كەتتىم
( خەلق قۇشاقلىرى ئىزىدىن )
غېنى سەمەت
قىز لېۋىدەك يۇمران خىياللار،
دوستلىرىمدەك تۇزىدى، كەتتى.
ئاچ قوينۇڭنى شاراب، جانانلار،
ماڭا ئەجەپ غېرىبلىق يەتتى.
ئېغىر-ئېغىر تىنغان جانانلار،
دەردىمگە دال بولالماس بەلكىم.
ئاچچىق-ئاچچىق يۇتقان شارابلار،
پىغانىمنى ئالالماس بەلكىم.
شاماللارغا سوزدۇم قولۇمنى،
پاناھىغا ئالارمىكىن دەپ .
قەبرىستانغا ئالدىم يولۇمنى،
مۇردا بىلەن ياتايمىكىن دەپ.
پىلەك تارتىپ ياتقىلى نە ۋاق،
سويماممۇ ھېچ قوغۇن بولمىدى.
‹‹ ئادارگۈل ›› گە توۋلىدىم ئۇزاق،
بىر مۇساپىر سوراپ قويمىدى.
دەرۋىشلەردىن خەۋەر ئالالماي،
ساراڭلارغا ئەگىشىپ باقتىم.
ساراڭلاردىن ساراڭ تاپالماي،
يەنە ساقلىق دەردىنى تارتتىم.
چېكىپ باقتىم ھەسرەتمىكىن دەپ،
ھەسرىتىممۇ ھەسرەتتەك ئەمەس.
ياقا تۇتتۇم ھەيرەتمىكىن دەپ،
لېكىن، ھېچكىم توۋىمۇ دېمەس.
بېرىپ باقتىم باياۋانلارغا ،
ئۇچرىمىدى گۈل تۈگۈل يانتاق.
چىداش ئاسان ھەر بالالارغا،
ئۈمىد ئۈزدۈم ئۈمىدتىن بىراق.
2012-يىلى15-نويابىر، ئۈرۈمچى