جېدەل
ھېكايە
ئابابەكرى ئابدۇقادىر
ئۆگۈنلۈككە قۇربان ھېيت ئىدى. قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى ئاسىم بۈگۈن قول ئاستىدا ئىشلىگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تارقاتماقچى ئىدى. قادىر غوجايىندىن ئىش ھەققىنى ئالماقچى بولۇپ، ئەتىگەندىلا ئۇنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلدى. غوجايىننىڭ دەرۋازىسىغا قۇلۇپ سېلىنغان بولۇپ، دەرۋازا ئالدىدىكى تاش ئورۇندۇقتا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلىگەن ئىككەيلەن ئولتۇراتتى. قادىر ئۇلار بىلەن سالاملاشتى، ئۇلار غوجايىن كېلىدۇ، دېگەن ئۈمىد بىلەن پاراڭلاشقاچ ئۇنى ساقلاپ ئولتۇرۇشتى.
كۈن چۈشتىن قايرىلدى. غوجايىن قايتىپ كەلمىدى. قادىر ئەتتىگەن ئالدىراپ چالا-پۇلا ناشتا قىلغاچقا، مانا ئەمدى قورسىقىنىڭ ئېچىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. شۇڭا ئۇ ئارتۇقچە ساقلاشتىن ۋاز كېچىپ، ھېلىقى ئىككەيلەن بىلەن خوشلىشىپ قايتتى. بۈگۈن ئۇنىڭ خوتۇنى ئىپارگۈل ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەنىدى. ئۇ ئامالسىز قۇرۇق نان بىلەن قورسىقىنى توقلىدى، ئاندىن دەرۋازىسىنى تاقاپ مەھەللە دوقمۇشىدىكى بوتكىغا كېلىپ غوجايىننىڭ يانفونىغا تېلېفون قىلدى، غوجايىننىڭ تېلېفونى يەنىلا ئېتىك ئىدى. ئۇ يەنە غوجايىننىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلدى. دەرۋازا يەنە ئاۋۋالقىدەك قۇلۇپلاقلىق ئىدى. ئۇ ئېرىق بويىدىكى سۆگەت سايىسىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، تاماكىدىن بىرنى ئېلىپ تۇتاشتۇردى.
ۋاقىت ئۆتۈۋەردى. قادىرنىڭ تاماكىسى تۈگىدى. كەچ كىرىپ گۇگۇم قاپقارا قانىتىنى ئەتراپقا يېيىشقا باشلىدى. غوجايىن يەنە پەيدا بولمىدى. كۆڭلىنى ئۈمىدسىزلىك چىرمىۋالغان قادىر ئامالسىز ئورنىدىن تۇرۇپ، ھارغىن قەدەملىرىنى مەجبۇرىي سۆرەپ ئۆيىگە قايتتى. ئۇ ئۆيىگە كىلىپ يەنە نان بىلەن قورسىقىنى توقلىدى. بالىلىرى مەكتەپتىن ئۇدۇل چوڭ ئۆيگە بارماقچى ئىدى. قادىر ھويلىدا تاماكا چېكىپ بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن يوتقان-كۆرپە ئېلىپ چىقىپ دالانغا ئورۇن سېلىپ ياتتى.
قادىر ئەتتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىمۇ قىلمايلا ئۇدۇل غوجايىننىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدى. دەرۋازا يەنە قۇلۇپلاقلىق ئىدى. تۈنۈگۈندىن بۇيان دەرۋازا ئالدىغا ئادەم كەلگەندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ دەرۋازا ئالدىدىكى تاش ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى. كۈن ئاش ۋاقتىدىن ئېشىپ كەتتى. غوجايىن تۇرماق ئۇنىڭ خوتۇن-بالىلىرىمۇ پەيدا بولمىدى. قادىرنىڭ قورسىقى ئېچىپ كوركىراپ كەتكەنىدى، شۇڭا ئۇ ئامالسىز ئۆيىگە قايتتى. ئۇ ئۆيىگە كەلگەندە خوتۇنى ئىپارگۈل ئاشخانىدا تاماق ئىتىۋاتاتتى.
ئۇ ئاشخانىغا كىرىپ چېلەكتىن بىر چۆمۈچ سۇ ئېلىپ ئىچكەندىن كېيىن سورىدى:
— بالىلار مەكتەپكە ماڭدىما؟
— ھەئە، ئۇلار چوڭ ئۆيدىن ئۇدۇل مەكتەپكە كەتكەن،-جاۋاب بەردى خوتۇنى قازاننىڭ تۇۋىقىنى يېپىۋېتىپ.
قادىر گەپ قىلماي ئاشخانىدىن چىقىپ دالاندىكى سۇپىغا كېلىپ ئولتۇردى-دە، تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇردى. ئۇ كۆز ئالدىدا لەيلەپ يۈرگەن تاماكا ئىسلىرىغا قاراپ نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلاتتى. بىردەمدىن كېيىن تاماق پىشتى. ئىپارگۈل قادىرنىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىپ تاماق ئېلىپ چىقتى. ئەر-خوتۇن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشتى.
— نېمە بولدى، چىرايىڭىز بىر قىسما تۇرىدىغۇ؟-ئىپارگۈل قاچىلارنى ئېلىۋېتىپ سورىدى.
— غوجايىن قايسى كۈنى ھېيتقا ئىككى كۈن قالغاندا ھېساب-كىتاب قىلىپ، ئىش ھەققىڭلارنى تولۇق بېرىمەن، دېگەن ئىدى. تۈنۈگۈندىن بۇيان دەرۋازىسى ئالدىدا ساقلىدىم. لېكىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىدىم. تېلېفونى تۈنۈگۈندىن بۇيان ئېچىلمىدى. بۈگۈنمۇ بارسام ئۆيىدە يەنە ھېچكىم يوق.
— ئەتە يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ھېيت تۇرسا، غوجايىنمۇ تازا قاملاشمىغان بىر ئادەمكەن،-دېدى ئىپارگۈل غوتۇلداپ.
قادىر ئېغىزىنى سۈرتۈپ دۇئا قىلدى. ئىپارگۈل داستىخاننى يىغۇشتۇرۇپ قاچىلارنى ئېلىپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. ئەتە ھېيت بولغاچقا قادىر غوجايىندىن نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئىشلىگەن ئىش ھەققىنى ئېلىپلا خوتۇن-بالىلىرىغا ھېيتلىق ئېلىپ بەرمەكچى ئىدى. ئۇ نېمىنىدۇر ئويلاپ ئىتتىك ئورنىدىن تۇردى-دە، ئېغىلغا كىرىپ خېلى ئوبدان سەمرىگەن قويلارغا قاراپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن يەنە يېنىپ چىقتى. بىردەمدىن كېيىن ئۇ قوشنىسىنىڭ ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىتىنى ئېلىپ كىرىپ، ئېغىلدىن بىر قوينى يېتىلەپ چىقتى-دە، موتوسىكىلىتقا سالدى. ئۇ ئىشىنى تۈگىتىپ ئىپارگۈلنى چاقىرىپ تەييار بولۇشنى ئېيتتى. ئىپارگۈل باشقا گەپ قىلماي مېھمانخانا ئۆيگە كىردى-دە، بازارلىق كىيىملىرىنى كىيىپ چىقتى. ئەر-خوتۇن بىللە ناھىيە بازىرىغا ماڭدى.
قادىر قوينى ئۇدۇل مال بازىرىغا ئېلىپ كىردى. بازار ئىچى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە قىزىپ كەتكەن ئىدى. قادىر يېرىم سائەت بولار-بولمايلا قويىنى ئۆزى كۆزلىگەن باھاغا يېقىن ساتتى. ئۇ خېرىدار سۇنغان پۇلنى ئېلىپ ئىككى قېتىم سانىدى. ئۇ پۇلنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئايرىغاندىن كېيىن يانچۇقىغا مەھكەم سالدى. ئۇ خېرىدار بىلەن خوشلىشىپ مال بازىرىدىن چىقىپ ئۇدۇل ئايالىنىڭ يېنىغا ماڭدى. ئىپارگۈل ئۇنى مال بازىرى دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرماقچى ئىدى. ئۇ بازاردىن چىقىپ ئايالى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار موتوسىكىلىتنى جايلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ئىككىسى پاراڭلاشقاچ ناھىيە مەركىزىگە جايلاشقان «ئۈمىد ئۇنىۋېرسال سودا شەھەرچىسى»گە كىردى. سودا ساراي ئىچى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى. ئۇلار ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتى، بۇ قەۋەتكە مەخسۇس ئاياللارنىڭ كىيىملىرىنى ساتىدىغان دۇكانلار جايلاشقانىدى. ئۇلار دۇكانلارنى بىردەم ئايلانغاندىن كېيىن چەتتىكى بىر دۇكان ئالدىدا توختىدى. بۇ دۇكاندا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. ئىپارگۈل تامغا ئېسىپ قويۇلغان قىزىل رەڭلىك بىر قۇر كىيىمنى ئېلىپ ئۇيان-بۇيان ئۆرۈپ كۆردى. يوپكىسىنى بويىغا چېنەپ دۇكاننىڭ يان تېمىغا ئورنىتىلغان تىكلىمە ئەينەككە قارىغاچ ئالدى-كەينىگە ئىككى-ئۈچ قېتىم ماڭدى. كىيىم ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياراشقانىدى. ئىپارگۈل ئەينەكتىكى قىياپىتىنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرىدى. شۇئان ئۇنىڭ يۈزىدە خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى قۇياش نۇرىدەك ئىللىق بىر رازىمەنلىك كۈلكىسى پارلىدى.
— مۇشۇنى ئالساق بولارمىكىن؟-دېدى ئىپارگۈل تارتىنىپقىنا.
— قادىر بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، دۇكانداردىن كىيىمنىڭ باھاسىنى سورىدى:
— بۇ كىيىمنى نەچچە پۇلغا بەردىلە؟
قىسقا ساقال قويۇۋالغان، ئەللىك ياشلار چامىسىدىكى دۇكاندار قولىدىكى چاپاننى كىيىم ئىلغۇچقا ئېسىپ قويغاچ دېدى.
— بىر مىڭ بەش يۈز كويدىن بەردۇق.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان قادىر خوتۇنىغا يەر تېگىدىن قاراپ «باشقا دۇكانلارنى ئارىلاپ باقايلى» دېگەندەك ئىشارە قىلدى. لېكىن ئىپارگۈلنىڭ چىرايى شۇ ھامان ئۆڭدى. بۇنى كۆرگەن قادىر دۇكانداردىن قايتا سورىدى:
— سېتىلىدىغان باھاسىنى دېسىلە؟
دۇكاندار دەقىقە جىم تۇرۇۋېلىپ ئېغىز ئاچتى:
— بوپتۇ، بىر مىڭ تۆت يۈز كوي بەرسىلە!
قادىر دۇكاندار بىلەن خېلى ئۇزۇن باھا تالاشتى. ئاخىرى كىيىمنى سەككىز يۈز ئەللىك كويغا سېتىۋالدى. قادىر پۇلنى ساناپ دۇكاندارغا بەردى. دۇكاندار پۇلنى يەنە بىر قېتىم ساناپ يانچۇقىغا سالدى، ئاندىن كېيىمنى قەغەز خالتىغا قاچىلاپ ئىپارگۈلگە سۇندى. ئۇلار دۇكاندىن قايتىپ چىققاندا ئىپارگۈلنىڭ چىرايى تېخىمۇ نۇرلىنىپ كەتكەن ئىدى.
قادىرنىڭ يانچۇقىدا بايا قوي ساتقان پۇلدىن ئىككى يۈز نەچچە يۈەنلا قالغانىدى. ئۇ «ئۆزۈمگە ھېچنېمە ئالمىساممۇ بار كىيىملەرنى يۇيۇپ بەرسە شۇنى كىيىپ تۇرارمەن، ئىككى بالامغا بىرەر تالدىن بىر نەرسە ئېلىپ بېرەي» دەپ ئويلىدى. ئۇلار كېتىۋېتىپ يەنە بىر دۇكاننىڭ ئالدىغا كەلدى. ئىپارگۈل دۇكان ئالدىدىكى مودېلغا كىيدۈرۈپ قويۇلغان كۆك رەڭلىك بىر پوپايكىنى كۆرۈپ بىر ئاز توختاپ قالدى-دە، ئۇنى تۇتۇپ كۆرۈپ باققاندىن كېيىن دۇكاندارغا دېدى:
— ماۋۇ پوپايكىنى كىيىپ كۆرۈپ باقسام بوپتىكەن.
دۇكاندار ئايال ئىپارگۈل كۆرسەتكەن پوپايكىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇندى. ئىپارگۈل دۇكاننىڭ بۇلۇڭىغا ياسالغان كىچىككىنە بوتكا ئىچىگە كىرىپ پوپايكىنى كىيىپ چىقتى. پوپايكا ئۇنىڭغا راستتىنلا ياراشقانىدى. ئۇ ئەينەكتىكى تۇرقىغا يەنە بىر قېتىم قارىۋەتكەندىن كېيىن، دۇكاندار ئايالدىن باھاسىنى سورىدى:
— بۇ پوپايكا نەچچە پۇل؟
— ئۈچ يۈز كوي،-دېدى دۇكاندار باشقا بىر خېرىدارغا بىر نەرسە سونۇۋېتىپ.
