
سەن خەلىقتىن زارلىنىپ قىلغان شىكاياتىڭ غەلەت،
ئەل بەختىنى قارا دەپ قىلغان خىيالاتىڭ غەلەت.
ئەلنى سەن قۇربان قىلىپ تاپقان ئىناۋاتىڭ غەلەت،
قوي تۇرۇپ سەن بۆردىن ئالغان ھىماياتىڭ غەلەت.
ئەر ئەمەستۇر ئول كىشى كۆكسىدە ۋىجدان بولمىسا،
تائىتى بولماس قوبۇل كۆڭلىدە ئىمان بولمىسا.
قىش ياز ئىشلەپ تۇرۇپ ئۆيدە بىر نان بولمىسا ،
ئول گادايدۇر كۆز بوياپ دېھقان دەپ ئېيقانىڭ غەلەت.
جانغا جان ھەمرا بولۇپ تەن ئىچرە بىر ۋىجدان كېرەك،
ئىلمى تەياربۇتقا ئالدانماس كىشى بولسا زېرەك.
جان بۆلەكنىڭ تەن بۆلەكنىڭ بۇندا ئىنسان نە كېرەك،
سەن جەھەننەمدە تۇرۇپ جەننەت ھېكاياتىڭ غەلەت.
شاھى ئادىل بولمىغاي قان يىغلىسا خەلقى داۋام،
زەر ئارام تاپمىسا ئالۋان سېلىقتىن خاسۇ ئام.
ئوق قىلىچ زورلۇق بىلەن خەلىقنى قىلسا ئۆزگە رام،
باش بېرىپ تاج كىيىپ شاھ دەپ ئاتالغانىڭ غەلەت.
شاھ بولۇر شۇندا كىشى خەلىق يىغلىسا تەڭ يىغلىغان،
تەڭ كۆرۈپ تەڭ كۈلۈشۈپ شۇندا مۇھەببەت باغلىغان.
خەلىقنىڭ بەختىنى ئۇ ئۆز بەختىدىن ئۈستۈن چاغلىغان،
بۇ سۈپەتلەر بولمىسا قىلغان باياناتىڭ غەلەت.
بوينى سىمدا باغلانغان قورچاققا سەن بولدۇڭ مىسال،
بولمىسا ئۆزدە جان مەقسەتكە ئول بولماس ۋىسال.
گەر ھەقىقەت بولمىسا ھەربىر سۆزى بولغان ئوسال،
مىللىتىڭدىن ۋاز كېچىپ مىللەتچى دەۋايىڭ غەلەت.
خەلىقنى ئالداش يولدا گەر قۇرسىمۇ تۈرلۈك پىلان،
تەخسىگە چوغنى ئېلىپ خەلىققە دېسە يەڭ بۇ چىلان.
بەربىر گىرىم بىلەن رەڭ ئەيلىگەن ئۈچ باش يىلان،
خەلىقنى ئوت ئىچرە تارتىپ كۆرگەن ھالاۋاتىڭ غەلەت.
مەقسىتىڭ ئەل ئىچگە پەيدا قىلىش بۆلگۈنچۈلۈك،
يېتمەن دەپ ئويلىما بۇ ئىشقا تا ئۆلگۈنچۈلۈك.
ئىتپاق خەلقىم ئاراچ يوق تامچە سۇ كىرگۈنچۈلۈك،
كېمىگە چاشقان سولاپ سەن تۆشۈك ئەتكەنىڭ غەلەت.
چۈشدە كۆرگەن ئەپەندى قولدا بولغان خوراز،
ئىككى تەڭگىگە ساتمىغان يەنە قوشقىن دېگەن بۇنۇڭغا ئاز.
سىلكىنىپ ئويغانسا يوق قولدا پۇل ياكى خوراز،
ساڭا بۇ تەمسىل دېسەم كۆزۈڭنى يۇمغانىڭ غەلەت.
زۇلمى بىرلەن قورقۇتۇپ خەلىق مېلىنى ئالسا بۇلاپ،
سالسا ھەر تۈرلۈك سېلىقنى ئۈستى -ئۈستىگە ئۈزمەي ئۇلاپ.
كىمكى سۆز ئاچسا شۈنگەن شۇنى تۇتۇپ قويسا سولاپ،
ئەل قېنى بىرلەن سۇغارغان باغۇ بوستانىڭ غەلەت .
ئۆزھۇجۇدىدىن ھەر كىشى قورچاقتىن ئەتسە ئىمتىياز،
كۆپچىلىككە خىزمىتىدىن بغىشلىسۇن قىش ھەمدە ياز.
قارغۇدىن قۇيماق تەمە قىلماقتىن ئەتكەي ئېھتىراز،
ئۆز ئېلىڭنى چەتكە تاشلاپ پاختا ئاتقانىڭ غەلەت.
نىمشېھىت رازى ئەمەس ئىملاچى ئىستىلاسىغا،
سالمىغاي ھەرگىز قۇلاق ئۇسۇلچىنىڭ ئېغۋاسىغا.
باشلىدىم قارشى كۈرەش شەيتان لەئىن ۋەسۋاسىغا،
بۇ كۆرەشكە قارشى قويغان ئەمرۇ پەرمانىڭ غەلەت.
نىمشېھىتنڭ 1947.يىلى ئۆلكىلىك ھۆكمەتنىڭ قورچاق رەئىسىگە ئاتاپ يازغان بېغىشلىمسى،
نىمشېھت ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە شېئىرلار توپلىمدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى،