كەچكۈزدىكى يەتتە ھىجران
(چاغرىتېكىن)
(بىرىنجى ھىجران)
بالامنىڭ قاتىلى ئۆزۈم
كەچكۈز،
تۈكۈلمەكتە ئۈستۈمگە ياپراق.
بالامنى ئۆلتۈردۈم،
ئۆرتەنمەكتە سۆيگۈنۈم، تۇپراق.
ئۆزۈمدىن چەكسىز نەپرەتلىنىپ،
كۈز قوينىغا تاشلىدىم قاسراق.
ئۆزۈمنىڭ ھەلقۇمىنى ئۆزۈم بوغقۇم كىلىدۇ.
ئۆزۈمدىن چەكسىز نەپرەتلىنىمەن.
ئەي رەزىل دۇنيا چاچلىرىڭنى يۇلغۇم كىلىدۇ،
قان رەڭلىك ئازاپلىرىڭدىن لەززەتلىنىمەن.
ۋۇجۇدۇمدىكى تىترەك،لىۋىمدىكى قان،
كىرپىگىمدىن ئۆرلىگەن شەبنەم،
بىر كۈچ بۇلۇپ
قوچىماقچى بولدى جاھاننى.
مەن تېخى ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرمىگەن،
باغرىمغا بېسىپ ئاتىلىق بىلەن،
يۇمران مەڭزىگە سۆيمىگەن.
ئۇنىڭ روھى ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ،
چۈشۈمدە.
ئىش ئۈستىلىمدە،
تاماق قاچامدا.
ئېيىت پەلەك گۇناھىم نىمە؟
بۇجاھاننىڭ خېرىدارى بارمۇ؟
ئۈستەك بىرىپ سېتىۋىتىمەن.
رەزىللىكنىڭ تويماس قارنىغا،
بۇ جاھاننى تىقىۋىتىمەن.