ۋەسىيەت
ئۇمۇن
ئەڭ ئاخىرىدا،
سۆيۈش بىلەن سۆيۈلۈشنىڭ قىسمەتلىرىدە،
دەلدەڭشىگەن كوچىدىكى ئارچا سايىسدا،
يىغلاپ ئولتۇرغان ماڭا تەسىللى بىرىۋاتاتتىم.
ئىچىدىن ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقان يۈرەككە ئىنسانلارنىڭ پەلسەپەۋى ئۇتۇقلىرىنى چۈشەندۇرۇپ تىنجىتىشقا ئۇرىنىۋاتاتتىم.
ئەپسۇس كەلمىسىگە تەكرار ئۈسسۈگىنىمدە قەلبىم مەندىن ئەقىللىق چىقتى.
ياشاش نىمە ئۈچۈن؟ دىگەن سوئالنى ئاڭلىغاندا،
يۈرۈكۈم توختىدى مەن يىغلاشقا باشلىدىم.
ھەقىقەتكە قەلبىم سۆيدى.
ئەقلىم ئۆكۈنۈشلىرىنى ئۆكسۈشكە ئايلاندۇرۋەتتى.
باھارنىڭ كەلگىنى بىلەن قىشنىڭ كەلگىنى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟؟
رەھىمسىز ۋە مەنىسىز ھىچنىمىدىن.
كۈنلەر قىش ۋە ياز تونىنى كىيىۋىلىپ كىشىلەرنى مازاق قىلىدۇ.
كىشىلەر كۈنلەرنىڭ كۆڭلىنى يىرىم قىلماسلىق ئۈچۈن مازاق بولىدۇ.
كۈنلەرنىڭ بوينىغا رەھىىمسىز مەنىسىزلىك مىنىۋالغاندا كىشىلەر ئۆزىگە تەسەللى ئىزدەيدۇ.
ئۆلۈشنى ئۇنتۇش ئۈچۈن،
يوقۇلۇشنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن،
كۈنلەرگە ئۇنتۇلىدۇ ۋە ئۇزۇتىلىدۇ.
دىڭىز بويىدا،
چىڭدالغان قۇمدەك،
دولقۇنلارنىڭ قۇسۇشى،
كۆپۈكلەرنىڭ ئىتىلىشىدەك،
ھىچنىمىگە تەۋە بولمايدىغان دىڭىزغا چۈشكەن يامغۇردەك،
پەرىقسىز سىڭىشىپ كەتكەن مەنگە نەپرەت بىلەن قارايدۇ كۆڭلۈم.
پالما دەرىخىنىڭ ئەڭ ئاجىز يوپۇرمىقىنى تاتلىق-تاتلىق سۆيگەن شامالغا نەپرەت بىلەن ئالايغىنىمدا،
قىلبىمدە بىرنەرسە تىپراۋاتتى،تىپچەكلەۋاتاتتى.
ئەقلىم بىلەن يەلكىسىدىن بىسىپ تۇرغان تۇيغۇلىرىم پاچاقلىنىشىم بىلەن قەلبىمنى قورشاپ ئالدى.
گۇمران بولۇش ئىستىكىنىڭ قۇلى بولغان چىغىمدا ھۆرلۈككە ئەڭ يىقىن ئىنسان بولىمەن.
يوقۇلۇش…..
ھىچنىمىگە ئايلىنىش ئۈچۈن بۇ نىجىس تىنىم پىدا بولسۇن ….
يوقۇلۇشقا ئىنتىلىش يوقۇلۇشتەك لەززەتلىك ئەمەس.
ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋىلىش پەيتىمدە مىنى ئۆلدى ئەمەس ھىچنىمىگە ئايلىنىپ بىزنى ساقلاۋاتىدۇ دىيىشىڭلارنى ۋەسىيەت قىلاي.
تەشنالىق
ئۇمۇن
تۇپراقلاردا،
ئۆزۈمنى ئۆزۈم كۆرگۈم يوق پەقەت.
مەجنۇنتالنىڭ ياپراقلىرىدا،
ئۆزمگە قاراپ كۈلىدۇ نەپرەت.
ھەميىنىمدىكى رەسىمىمنى تەتۈرگە ئۆرۈپ قويدۇم.
ئالبۇملارنى كارۋىتىمنىڭ ئاستىغا چۆرۈپ قويدۇم.
چىدىغۇسىز شاۋقۇن ئاستىدا،
جىمجىتنىڭ كۆكسىدىن نەپەس ئىلىۋاتىمەن.
غەزەپلىرىمنى ئاپتاپقا سىلىۋاتىمەن.
ئەللەي كىبى ئانامنىڭ قۇچۇقىدا تاتلىق-تاتلىق ئۇخلىۋالسام،
سۆيگۈنۈمنىڭ كۆكسىدە ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىۋالسام،
بالامنىڭ مەڭزىگە قىنىپ-قىنىپ سۆيىۋالسام،
قاغجىرغان تۇپراقتەك چاڭقاق كۆڭلۈم قىستا-قىستاڭ يالغۇزلۇقنى يانجاپ تاشلىۋىتەتتى.
دىڭىزلارغا ئارلىشىپ،
يامغۇرلارغا سىڭىشىپ كەتكىنىمدە،
ئۆتمۈشلەردىن ئۆچۈرۈلۈپ،كىلەچىككە يىتەلمىگەن مىنى،
ئەسلەش ھارۋىسىغا سىلىپ بىر ئۆمۈر سۆرەيدىغان كۆڭۈلگە غايىۋىي ئاشىق بولدۇم،
ھاياجانغا تولدۇم.
ئازاپلىنىۋاتىمەن……
نىمىگە ئازاپلىنىۋاتقىنىمنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن تىخىمۇ ئازاپلىنىۋاتىمەن.
كۈنلەر يەلكەمنى تاغدەك بىسىۋاتىدۇ.
مىنۇتلار كۈچلۈك قولغا ئايلىنىپ گىلىمنى سىقىۋاتىدۇ.
دەقىقىلەر مەنىللىرىمنى دارغا ئىسىۋاتىدۇ.
كەچكۈز ئەڭ ئاخىرقى قىزىل يوپۇرماقنى دوزاققا ئۇزاتقاندا قەبرە تىشىمنى قۇچاقلاپ ياتقان ساڭا سالاملار بولسۇن.