
يۇنۇس زۇننۇن
سىزىق-سىزىق ئاسمانلار
قارچۇقلىرىم ئاستىغا يېيىلىپ كەچ كىرىدۇ؛
يۇلتۇز يېنىك كەشتىسى بىلەن
يېتىملارنىڭ جېنىنى يامايدۇ؛
سەبىر يىڭنىسى بىلەن تەقدىرىنى ئۇچلاپ
بىر ئۇيغۇر جان دەپ يىغلايدۇ
گۈل چېكىپ ئاسمانلارغا
بىر كەڭلىككە تامچە-تامچە تارايدۇ.
بىر گۈل تامچىپ بوينىدىن
كۈل ئاسماننى چوغلاپ
ھاياتتىن ھاياتقا تاقلايدۇ،
يېشىل قۇشنىڭ قارنىدا
جەننەت يىلىم يۇمشايدۇ،
ئانام يېشى بىلەن ياشايدۇ
سېنى ئۇزاتقان يولدا مېنىڭ يولۇمغا قارايدۇ…
گۈل تامچە
بىر يىلنى ئوشىتىپ، ئەتراپىمنى ئايلىنىپ
چېچەك-چېچەك پۇرايدۇ
ئانام خەۋەرسىز، چۈشلىرىگە سىنچىلايدۇ:
جەننەت بېغىغا بىر يىللىق قۇش
شۇنچە يېقىملىق سايرايدۇ،
مەڭگۈلۈك بىر ۋەتەننىڭ پۇقراسى بولمىش بۇشرانى
جان ئانىغا ئېيتارغا مىڭ جان ئىستەيدۇ؛
جان ئانامغا بىر ۋەتەن
شۇ گۈلدىن تامچىپ ئۈنگەن
جەننەت باغچىلىرىدا بىر ماكان
نامسىز بۈگۈنلەر سوقۇلۇپ
ئىچىگە جانلار چىللايدۇ،
بىر بامدات خۇددى مەھشەرى زۇلمەت
سۈبھى تامچىپ يالغۇز ئانامنى يىغلايدۇ…
نومۇس شۇنچە كۈچەپ ۋۇجۇدۇمدا
چاناقلىرىمغا سۈزىلىدۇ،
ھۈركۈپ قاچقان ھاياتىم
بىر شاھادەت ئىزنىكىدە
ئۆلۈم ئۇستىخان، بوشلۇقۇمنى غاجايدۇ؛
گۈل تامچە
تىنىقلىرىمغا بىر ئوچۇم يەردىن
ۋەدىلىرىمىزگە شاخلايدۇ
ئۇزاپ كەتكەن بىر ئۆتمۈش
قۇياشقا مىنىپ نۇرلارنى قوغلاپ
ھەق شانىغا تۆكۈپ تامچە-تامچە
گۈل تامچىلەر ھۆرلۈك ئۈنلەيدۇ…
يالاڭ ئاياغلىق ئاسمانلار
بۈگۈن
شامدا،خوراساندا، قەشقەردە
بىر ۋەتەننى يىغلايدۇ…
جان ئانام يەنە يېشى بىلەن ياشايدۇ…
گۈل تامچە
چۈشلىرىمدە ياتقۇنچە
بىر ۋەتەن بىخلىدى ئىچىمدە،
مەن بويلىدىم بىر يىلنى
نومۇس ئەگدى بېلىمنى…
ھىلال ئاينىڭ بېشىدا
جان ئانامنىڭ يېشىدا
تىلەپ قالدىم نومۇسلۇق كۈندىن بۈگۈندە
شۇ ۋەتەندىن شاخلىنىپ
گۈل تامچىدىن بىر تامچە
ئېقىپ كەتسىكەن جېنىمنى.