كاللامدا بىر قۇرت بار
تىنىمسىز نېرىۋامنى غاجىلاۋاتقان،
بەزى ھەم سۆيۈنۈپ قالىمەن.
ھوزۇرىدىن قۇتراتقۇلۇقنىڭ
قىچىشقان يەرنى قاشلىغان كەبى
زەرىپ بىلەن تامغا يا ئىستولبىغا
ئۈسۈپ سالىمەن.
بىلمەيمەن ئازاۋىنى
جىگىرىدە قۇرت بار كىشىلەر،
ھەم مەددە قۇرتى بولغان كىشىلەر،
ئۆز بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىغى
نۇرمال تويۇلغاندەك
ھەيران قالىمەن.
قانۇن ئالدىدا ھەممە باراۋەر
كىم مىنى بىنۇرمال دىيەلىسۇن؟
ئاچچىق ھاراققا خۇمارمەن ھەتتا
پاھىشىگە… ئۆلۈمگە…
توختاۋسىز چاڭگال سالىمەن.
شۇنچىلىك سېغىندىم تاياق دىگەننى
پۇخادىن چىققۇدەك
بىر توپ زوروۋاننىڭ ئارىسىدا قالسام
بىراق،
مەن ھامان ئۆز خانەمدە
تەنھا قالىمەن.
چۈمۆلىدە قانات بولسا گەر،
باش ئۇراتتى ئاخشامغا سەھەر!
يازغىنىم شېئىر ئەمەس..
ت.شەيخ …
2002-يىل- 10-ئاپىرىل،بېيجىڭ