ئىپارگۈل دەررۇ قادىرغا قارىدى، قادىر ئىپارگۈلگە قاراپ كۆز يۇمۇشلىدى.
— يانچۇقۇمدا پۇل ئاز قالدى، بۇنى ئالمايلى، ئىككى بالىمىزغا بىرەر تالدىن كىيىم ئېلىپ بەرمىسەك بولماس؟-دېدى پەس ئاۋازدا.
ئىپارگۈلنىڭ چىرايى شۇ ھامان تاتاردى.
— كىچىك بالا دېگەن يېڭى كىيىمنىڭ قەدرىنى بىلەمتى؟-دېدى ئۇ بىر خىل پەرۋاسىز قىياپەتتە.
قادىر ھەيران بولۇپ، خوتۇنىنى ئەمدىلا كۆرۈۋاتقاندەك ئۇنىڭغا تەئەججۈپ بىلەن قاراپ تۇرۇپ قالدى.
— بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ ئۇلار ئۆز بالىمىز تۇرسا؟ ماڭە، ئۇلارغا كىيىم كۆرىمىز!-دېدى قادىر تەئەددى بىلەن كەينىگە يانغىنىچە.
ئىپارگۈل قادىرنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ جىمىپلا قالدى. ئاندىن نېمىنىدۇر ئويلاپ بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن باشقىچە بىر خىل تەرزدە نازلىنىشقا باشلىدى.
— قاراڭە، بۇ پوپايكىنى باياتىن سېتىۋالغان كىيىم بىلەن كىيسەم بەك يارىشىدىكەن، ئۇنداق قىلماي ئېلىپ بېرىڭە، بالىلار ئۆيدىكى كىيىملىرىنى كىيىپ تۇرار.
قادىر ئايالىنىڭ سۆزلىرىگە دەماللىققا نېمە دەپ جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلەلمەي سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى.
— بۇنى ئېلىپ بەرمەيمەن دېمىدىم، مېنىڭغۇ ھازىرلا ئېلىپ بەرگۈم بار. لېكىن ھازىر يېنىمدا تۈزۈك پۇل قالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغان باشقا نەرسىلەرمۇ بارغۇ. بۇ كىيىمنى ھېيتتىن كېيىن ئېلىپ بېرەي،-قادىر خوتۇنىغا يېلىنغاندەك قىلىپ ئۇنىڭ بېلىكىنى ئاستا تارتىپ قويدى. ئەمما ئىپارگۈل ئۇنىڭ قولىنى زەردە بىلەن سىلكىۋەتتى:
— بۇ پوپايكىنى ئېلىپ بېرىسىز دېدىم، چوقۇم ئېلىپ بېرىسىز!-ئۇنىڭ بېشەملىكى تۇتقانىدى.
— ھە، ئېلىپ بەرمىسەم قانداق قىلاتتىڭ؟-نەچچە كۈندىن بېرى غوجايىندىن ئىش ھەققىنى ئالالماي سەپراسى ئۆرلەپ تۇرغان قادىرنىڭ قانلىرى قىزىپ، مېڭىسىگە تەپكەنىدى،-ھېلىمۇ يېنىمدا بار پۇلغا ساڭا كىيىم ئالدۇق، يەنە نېمە كىچىك بالىدەك ساراڭلىق قىلىسەن؟
بۇ گەپلەر ئىپارگۈلنىڭ يېنىدىنمۇ ئۆتمىدى.
— توۋا، ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ، كىم ساراڭلىق قىپتۇ؟ ئۆزىنىڭ ھالال تەگكەن ئېرىگە ھېيتلىق كىيىم ئېلىپ بېرىڭ، دېسىمۇ ساراڭلىق قىلغان بولامدىكەن؟-دېدى ئۇ قادىردىنمۇ ئۆتە ۋارقىراپ.
— ماڭ دېگەندىكىن ماڭ، ھېلى مەندىن تاياق يەپ قالمىغىن بىكار،-دېدى قادىر ئىپارگۈلگە قاراپ چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقىنىچە.
