمىسەم بولمىدى.
_ ئاكىسىچۇ؟
_ كۇنىنى ئالالماي كەتكەن.
مەن ئۇ بالا بايا تۇرغان جايغا قارىدىم . ئۈ يەردە ئۇ يوق ئىدى.
_ ئىچكىردە ئوغۇرلۇق قىلغىنى ئۇنىماي تاياق يەپتىكەنغۇ؟
_ ئۇ دىگەن بۇرۇنقى ئىش، لىكىن ئۇ ئىچكىردە ھۇنەرنى ئۈگىنىپ قويۇپتىكەن. ھۇنەر بىكار كەتمىسۇن دىگەن چېغى. دائىم يېنىدا پۇل پەيدا بولۇپ قالىتى. تېخى خېلى جىق. مەنمۇ گۇمانلانغان. ئاتا- ئانىسى ئوبدان ئادەملەرتى. ئۇلىنىڭ شەنىگە چىچىپ بۇنىڭ قىلىپ يۇرگەن ئىشىغا قاراڭلار. شۇنداق قاتتىق تاياق يەپمۇ پۇرسەت چىقسىلا يەنە شۇ كويدا.
_ سىزگە چوڭ باش ئاغرىقى بوپتۇ _ دىدىم مەن.
_ بۇنى بىر دىمەڭ. بۇ گۇي يەنە يوق تۇرىدىغۇ. بۇرۇن ئوغرىلارنىڭ ئەڭ ۋەھشى لوبىنى ئۇنى ئوغۇرلۇققا سالالماي ئۇنىڭ ئېغىزىنى يىرتىۋەتكەن. ئەمدى بولسا ئۆلگىدەك تاياقمۇ ئۇنى بۇ يولدىن ياندۇرالمىدى. ئەمدى نىمە چارە باركىن تاڭ _ دىدى ئۇ خوشلۇشۇپ.
خاتالاشمىسام ئۇ بۇ يىل 12 ياشقا كىرگەن. ئۇنىڭ يۇزىدە بۇرۇنقى پەزىلىتىدىن ۋە كىيىنكى يولدىن چىقىشتىن قالغان ئىككى تارتۇق بىر بىرىنى بېسىپ چۇشمەكچى بولغاندەك توختىماي ئۆزىنى بەكرەك گەۋدىلەندۇرۇشكە تىرىشاتتى. بەلكى كىيىنكىسى بۇرۇنقىسىنى ھەر جەھەتتىن بېسىپ كەتكەن. ئەگەر ئۇ ھازىرقى يولىنى داۋاملاشتۇرسا، چوڭ بولغاندا ئۇنىڭ يۇزىدىكى تارتۇقلىرى_ مەيلى ئۇ قانداق سەۋەپتىن قالغان بولسۇن _ باشقىلارنى قورقۇتۇشتا، جەمىيەتنىڭ داشقاللىرى ئارىسىدا يۇز تېپىشتا كۆپ كىرەككە كىلىدۇ. لۇكچەكلەر ئارىسىدا تارتۇق خۇددى جەڭدە ئىرىشكەن مىدالدەك شان- شەرەپ، ئابروي ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى، تارتۇقنىڭ زىيىنى بولمىغىنىنى ئۇ تىزلا بىلىپ قالىدۇ .
بۇ بىمەنە خىياللىرىم ماڭا ئازراقمۇ تەسەللى بىرەلمىدى، نەپرىتىمنىمۇ قوزغىيالمىدى.
مەن شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. ھەم ئۇچرىتىپ قېلىشنى خالايدىغان- خالىمايدىغانلىقىمنى بىلەلمەس بولۇپ قالدىم.
ئىزاھات:
¢ظ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇملاشقان نامى.
(«تارىم» ژورنىلى 2008-يىلى 11- ساندا ئېلان قىلىنغان.)