ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم، ھەقىقى ئايال
ئايسىمە ئىدرىس
ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
ھەقىقى ئايال .
ئۇزۇن ئۆرۈم چاچلىرىم بىلەن،
چىمەن دوپپا كىيسەم چىرايلىق.
ئاماننىساخان نازۇكۇم،
رابىيەلەر كىيگەن كىيىمنى،
كىيىپ باقسام ئۇيغۇرغا لايىق .
جىلۋىلەنسە ئوسما قېشىمدا،
يىلىم ئوماق كۈلسە چېچىمدا،
چاچتەڭگىلەر جىرىڭلاتسام،
نازاكەتلىك سۆزلەر ئاچسام،
قوشاقلار تۆكۈلسە لىۋىمدىن،
داستانلار پۈتۈلسە تىلىمدىن.
تەھسىل قىلسام قانغىچە ئىلىم،
موزىكىغا لىق تولسا دىلىم .
تارىخ بىلەن چىڭ چىرمىشىپ،
تاپمىسام مەڭگۈ تىنىم .
ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
ھەقىقى ئايال .
تاختا – نوغۇچ كۈلسە مەن بىلەن،
قازان – قومۇچ كۈلسە مەن بىلەن،
تەملىك بولۇپ ئوخشىسا تاماق،
مەيلى ئىدىم ئوتۇن تەرسەممۇ .
ئوماققىنا باللىرىمنى ئەگەشتۈرۈپ،
مەيلى ئىدى چامغۇر يۇلساممۇ .
تۇزۇم كەملىسە،
قۇشنىلاردىن سورىسام ئازراق .
ھەققىگە
سۇنۇپ بەرسەم بىر قاچا تاماق –
ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئاش .
«ئايالىم ئەجەپ كۆيۈمچان »دەپ
ئېرىم قەلبىمنى كۆيدۈرسە،
ھاياجاندىن چىقسا ئوخچۇپ،
مەمنۇنلۇقتا كۆزلىرىمدىن ياش .
«ئانا، ئاش
ئانا، ئاش….»
«تۇزى سەل كەم،
تېتىپتۇ ئوتياش »
ئېھ، سۆيۈملۈك، سۆيۈملۈك-
سۆزلەر،
ئاياللىقىمنى تونۇتقان سۆزلەر،
مۇھەببەتكە باشلىغان سۆزلەر،
يۇرەكلەرنى ياشناتقان سۆزلەر …
ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
ھەقىقى ئايال .
ئوغۇز سۈتى بىلەن ئوغلۇمنى،
كۈچ – قۇۋۋەتكە تولدۇرۇش راھەت .
تامشىپ – تامشىپ ئەمسە سۈتۈمنى،
ساپساق ئىككى يىل،
ئۇ مەن ئۈچۈن بەخىت ھەم ئامەت .
ئانا سۈتى ئۇلۇغ – مۇقەددەس،
ئۇ بالىنى قىلار زەبەردەس .
ئانا ئۈچۈن بالا ئىمىتىش
ئۇ بىر پەرىز، ئۇ بىر پەرىز، بەس !
پەرىزلەرنىڭ ۋەزنى بەك ئېغىر،
ئۇ پەرزەنتنىڭ ھەققى، داۋاسى .
پەرزەنىت بىلەن ئاتىلار« ئانا »
«ئانا ئۇلۇغ ئىنسان رەناسى »
ئاق سۈت ھالال، ھالال سۈتۈمدە،
ئەقىل بەرسەم، كۆچ قۇۋۋەت بەرسەم،
ئەدەپ – ئەخلاق ئۇرۇقلىرىنى
ئاق سۈت بىلەن قەلبىگە تەرسەم،
قىزىم بولسا شەرم – ھايالىق،
ئوغلۇم بولسا باتۇر مەنالىق،
«ئانا » دىگە ن سۆزگە مۇناسىپ
بولالىسام چىقاتتى ھاردىق .
ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
ھەقىقى ئايال .
چولپان بىلەن بەسلىشىپ،
سەھەر تۇرسام، بەك سەھەر،
ھويلا – ئارام ئۆيلەرنى،
تازىلىسام تېز – چەۋەر،
تەييارلىسام قىززىق چاي،
ئىچسەك بىللە ئولتۇرۇپ .
قوپالمىسا باللىرىم،
ئويغاتسام مەن كۈلدۈرۈپ،
گەر چىقمىسا دادىسى،
ئويغۇنالماي ئۇيقىدىن،
ئاستا كىرسەم يېنىغا،
پىچىرلىسام بەك شىرىن،
«تاڭ ئاتمىسا يېنىمدا
ئۇخلىساڭ ئەي ئامرىغىم،
سەھەر تۇرۇپ بۈگۈنمۇ،
ئىشلەپسەندە بىتىنىم .
جاپا تارتتىڭ بىز ئۈچۈن،
رەنجىمىگىن قىلچىمۇ،
مانا ھازىر چىقىمەن،
سوۋىغىچە چېيىممۇ »
جاپا نىمە بىلىنمەس،
يۈرەك تولۇپ سۆيگۈگە
ئىشقا ماڭسا ھەممىسى،
ئۇزاتسام مەن ئىشىكتە .
ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
ھەقىقى ئايال .
ئاي كۈلگەندە ئاسماندا،
چۆچەكلىرىم باشلانسا .
يۇلتۇزلارنىڭ قېشىغا،
پەرزەنتلىرىم ئاتلانسا .
ئۇچۇپ كەلسە پەرىشتە،
بەخىت گۈلى تەرگىلى .
«ئالتۇن كەش» نى قىزىمىز،
ئېلىپ قاچسا كەيگىلى .
يەنە «ئا، ب، س » نىمۇ
ئۇگەتسەمكەن ھەر كۈنى،
ھېساپ، تارىخ، تەبىئەت،
بىلسە مەندىن كۈن – تۈنى .
بولۇپ ئۆيدە مۇئەللىم ،
بىلمىگەننى بىلدۈرسەم،
بىلىم، ئەقىل گۈلىنى،
يۈرىكىگە ئۈندۈرسەم .
تولسا ئىللىق ئۆيىمىز،
خوشال – قايناق كۈلكىگە .
دادىسىمۇ بەخىتنى
قاتار چاينىڭ مېھرىدىن
كېچەلىسەك ئىككىمىز .
ئىشىك ئوچۇق، خاتىرجەم،
كىرسە ئۆيگە بالىمىز .
ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
ھەقىقى ئايال .
ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
مۇھەببەتكە مەڭىز ياققۇم بار،
يۈرىكىمنى بېرىپ ئۇزۈمگە ،
سۆيگۈدىن كۆپ مېغىز چاققۇم بار .
«ئانا » بولسام ئانىغا لايىق،
«ئايال » بولسام نازۇك – زىبالىق،
خىزمىتىمدە قازىنىپ ئۇتۇق ،
شان – شەرەپكە ئېرىشسەم لايىق .
قوغلاشمىسام خىيالىي ئامەت،
رېياللىقتا يۈرسەم داۋامەت،
مەنا ئىزدەپ ھايات يولىدىن،
جاپالارغا يوللىسام تاقەت .
ۋاقىت مىنى قوغلىسا تىنماي،
ئۆتسەم يىللار باغرىغا قانماي،
لوتپۇللادەك ئەتىكى كۈنگە
ئىرادىنى ئاتىسام تالاي .
تىرىشچانلىق قېيىقلىرىغا،
پەرزەنتىمنى بىللە چىقارسام .
پەزىلىتىم – ۋىژدانىم بىلەن،
ئاھ، ئۇلارنىڭ
يۈرىكىدە قايتا ياشارسام .
مەنبە : « شىنجاڭ مەدەنىيىتى » ژورنىلى 2003 – يىللىق 4 – سان