— بىر تال پوپايكىنى ئېلىپ بېرەلمەي ئۇرامتىڭ؟-ئىپارگۈل بىردىنلا يىغىسىنى باشلىدى.
قادىرنىڭ چىرايى غەزەبلىك تۈسكە كىردى.
— زۇۋانىڭنى يىغ، ھېلى بىكار…-قادىر قولىنى شۇنداقلا كۆتۈرۈۋېدى، ئىپارگۈلمۇ قولىدىكى كىيىمنى تاشلىۋېتىپ قادىرنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى. ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا بىردىنلا بىر توپ ئادەم يىغىلدى. شۇلارنىڭ ئارىسىدىن قىرىق ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال ئارىغا چۈشۈپ ئىپارگۈلنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى-دە:
— ئۇنداق قىلماڭ خېنىم، جاراستاندا سەت تۇرىدۇ،-دېدى ئۇلارنىڭ جېدىلىنى پەسەيتىپ قويماقچى بولۇپ.
— نوچى بولساڭ ئۇرە قېنى؟!…-ئىپارگۈل ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ئايالنى ئىتتىرىۋېتىپ قادىرنىڭ ياقىسىغا قايتا ئېسىلدى قادىر ئۇنىڭ كونا خۇيىنىڭ يەنە تۇتقىنىنى كۆرۈپ ئۆزىنى مەجبۇرىي بېسىۋالدى. لېكىن ئۇ ئۆزىگە ھاي بەرگەنسېرى ئىپارگۈل تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كېتىۋاتاتتى.
— بىر تال پوپايكىنى ئېلىپ بېرەلمەيدىغان ھالىڭغا خوتۇن ئالغۇچە ئاناڭنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالىساڭ بولمامتى؟ بولدى، سەن قەلەندەر بىلەن ئاجرىشىمەن، خېتىمنى بەر، ھۇ… قەلەندەر!…
ئىپارگۈلنىڭ ئېغىزىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان نەشتەردىن ئاچچىق تىل-ھاقارەتتىن ئەرلىك غۇرۇرى قاتتىق ئازار يېگەن قادىر ئەمدى ئۆزىنى زادى تۇتالمىدى. ئۇ ئىپارگۈل بىلەن توي قىلغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان نەچچە قېتىم ئېغىزىدىن چىقىپ كېتىشكە تاس قالغان، لېكىن ئۆزى تولىمۇ ئېھتىيات قىلىپ كەلگەن گەپنى ئاخىرى دەۋەتتى:
— ئەرگە تەگ، ئۈچ تالاق، ئۈچ يۈز تالاق، ئۈچ مىڭ تالاق!!!… بېرىپ مەندىن بايراق غوجامدىن بىرىگە تېگىپ مۇرادىڭغا يېتىۋال!…
ئەتراپقا ئولاشقان ئادەملەردىن بىر نەچچىسى «ئاپلا…» دېگىنىچە ياقىلىرىنى تۇتۇپ قېلىشتى. ئىپارگۈل بىردىنلا يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك لەسسىدە بولغىنىچە قادىرنىڭ ياقىسىنى قويۇۋەتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئىككى كۆزىدىن بۇلدۇقلاپ ئېقىۋاتقان ياش ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ يۈزىنى قوش قوللاپ تۇتقىنىچە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قالدى. قادىر ئالدىراپ ئېغىزىدىن چىقىرىپ سالغان گېپىگە پۇشايمان قىلىۋاتقاندەك گەدىنىنى قاشلاپ بىردەم تۇرۇپ قالدى. ئۇ تاماكا چەكمەكچى بولۇپ يانچۇقىنى ئاختۇردى-يۇ، ئەتراپقا قاراپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي خۇرسىنغىنىچە خوتۇنىغا ئەلەملىك قاراپ قويدى. ئەتراپقا ئولاشقان كىشىلەر ئەپسۇسلۇق ئىچىدە باشلىرىنى چايقىشىپ، بىردىن-ئىككىدىن تاراپ كېتىشتى. قادىر ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئورنىدىن قوزغىلىپ ماڭدى. ئىپارگۈلنىڭ باھار يامغۇرىدەك تىنىمسىز تۆكۈلۈۋاتقان كۆز ياشلىرى تېخىمۇ ئۇلغىيىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدى بارا-بارا تۇمانلىشىپ ھېچنېمىنى كۆرەلمەي قالغان ئىدى.
بۇ ھېكايە «قاراقاش مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.