ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى.
ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرىلىك بولسۇن.
ئاللاھدىن ھەممىڭلارنىڭ ئىشىغا ئاسايىشلىق تىلەيمەن.
ھوزۇرىڭلارغا يېقىندا يازغان ئاددىغىنە شېئىرلىرىمنى سۇنىمەن
پىكىر تەكلىپلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.
ئۇيغۇرۇم
ئۇيغۇرۇم ئۇيغاردۇر ئۇيغۇر ئۇيۇشقاق،
ئۇيغۇرۇم شۇڭقاردۇر ئۇيغۇر ئۇيۇشقاق.
ئۇيغۇرۇم ناتىۋان ئۇيغۇرۇم غەمكىن،
ئۇيغۇرۇم بىغۇبار ئۇيغۇر ئۇيۇشقاق.
ھەقىقەت بابىدا ئىگىلمەس ئۇيغۇر،
ساداقەت بابىدا ياشايدۇ مەغرۇر.
ئۇيغۇرنىڭ بىرلىكى ئۇيغۇرنىڭ جېنى،
ئۇيغۇرغا ھەمراھدۇر ۋىجدان ۋە غۇرۇر.
ئۇيغۇرنىڭ ئەجدادى سورىغان جاھان،
قاراخان سەئدىيىلەر سۇتۇق بۇغراخان.
ئۇلاركى ئۇيغۇرنىڭ شانلىق تارىخى،
ئەجدادنىڭ ئىزىنى باسىمىز ھامان.
ئۇيغۇرۇم ئەقىللىق ئۇيغۇرۇم گولدۇر،
ئۇيغۇرۇم بەزىدە كۆزى ئوچۇق كوردۇر.
ئۇيغۇرۇم مېنىڭكى شانلىق سەھىپەم،
ئۇيغۇرۇم پادىشاھ ئۇيغۇرۇم قۇلدۇر.
ئۇيغۇرۇم ئەزىزدۇر ئۇيغۇرۇم خاردۇر،
ئۇيغۇرۇم خوشالدۇر ئۇيغۇرۇم زاردۇر.
ئىككى خىل سۈپەتتە تىلىمغا ئالدىم.
ھەقىقەت ئۇيغۇردا ھەممىسى باردۇر.
ئاپتور:سۈزۈك سۇ
ئەمگىكىمىز گە ھۆرمەت قىلىڭ!
ئىشلىتىش ھوقۇقى ھەممىڭلارغا مەنسۇپ!!!
ئەركەكلەر قېنى؟
ئەرنىڭ يېشى ئەركەكنىڭ يېشى،
تۆكۈلمەيدۇ ئۈزۈلسە بېشى.
كۆزلىرىدە قىساسنىڭ ئوتى،
يالقۇنجىغان ئەركەكلەر قېنى؟
ئەركەك دېمەك بايراق خادىسى،
ئەھلى مىللەت ئۇنىڭ پادىسى.
ھەقىقەتنىڭ ئەركەك جارچىسى،
جار سالدىغان ئەركەكلەر قېنى؟
مەسۇم دىلغا نۇرلارنى چاچقان،
قىلىچ بىلەن ناھەقنى چاپقان.
ئاسماندا تور يەرلەردە قاپقان،
ئوۋلايدىغان ئەركەكلەر قېنى؟
زۇلمەتلەردىن ھەقىقەت ئىزلەپ،
مەزلۇملارغا باشپاناھ بىز دەپ.
باسقىنىمىز ھەقىقى ئىز دەپ،
توۋلايدىغان ئەركەكلەر قېنى؟
ئات ئۈستىدە جاھان سورىغان،
ئۇيغۇر بىز دەپ نەرە تولىغان.
ئۇيغار بولغان ئۇيۇشقاق بولغان،
سورايدىغان ئەركەكلەر قېنى؟
ئېلىۋىلىنسا قولىدىن نېنى،
تەييار بولغان ئىززەتكە جېنى.
