يۇنۇس زۇننۇن
كۆزلىرىڭدە قۇملاندىم
ئاسمانلار ئەمدى بىزنىڭ بارخان…
ئىسىمسىز چۆللەردە قالدۇق
كەلمەسكە كەتتىمۇ بىزنىڭ كارۋان؟!
ئانام يىغلاپ كېتىدۇ، ئالىقىنىدا ئۆچكەن ئۈچ يۇلتۇز
ۋىسالسىز ئۆچتى بىزنىڭ قۇياش.
كۈلرەڭ…، كۈل تەملىك ھايات
كۈلرەڭ ئەسلىمە، كۈلرەڭ ئاسمان…
بىلىمەن، ئاي تاۋۇتىدا كېتىسەن ئۇزاپ
ئۆچۈپ كېتىدۇ كۈلرەڭلەپ ھەممە
ئۆچۈپ كېتىمەن،
يېگانە تىمتاسلىقىڭ ئىچىدە…
25.08.2014