چۆچەك
تاھىر ھامۇت
مۇشۇ چاققىچە
سەن ئايلانغان ئاشۇ جايلار
يەنىلا قورقۇنچلىق ھالدا مەۋجۇد،
سايە تاشلىماس سېنىڭ ئالدىڭغا.
ئاينىغان كېچىلەر، بىنورمال كۈندۈزلەر.
ئېگىز ھارۋىلارنىڭ كۆچىشى
قۇملۇقلارغا سىڭىپ كېتىدۇ.
سېنى سىيپاپ ئۆتكەن تېزلىك
ئاياغ ئىزلىرى تاشقا ئايلانغان
تاغ قاپتىلىغا يېتىپ بارىدۇ.
ئوچۇق مەيدىلەرگە باقساڭ،
ئەرلەرنى مەدھىيلەيسەن؛
كۆزۈڭنى يۇمساڭ،
شاماللىق جايلارغا كۆيۈپ قالىسەن.
سېنىڭ قەلبىڭدىن ئېتىلىپ چىققان بىر دەقىقە
ناخشا بىلەن مۇزىكىنى، تاغ بىلەن قاپتالنى،
ئادەم بىلەن ئىلاھنى ئايرىپ تاشلايدۇ.
چۆكمىگە ئايلانغان كۆز ياشلىرى
سىلىق بارخانلارنى دۆۋىلەيدۇ.
زۇلمەت كېچىنىڭ مەزمۇت دارلىرى
ئاشۇ يەردىن ئاستا كۆتىرىلىپ،
پارلاق قۇياش نۇرى ئاستىدا چۆرگىلەيدۇ.
دەل شۇ چاغدا، بىر توپ مامكاپ
خوتەننىڭ شەرقىدە يەنىلا ئۆسىدۇ.
بىر قېتىملىق سەپەردىن كېيىن
سەن بۇرۇنقىدەكلا
تەڭرىتېغىنىڭ ئەھمىيەتسىز چوققىسىغا دەسسەپ چىقىسەن.
سېنىڭ ئەتراپىڭدا سانسىزلىغان
نامسىز ئاسمان جىسىملىرى پەيدا بولىدۇ.
بەلكىم ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئويى
سېنىڭكى بىلەن تامامەن ئوخشاش.