ئورخان پامۇك
تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا) تەرجىمىسى
يېزىۋاتقان كىتابىنىڭ مۇقاۋىسىنى خىيال قىلمىغان يازغۇچى تۇيغۇ تەربىيىسىنى تاماملىغان، پىشىپ يېتىلگەن، لېكىن ئۆزىنى يازغۇچى قىلىپ چىققان ساددىلىقنى يوقىتىپ قويغان يازغۇچىدۇر.
كىتاب ئوقۇشنىڭ بارلىق ئېسىل تەجرىبىلىرى ۋە شاتلىقلىرى، كېيىنچە خاتىرىلىرىمىزدە ئۇ كىتابلارنىڭ مۇقاۋىسى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ.
كىتابلارنى مۇقاۋىسىگە قاراپ سېتىۋالىدىغان ئوقۇرمەنلەرنى ۋە بۇنداق ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن يېزىلغان كىتابلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان تەنقىدچىلەرگە تېخىمۇ بەك مۇھتاجمىز.
روماننىڭ مۇقاۋىسىدا باش قەھرىمانلارنىڭ چىرايىنى ئېنىق بىر شەكىلدە كۆرسەتمەك، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە يازغۇچىنىڭ تەسەۋۇر كۈچىگە قىلىنغان قۇبۇل قىلغۇسىز بىر ھۇجۇمدۇر.
«قىزىل ۋە قارا» دېگەن كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى قىزىل ۋە قارا رەڭدە ، «كۆك ئۆي» دېگەن روماننىڭ مۇقاۋىسىنى كۆك رەڭدە، «قەلئە» رومانىنى مۇقاۋىسىغا بىر قەلئە رەسىمى قىستۇرۇپ لايىھىلىگەن لايىھىلىگۈچى، كىتابقا بولغان ھۆرمەتنى ئەمەس بەلكى ئوقۇپ باقمىغاندەك تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
بىز ئوقۇغان كىتابنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن كۆزىمىزگە چېلىققان مۇقاۋىسى، بىزگە كىتابتىكى دۇنيانى ۋە ھاياتىمىزنىڭ ئۆتكەن بىر مەزگىلىدە بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ بۇ دۇنياغا كىرگەنلىكىمىزنى بىزگە دەرھال ئەسلىتىدىغان بىر بەلگىگە ئايلىنىدۇ.
كىتاب مۇقاۋىلىرى كىتابتىكى دۇنيا بىلەن بىز ياشاۋاتقان دۇنيا ئارىسىدا بىر ئۆتۈشمە ئىشارىتىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.
بىر كىتابخانىنى جانلىق، باي ۋە مول ھەمدە جەلىپكار كۆرسەتكەن نەرسە، كىتابلىرىنىڭ ئەمەس مۇقاۋىلىرىنىڭ خىلمۇ-خىل بولۇشىدۇر.
كىتاب ئىسىملىرى كاللىمىزدا خۇددى كىشى ئىسىملىرىدەك ساقلىنىدۇ؛ بىر كىتابنى ئوخشاش تۈردىكى مىلىيونلىغان كىتابلار ئارىسىدىن تېپىپ چىقالىشىمىز بۇ سەۋەبتىندۇر. كىتاب مۇقاۋىلىرى بولسا، ئادەملەرنىڭ چىرايىغا ئوخشايدۇ؛ بىزگە يا بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن بىر خۇشاللىقنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەسلىتىدۇ ياكى ھېچ خەۋىرىمىز يوق بەختلىك بىر ئالەمنى بىزگە ۋەدە قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن كىتاب مۇقاۋىلىرىغا كىشىلەرنىڭ چىرايىغا قارىغاندەك بېرىلىپ زەن سالىمىز.