1988-يىلى كۈز ئايلىرى، تولۇقسىزدىن ئەمدىلا چىققان چاغلىرىم ئىدى، رەھمەتلىك دادامنىڭ سالامەتلىكى ، يالغۇز ئوغۇللۇق بۇرچۈمغا كۆرە ئۆرلەپ ئۇقۇيالماسلىقنىڭ مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدىكى مودىن خىياللار قەلبىمنى ھەر ئان ئۆرتەپ تۇراتتى، تۇيۇقسىز قانداقتۇر بىر ئاھاڭلارنى غىڭشىپ ئىچىمنى بوشىتىشقا ئورىناتتىم. ناھايەت غايە بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى بۇرۇقتۇرما ھىسلىرىمغا ياندىشىپ تەمبۇرنى قۇلۇمغا ئالاتتىمدە نامەلۇم بىر كۈيلەرگە چالماقچى بۇلاتتىم. نېمىشقىدۇر ھەر قېتىم سازنى قۇلۇمغا ئېلىشىم بىلەنلا مەشھۇر كومپوزىتور ئىسكەندەر سەيپۇللا يازغان « بۇلبۇللا » ناملىق كۈي ئۆز سېھرى بىلەن بارماقلىرىمنى باغلاپ مېلۇدىيەسنىڭ ئاجايىپ ئەللىيىگە بۆلەپ قۇياتتى . ئۈزۈمنىڭ بىر كۈي ئاشىقى ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلغان چېغىمدا بولسا ئەنە شۇنداق سېھىرلىك، گۈزەل كۈيلەرنى ئىجاد قىلغۇم كېلەتتى . شۇ چاغلاردا قەلەم بىلەن ئانچە-مۇنچە ھەپىلىشىپ شېئىرلارنى يېزىپ تۇرغان بولساممۇ بىراق مۇزىكىنىڭ قانداق يېزىلدىغىنىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىدىم . ئەگەر دىلغا ئوتنى ئاللاھ سالسا ئۇ ھەرگىز ئۆچمەيدىكەن، قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن قايناپ چىققان پۇغانلىرىمنى «بۇلبۇللا» دىن ئىبارەت بۇ ئۆلمەس مېلۇدىيەگە تەقلىد قىلىپ ئاخىرى بىر شەكىلگە ئەكىردىم . شۇنداق قىلىپ ئىجادىيىتىمنىڭ تۇنجى سەھىرى خەيرلىك ئاخشامدىن باشلاندى.
1994- يىلى ئاقسۇ سەنئەت مەكتەپنى غەلىبىلىك تاماملاپ نەچچە يىلدىن بېرى خاتىرلىگەن ئىجادى ناخشىلىرىمنى ئېلىپ شەھرى ئۈرۈمچىگە يول ئالدىم. تارتقان كۈلپەتلىرىمگە يارىشا 1995-يىلى باھاردا شەنتۇ خەيياڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن « ئايرىلىش ئالدىدىكى سىر» ناملىق تۇنجى قاپلىق ئۈن ئالبومىم نەشىر قىلىندى . بۇ ئالبومغا خەيرلىك ئاخشام بىلەن بىرگە يەنە ئون پارچە ئىجادى ئەسىرىم كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ شۇ چاغدىكى ئاۋانگارت مۇزىكانتلاردىن- شىرئەلى ئابدۇرىشىت، مۇختەر ئابدۇللا (شەيتان) قاتارلىقلارنىڭ يۇقىرى ماھارەت بىلەن تەڭكەش قىلىشى بىرلىشىپ ئالبوم ناھايىتى تىزلا ئالقىشلىق بۇيۇمغا ئايلاندى. ھازىرغىچە يىگىرمە يىلغا يېقىم ۋاقىت بولغان بولسىمۇ تۇنجى ئىجادىيىتىم بولغان ئۇشبۇ كۈي نۇرغۇن ناخشىچىلار تەرىپىدىن قايتا-قايتا ئېيتىلىپ ھېلىھەم مۇزىكا ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرىمگە ھەمجور بولماقتا. ئەپسۇسلىنارلىغى شۇكى شىرىن ئازاپلىرىمنىڭ مەھسۇلى بولغان« خەيرلىك ئاخشام » تالايلىغان كىشىلەرنىڭ سۆيگۈ كەچۈرمىشلىرىگە شاھىد بولغان بولسىمۇ، كىيىنكى قايتىلاپ ئوقىغان غەزەلخانلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىگى تۈپەيلى ئەسەر ئىگىسى بولغان كەمىنە شەيخنىڭ ئىسىم-شەرىپىم چەتتە قېلىشتىن سىرت ناخشامنىڭ ئىسمىمۇ شەپقەتسىزلەرچە ئۆزگەرتىشكە دۈچ كەلدى.
بۇ ساندا ئۈندىدار سۇپامنى قوللاپ كېلىۋاتقان ھەم ئۇنىڭدىن زوق ئېلىۋاتقان شۇنداقلا سەنئەت ھاياتىمغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئەزىز دوستلىرىمنىڭ قىزغىن تەلىپىگە ئاساسەن بۇ ناخشامنىڭ 95-يىللىق ۋە 2004-يىللىق ئىككى نۇسخىسىنى تەڭ مەنىۋىيىتىڭلارغا سۇندۇم، ھۇزۇرلانغايسىلەر.
تولۇق تېكىستى
تۇرسۇن شەيخ
ئېسىڭدىمۇ بىز تۇنۇشقان خەيرىلىك ئاخشام
ساڭا باقسام دولقۇنلايدۇ قەلبىمدە ناخشام
سۆيىمەن سېنى دىگەن… سۆزۈڭ يادىمدا
كېچە-كۈندۈز گۈزەل ھۆسنۈڭ كۆز ئالدىمدا.
كەتتىڭ يىراق جايلارغا يار مېنى تاشلاپ
يىغلاپ قالدىم ھەسىرەتتە كۈزۈمنى ياشلاپ
كۈتىمەن سېنى دىگەن… سۆزۈڭ يادىمدا،
كېچە-كۈندۈز گۈزەل ھۆسنۈڭ خىيالىمدا.