gheni semet

بۇگۈن دوستىمىز تۇرسۇن شەيىخ نىڭ 40ياشقا قەدەم قويغان قۇتلۇق كۈنى ئىكەن. ئۇنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، ئىشلىرىغا ئۇتۇق ، تۇرمۇشىغابەخىت تىلەيمىز.
توۋەندە ئۇنىڭ ئوزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ يازغان شىئېرلىرى بىرىلدى.

تەۋەللۇت چاغى

سۈبھى دىدەم دەرىزىگە چۈشمىگەن چاغ

ئۆمرۈم ئېتى قىرىق مەرتە كىشنىگەن چاغ

ئۇشبۇ سەھەربىر لوقمىنى چىشلىگەن چاغ

يىغا تۇتۇپ ھەلقۇمىمنى بېسىپ قالدىم،

ھەسرىتىمنى قاراقىمغا ئېسىپ قالدىم.

بۈگۈن يەنە كۈندىكىدەك سەھەر ئۆتەر
ئۆمۈر كارۋان مەنزىلىدە سەپەر ئۆتەر
يىللارسېرى بەلكى  ھالىم بەتەر ئۆتەر
چۈنكى ياشلىق قايتىلانماس ئەسلەش بىلەن
ئەمدىكى ئىش ھەسرىتىمنى بەزلەش بىلەن.

ئىنسان شۇنداق تەغدىر ئىلە ياشار ئىكەن
غايە ئۈچۈن تاغ داۋانلار ئاشار ئىكەن
گاھى چۆكۈپ گاھى قايناپ تاشار ئىكەن
ياشاپ كەلدىم مەنمۇ ئەجر-مىېھنىتىمدە
باغلىيالماي ئالتۇن كەمەر ھېممىتىمدە.

تۇغۇلغانمەن كۆككە بېقىپ ئەلپازىمدا
يېرىلغانكەن تۈن كېچىلەر پەرۋازىمدا
جاھان كۈلگەن «ئىڭە» دىگەن ئاۋازىمدا
قانچە تاڭلار ئاتتى جاھان كۆلگەنى يوق
ياكى گۈلۈم ئېچىلغان يوق سۇلغانى يوق

ھاياتىمدىن قىرىق باھار ئۈتۈپ كەتتى
تالاي ئارمان ئىزىدىلا يۈتۈپ كەتتى
ئىچىم دەردۇ-زەرداپ بىلەن پۈتۈپ كەتتى
ئىجادىمدىن بىر ئىمارەت سالالمىدىم
ياشلىغىمنى قايتا قولغا ئالالمىدىم

يازغىنىمدىن ئازغىنىم كۆپ قەلەم بىلمەس
ۋەسلى جاھان رەپتارىدىن ئەلەم بىلمەس
بولۇشىمنى ئاتام بىلمەس،ئانام بىلمەس
يا ھەسرەتا، پەدەرىمگە   ئايان قىلاي،
يىتىملىكتە پۇغانىمنى بايان قىلاي..

بۈگۈن مانا قىرىق ياشقا تولغان كۈنۈم

ئەزدى ئانا سىزدىن جودا بولغان كۈنۈم

سىزنى تولغاق ئازابىغا سالغان كۈنۈم

سېغىنىشتىن قۇچاقلىدىم قەبرىڭىزنى،

ساناپ بولماس چەككەن جاپا- جەبرىڭىزنى.

شام ياقىدۇ بەلكى دوسلار بەخت تىلەپ

ھاياتىمغا شانۇ-شەۋكەت تەخت تىلەپ

چىن بەختكە قويغان سىزغۇ مىنى بۈلەپ

جېنىم ئانا سىزنى شۇنداق سېغىندىمغۇ،

سىز كۈمۈلگەن تۇپراق سۈيۈپ ئېغىندىمغۇ…

جۇدا قىلدى ئىگەم سىزنى ئانا مەندىن

ئايرىمىسۇن ئەمدى يەنە يۇرت ۋەتەندىن

ھايات بولسام ئايرىلمىسا جېنىم تەندىن

ھامان بىر كۈن ئەجرىڭىزنى ئاقلىغايمەن،

دۇئا بىرلەن ئىزنىڭىزنى ساقلىغايمەن.

ھېجران داغى

ھايات شامى ھامان بىر كۈن ئۈچەر ئىكەن

جان قۇشلىرى بۇندىن ئۈزگە كۈچەر ئىكەن

تىرىك جانلار غەم تەكتىگە چۈكەر ئىكەن

ئاتا، ئۆلۈم يۈرەكىمنى پارە قىلدى

بۇ ھىجرانغا دۇنيادا كىم چارە قىلدى؟

ئادەم گويا كۆلەڭگىدەك ئۆتەر ئىكەن

بايلىق، ئامەت، كۆزدىن ھەممە يۈتەر ئىكەن.

تەقدىر شۇنداق پىشانىگە پۈتەر ئىكەن،

بۇ ئۆمرىڭىز ئۆتتى جاپا مېھنەت بىلەن.

ھەپىلەشمەي قۇرۇق ئاتاق شۆھرەت بىلەن.

دۇنيا شۇنداق، مەنزىلىدۇر ئاخىر زۇلمەت.

ئارمان قىلىپ ئېرىشكىنى پەقەت ھەسرەت.

ئىنسانلارنى شاد ئەتكىنى پەقەت غەپلەت.

بىر رازىلىق ئالالمىدىم ئاتا سىزدىن،

ئەجرىڭىزگە بولمىدى ھېچ جاۋاب بىزدىن.

تىرىكلىكنىڭ كويى بىزنى قىلار سەرسان،

ئاھ،ئۆلۈمنىڭ سىرى بىزنى قىلار ھەيران.

قېنى كىم بار بۇ دۇنيادا ئۆلمەي قالغان؟

پەقەت سىزنى سېغىنىپلا قالار بولدۇق،

ھەسرەت بىلەن يىغلاپ تىلغا ئالار بولدۇق.

باغدا ھەربىر گۈلگە بىر كۈن سۇلماق باردۇر،

تاپقان بايلىق، تۇتقان جاھان قالماق باردۇر،

جاھان ئۈچۈن كۆپ پالاقلاپ ھارماق باردۇر،

قارا تۇپراق ئۆز قوينىغا ئالار بىر كۈن.

ئىشىكى يوق سارايىغا سالار بىر كۈن.

سىز كەلمەيسىز ئەمدى قايتىپ، بىز بارغىچە،

يازدىن قىشقا، قىشتىن يەنە باھارغىچە،

كۆز ياش بىلەن بېغىڭىزنى سۇغارغىچە

ئاتا، دائىم سىمايىڭىز كۆز ئالدىمدا،

ئېيتقان ھەر بىر گەپلىرىڭىز بار يادىمدا.

ھەسرەت بىلەن ئېگەر تاغمۇ باشلىرىنى،

ئاسمان يىغلاپ تۆكەر ئۈنسىز ياشلىرىنى.

ئاتتى ئەجەل يۈرەكلەرگە تاشلىرىنى،

قالدى ئاتا، كۆڭۈللەردە ئېغىر داغلار.

ھەسرەت بىلەن ياپراق تۆكۈپ قالدى باغلار.

سىز بەردىڭىز كۆزلىرىمگە نۇر ئاتىجان،

ئاتا قىلىپ ۋىجدان غۇرۇر ھەم ئاتىجان،

سىز روھىمدا تۈۋرۈك غايەت زور ئاتىجان،

ماڭا مەڭگۈ پاك روھىڭىز مەدەتكاردۇر.

ئارزۇيىڭىز تا ئەبەتكە دىلغا ياردۇر.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *