مەن پەلەستىن


(چاچما شېئىر)
تۇرادىن ئابدۇرېھىم

قەشقەر،
تىلسىملارغا تولغان شەھەر.
بىر چاغلاردا بار ئىدى….
بارسا كەلمەس كوچىلىرى،
سىيىت گاڭگۇڭدەك نوچىلىرى،
بار ئىدى يەنە….
يەنە….
شۇ كوچىلار ئاسمانغا چىقىپ كەتتى،
سىيىت ئاخۇن بۇرادەرلىرىنى باشلاپ نەلەرگە يەتتى.
قەشقەر،
ساماۋى شەھەر.
قەدىم ھېيتگاھ ئالدىدا ،
تاشۋاي چالغان راۋاپنىڭ ئۈنى ئاڭلىنىدۇ،
قۇلاق سالساڭ،
راۋاپنىڭ ئەمەس،
ئۆستەڭبويىدىكى مىسكەرلەرنىڭ  ئاۋازى.
ئايلاندىم نەچچە رەت تۈمەن بويىنى،
كۆرۈنمەيدۇ  قەشقەرنىڭ،
ئەسلىدىكى باھارى،
يەنە ئايلىنىپ بېرىپ قالدىم،
سەمەن يولىغا.
قېنى ئۇ كۆككە بوي سوزغان بوستان تېرەكلەر؟
قېنى ئۇ <ئاسىگۈل>گە كۆيگەن ئوتلۇق يۈرەكلەر؟
قايتتىم يارباغقا،
گۈزەل نەزەرباغقا.
ياشلىقىدىكى گۈزەللىكتىن ئەسەر يوق-
مېھرى سوغۇق تاش ئورمانلىققا.
قەشقەر،
ساۋاتسىز شەھەر،
<داموللامنى جاھالەت ئوقلىرىغا باشلىدىڭ>

<نۇزۇگۇمنى قومۇشلۇق جاڭگاللارغا تاشلىدىڭ>

خام بازىرىدا يىگەنتىم،

ماي بۆرەك،دۈمبە جىگەر…ھەر خىل كاۋاپ.

لېكىن،ھەيرانمەن،
تەۋپىق بولدى باغرىڭدا <ئادەم كاۋاپ>

يۈسۈپ،مەھمۇد بوۋاملارمۇ،

كېتىپتۇ ھەج تاۋاپقا.

مەن يالغۇز…..
شۇنچە توۋلىساممۇ<لەيلىگۈل>نى،
ھېچكىم چىقمىدى.
ياتسىرىدىم بۇ شەھەردە،
توۋا!
ئادەم ئۆز ئۆيىدىمۇ ياتسىرامدۇ؟
………..
………..
………..؟

2014-يىلى   ماي

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