لەنەت ساڭا ، لەنەت خائىنلار
سەن تۇپراقتىن يارالغان ئەمەس ،
شۇڭا ئۇنى بىلمەيسەن بۈيۈك .
سەن دۈشمەننىڭ قوينىدىكى مەس ،
تېنىڭ سېسىق ، روھىڭدۇر ئۆلۈك ،
لەنەت ساڭا خائىن ئىت – كۈچۈك
سەن خەلقتىن چەتنىگەن بىر پەس ،
قەلبىڭدە يوق ۋىجدانلىق يۈرەك .
قەدىمىڭدە سېتىش – چېقىش بار ،
ئادەم يوقتۇر سېنى سۆيگىدەك ،
لەنەت ساڭا خائىن ئىت – كۈچۈك .
لەنەت ساڭا ، لەنەت خائىنلار ،
لەنەت ساڭا ئەلدىن ۋەتەندىن .
ئەل قېنىنى ئىچىپ ياتقانلار ،
مۇناپىقلار ۋەتەن ساتقانلار .
لەنەت ساڭا ، لەنەت سىياسەت ،
لەنەت ساڭا ساختا ھەقىقەت .
1937 – يىلى .
مەنبە : مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى