Khurshid Davron

خۇرشىد دەۋران 1952-يىلى 20-يانۋاردا ئۆزبېكىستاننىڭ قەدىمىي شەھىرى سەمەرقەند ئەتراپىدىكى چاردارا قىشلىقىدا تۇغۇلغان. 1994- يىلىدىن 1996-يىلىغىچە ئۆز بېكىستان دۆلەتلىك مەنىۋىيەت- مەرىپەت مەركىزى رەھبىرىنىڭ ئورۇنباسارى بولۇپ ئىشلىگەن. 1998-يىلى ئۆزبېكىستان مىللىي رادىئو-تېلىۋېزىيە شىركىتى ياشلار قانىلىنىڭ باش دېرىكتورى، 2005-يىلى ئىيۇندىن باشلاپ ئۆز بېكىستان تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ دېرىكتورى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
   1979-يىلى خۇرشىد دەۋراننىڭ دەسلەپكى شېئىرلار توپلاملىرى «قەدىردان قۇياش»، «شەھەردىكى ئالما دەرىخى»قاتارلىقلار نەشىر قىلىنغان، شۇ يىلى ئۇ ئۆز بېكىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە،1981-يىلى«تۈندىكى باغلار»، 1983-يىلى«ئۇچۇپ بارىمەن قۇشلار بىلەن »،1984-يىلى«تۇمارىسنىڭ كۆزلىرى».1986-يىلى«بالىلىقنىڭ ئاۋازى»، 1987 -يىلى«قەقنۇس»قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىنغان. ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ، يەنى 1997-يىلى«باھاردىن بىر كۈن ئالدىن »، «تەنھا قۇشنىڭ ئاۋازى»قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان.
خۇرشىد دەۋران ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، شېئىرىيەتتىن كۆرە نەسىرىي ژانىرلاردىمۇ سەمەرىلىك ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا باشلىدى. ئۇ بۇ ساھەدە، ئالدى بىلەن تار ىختىكى ئۇنتۇلماس تارىخىي سىمالارنىڭ ھاياتىي پائالىيە تلىرىگە قىزىقىپ، دەسلەپكىي قەدەمدە ئۇلار ھەققىدىكى مۆتىۋەر قوليازمىلار بىلەن تونۇشتى، شۇنىڭ بىلەن 1989-يىلى بابۇر مىرزا ھەققىدە «سەمەرقەندخىيالى»، 1990يىلى ئەمىر تۆمۈر ساھىبقىران ۋە بىبىخانىم ھەققىدە«ساھىبقىران نەۋرىسى»، 1998-يىلى شەيخ كۇبرا ھەققىدە«شېھىدلار شاھى ياكى شەيخ كۇبرا چۈشلىرى» قاتارلىق تارىخىي قىسسىلەرلەرنى يازدى. روشەنكى ئۇ بۇ ئەسەرلىرى بىلەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا ئۆزبېكىستاندا ئۆتمۈش-تارىخقا بولغان قىزىقىشنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
خۇرشىد دەۋران بۇنداق تارىخىي سىمالارنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرىنى پۇختا ئۈگۈنۈپ ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇلار ھەققىدە يەنە، ئۇلۇغبەگ مىرزا ھاياتىغا بېغىشلانغان «ئالغۇل» (1995)، بابۇر مىرزا ھاياتىغا بېغىشلانغان «سېغىنىش»(1996)قاتارلىق تارىخىي تېمىدىكى سەھنە ئەسەرلىرى بىلەن تارىختىكى ئاجايىپ كىشىلەرنىڭ يارقىن ئوبرازىنى ھازىرقى زامان ئۆزبېك دىرا مىچىلىقىغا ئېلىپ كىردى.
شۇ دەۋىرلەردە، بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يەنە «ئەمىر تۆمۈر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 660-يىللىقى»،«ئۇلۇغبەگ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 600 يىللىقى »غا بېغىشلانغان ئوپېرالىرى سەمەرقەند سەھنىلىرىدە ۋە فىرانىسىيىنىڭ پارىژ شەھرىدە ئۆتكۈزۈ لگەن«بۇخارا ۋە خىۋە شەھەرلىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2500يىللىقى»نى خاتىرلەش كېچىلىكلىرىدە پارىژ شەھىرىدىكى يۇنىسكو ۋ مۇزىيى«ئوردىئان»تىياتىرخانىسىدا ئوينالغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «تۆمۈر نامە» ناملىق 21 قىسىملىق تېلۋېزىيە تىياتىرى، «بۇخارائىي شەرىف»ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلىۋېزىيە فىلىمى سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلغان.
ئۇ يەنە، شەرق ۋە غەرب شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تەركىب تاپقان«قىرىق بىرئاشىق دەپتىرى»(بۇ توپلامغا جۇڭگو شائىرلىرىدىن لى بەي بىلەن دۇفۇنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈ لگەن).«ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ياش شائىرلىرى»(1989) ۋە ياپون شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تەركىب تاپقان«دېڭىز ياپراقلىرى»، «ساكۇرا گۈللىرى تۆكۈلەر»(1988)قاتارلىق تەرجىمە توپلاملىرىنى نەشىر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ شېئىرلار توپلاملىرىنىڭ بەزىلىرى ئەزەربەيجان،پولشا، بۇلغارىيە، روسىيە،تۈركىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، ئامېرىكا،ئەنگلىيە، ياپونىيە، مېكسىكا،تاجىكىستان قاتارلىق ئەللەردە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان.
خۇرشىد دەۋران ئىجادىيەت ھاياتىدا، كۆپ قېتىملىق شېئىرىيەت فىستىۋاللىرىغا قاتناشقان،ھەمدە 1997-يىلى چاقىرىلغان ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى ئالىي مەجلىسىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان ۋە شۇ يىغىندا«دوستلۇق»ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلانغان. 1999-يىلى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون شەھر ىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا يازغۇچىلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋە شۇ يىلى ئۆز بېكىستاندا «ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى » ئۇنۋانى بىلەن تارتۇقلانغان. 2000-يىلى ئۆز بېكىستان پارلامېنىتىنىڭ دىپوتاتلىقى(پارلامېنىت ئەزالىقى)غا سايلانغان. تۆۋەندە شائىرنىڭ« قېقىنۇس»« باھاردىن بىر كۈن بۇرۇن»« باللىقنىڭ ئاۋازى» قاتارلىق 3 شېئىرلار توپلىمىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بىر تۈركۈم شېئىرلارنى دىققىتىڭىزلارغا سۇندۇم.

دەريا يوقتۇر چېچىڭدىن باشقا

دەريا يوقتۇر چېچىڭدىن باشقا،
دولقۇنىدا ئاقاي دىسەم.
كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوقتۇر،
قاراي دىسەم باقاي دىسەم.

ئىسمىڭدىن باشقا بىر سۆز يوقتۇر،
ئېيتاي دىسەم توۋلاي دىسەم.
كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوقتۇر،
يالقۇنىدا كۆيەي دىسەم.

مېھرىڭدىن باشقا كۈندۈز يوقتۇر،
سۆزلىرىمنى ئېيتاي دىسەم
كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوقتۇر،
باشقا يولدا كېتەي دىسەم.

كېرەك بولسا

كېرەك بولسا قىلىچ ئۇچىدا،
ياشا سۆيگۈمسەن مەجنۇن بولۇپ
سېرىق رەڭلىك گۈللەر ئىچىدە،
ئېچىل كىيىن قىزىل گۈل بولۇپ.

دېلڭدىكى سۆزنى ئېيىت پەقەت،
بەخىتلىك قىل سۆيگەن ئايالنى.
ئاڭا سەن زەر -تىللانى ئەمەس،
ئىنئام قىلغىن ئاينى،شامالنى.

ئۆچىڭنى ئال،ياۋدىن زۇلمەتتىن،
ساتقىنلاردىن،ئەڭ ئاخىرقى مەيدان.
سان-ساناقسىز تېرەكلەر ئارا،
ئەڭ قۇۋەتلىك چىنارغا ئايلان.

يالغان بىلەن تولغاندا ئەتراپ،
ئىچىڭگە يۇت،تىترەك نالىنى.
چاللار جىمجىتبولۇپ قالغاندا،
ئالقىشلىغىن راستچىل بالىنى !

قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى

قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى ،
ئۇ قىلىچىم قانغا زار ئىدى .
قىلچىمدىن ئايرىلار بولدۇم ،
نە بولغايدۇر ئەۋالىم ئەمدى .

قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى،
تىغىدا ياۋ قېنى خار ئىدى،
قىلچىمدىن ئايىرىلار بولدۇم،
نە بولغايدۇر ئەۋالىم ئەمدى .

قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى ،
ئۇنى ماڭا بەرگەن يار ئىدى ،
قىلىچىمدىن ئايرىلار بولدۇم ،
نە بولغايدۇر ئەۋالىم ئەمدى .

يات قىلىچلار قانىغا زار ئەمدى ،
يات قىلىچتىن قانىم خار ئەمدى .
باشقىلارغا يار بولدىئۇقىز،
قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى .

ئىلان قىلىنغان مەنبە« مايبۇلاق»ژۇرنىلى2012-يىلى 4-سان

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *