مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
قەلبىمدە بىر قىز
بۇ شەھەردە بىر قىز بار ئىدى،
ئوماق چېھرى ئاپئاق قار ئىدى.
شامۇ سەھەر ۋەسلىگە ئۇنىڭ
ئاشىق دىلىم ئىنتىزار ئىدى.
نىگاھىغا ئەمما پەرىنىڭ،
بىپەرۋالىق كۈندە يار ئىدى.
شۇڭا غەمكىن سەرگەردان بولۇپ،
ئوتلۇق يۈرەك ھامان خار ئىدى.
يوللىرىدا تېنەيتتىم ھەر يان،
ئۆتكەن – كەچكەن قارايتتى ھەيران.
كەلسە ئەگەر توزدەك جىلۋىگەر،
سۆز قىلىشقا ئىزلەيتتىم ئىمكان.
نەزەر سالسام ئەمما بىرلا رەت،
نەچچە ھەپتە يۈرەتتىم ۋەيران.
ئۆتۈپ كەتسە بىراۋنى ئېلىپ،
بارچە ئۈمىد بولاتتى گۇمران.
ئۇ ئۇپۇقتا لەيلىگەن ئىدى،
ئۇ سۈبھىگە نۇر بەرگەن ئىدى.
تەبەسسۇمى، كۈيلىرى ئارا،
دالىلارنى كۈلدۈرگەن ئىدى.
قىزنىڭ ئىشقى روھىمنى ئەمما،
كېچە – كۈندۈز كۆيدۈرگەن ئىدى.
ئاخىر نېسىپ بولۇپ غەيرىگە،
مېنى دەردتە ئۆلتۈرگەن ئىدى.
2003 – يىل 26 – نويابىر چارشەنبە كېچە، باي.