بىرىنچى ھىجران

يۇنۇس زۇننۇن

بۇ چاغ بەلكىم موسانىڭ ھاسىسىدەك بىر چاغ
-بىر سېھىر چېغى؟!
مەن كۆزلىرىمگە ئىگە بولالمىغان
پەقەت بىلگىنىم:
بىر قەلىبنىڭلا چېغى.

بەلكىم ئۇزەيرنىڭ ھەيرانلىق چېغى
ئۆزگە بىر مەزگىل خامۇشلۇق چېغى،
بىر مەزلۇمنىڭ تاۋۇشى يېرىپ ئاچقان
ئاسمان ئىچىدە ئاسمانلارنى
پارچە پارچە ئېسىپ ئىچىگە
جان يادلاۋاتقان چېغى…

بىر كىرورەن، تونۇمايدۇ ھىچكىم سېنى
مونالىزانىڭ ئەپسۇنىدا
دېڭىز يامرايدۇ ھەر يەرگە
قۇم ئوينايدۇ ئۈستۈڭدە
ئىسمىڭ خار، ئىپپىتىڭ شەھۋەت بازىرىغىچە كۆندۈرۈلگەن زەنجىرلەردە
ئىچىمگە ئاران بىر تامچە يۇقى چېغى…

نى ئارزۇلارنى پەپىلەپ بالىلىقىمنى ئۇزاتتىڭ
كېيىن
جانلىرىم نەچچە ئوينىدى تىرناقلىرىمنىڭ ئۇچلىرىغىچە
شۇندا بىلدىم ئارىمىزدا ئاسمان زېمىن ھىجرانى
ئەزەلىي بىر ئايرىلىش چېغى
بىر ۋەدىگە قان بولۇش چېغى…

قاپقارا يامغۇر بولۇپ ئۇزاتتىم سېنى
بىر ئۇلۇغ ئەسلىمىنىڭ نامىدا
چۈشلىرىمنىڭ دېرىزىلىرىگە يامىشىپ تۇرۇپ
تېخى بىر بوۋاق كەبى ئىسمىڭنى تامشىپ تۇرۇپ
كەلگۈسۈمگە جانلاندۇرماقچى ئىدىم سېنى…!

بۇ پىراقتا
ھەر پىكىر بىر ۋەدە چېغى،
يۈكۈنۈپ چىن ئىنسانىيلىق ئۈستىگە
دۇئاغا بىدارلىق چېغى…
قىساس پەرز بولۇپ كەتكەن شۇنچە،
بىر جانغا مىڭ جاننىڭ ۋاجىپ چېغى…

10.02.2014

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