ھۆرلۈك ئۈچۈن تىتىلسا تېنى،
چىدايدىغان ئەركەكلەر قېنى؟
ئاپتور-سۈزۈك سۇ
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
ئىشلىتىش ھوقۇقى بارلىق مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ!!!
بەربات بولغان ئىشەنچ
قەلبىمنى بىر ئازاپ ئۆرتەيدۇ دائىم،
يۈرىيمەن ھىجراندا تۈگمەس خىيالىم.
ۋە لېكىن دەردىمگە يوقمىكىن داۋا،
ئاشتى ھەسسىلەپ ئوتلۇق پىغانىم.
چىقىش يول ئىزدەيمەن زۇلمەت كېچىدىن،
ھەقىقەت قاينايدۇ قەلبىم ئىچىدىن.
(ياخشىغا ئارام يوق يامانغا كۆرۈم)،
بۇقۇرلار قالغانكەن تارىخ بېتىدىن.
ئىشەنسەم بىراۋغا مەن دوستۇڭ دېسە،
دەپتىمەن ئۆزۈمچە غېمىمنى يىسە.
(ئىشەنگەن تاغلاردا ياتماپتۇ كىيىك)،
ئاچتىممەن قوتاننى بۆرىلەر كىرسە.
بۆرىلەر ۋەھشىدۇر سىمايى تۈلكە،
جاھاننى قاپلىدى دەھشەتلىك كۈلكە.
كۈلكىلەر ئاۋازى يىتىم نالىسى،
يەتتى نىدالار پەلەككە كۆككە.
ئاپتور:سۈزۈك سۇ
كىملىكىم
بۇ جانىمغا ئەزەلدىن دەرمان بولغان كىملىكىم،
باغلىرىمدابۇلبۇل بوپ خەندان ئۇرغان كىملىكىم.
خىياللىرىم قېتىدە ئارمان بولغان كىملىكىم،
بېلىق سۇ سىز نە قىلسۇن «نىمجان»بولغان كىملىكىم.
كىملىك ئۆزى مۇقەددەس بىر مىللەتنىڭ بەلگىسى،
مىللەت بولسا كىملىكسىز ئۆچەر ئۇنىڭ ئەتىسى.
پارلىمايدۇ ئۇ مىللەت ۋەيران بولار كەلگۈسى،
قارا زۇلمەت كېچىدە «سەرسان»بولغان كىملىكىم.
سەن كىم دېسە ؟مەن ئۇيغۇر دەيمىز بىراۋ ئالدىدا،
ئۇيغۇر كىمۇ؟ دېمەيمىز بۇ ئەقىلسىز كاللىدا.
يىراقتۇرمىز كىملىكتىن ئوچۇق ياكى دالدىدا،
ھەزامانە ئالدىدا«پەيمان»بولغان كىملىكىم.
ئەجداد كەچكەن كېچىكتىن كېچەلمەيمىز ئەزەلدىن،
قېنى دېسە نەتىجەڭ؟بىز چۈشىمىز غەزەلدىن.
يۇڭدىمايمىز ھۆپۈپنى قىل ئارىيمىز ھەسەلدىن،
بىزگە پەقەت تۆت كۈنلۈك «مېھمان»بولغان كىملىكىم.
تارىخ بەتكە يېزىلغان قانلار بىلەن شانلىق ئىز،
ھەقىقەتنىڭ بابىدا جانلار تىككەن ئۇيغۇر بىز.
ھەر دۈشمەنگە ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن پۈكمەي تىز،
رىقابەتلىك بەيگىدە «پالۋان»بولغان كىملىكىم.
مەن ئاڭا قىلمەن ھەۋەس كىملىكسىز ھايۋانغۇ بەس!
كىملىكىنى ئۇنتۇغان ئادەم ئەمەس! ئادەم ئەمەس!
يوقاتمايلى كىملىكنى ئۇيۇشايلى چەمبەرچەس،
ئۇيۇشقاققا ئۇيغۇرغا «قورغان»بولغان كىملىكىم.
-ئاپتور:سۈزۈك سۇ
2014.7.7دۈشەنبە