نويابىر 21, 2024
ئادىل تۇنىياز

چۇمبەلدە  كوز يوق

ياش  شائېر  ئادىل تۇنىياز شىئېرلىرىغا  باھا

ئادىل تۇنىياز  ئوتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن باشلاپ شىئېريىتىمىزدە ئىزچىل زىل –زىلە  قوزغاپ كىلىۋاتقان ،سان ۋە سۇپەت جەھەتتىن ئۇيغۇر ھازىرقى  زامان شىئېريىتىدە گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىۋاتقان  ئىستىداتلىق شائېر .

ئادىل تۇنىياز شىئېرلىرىنىڭ تىماتىك دائېرسى كەڭ ،كىتاپخانلىرى كوپ ،نەشىر قىلىنغان شىئېرې  توپلاملىرىنىڭ سىتىلىش سۇرىتى تىز ،ئۇنىڭ ئىقادىيەت يۇزلىنىشىدىكى ئىزچىللىق بىزگە ئادىل تۇنىياز شىئېرلىرىنىڭ ئۇيغۇر شىئېريىتىدىكى ئورنىنىڭ نەقەدەر مۇيىملىغىنى كورسىتىپ بىرىدۇ .بىز سەنئەتتىكى  ماھىيەت نوقتىسىدىن ،،ۋە  شىئېريەتتىكى  تەسەۋۋۇر نوقتىسىدىن شائېرنىڭ  روھىيىتىگە  نەزەر سالغىنىمىزدا  ئۇنىڭ  شىئېريەت پىسىخىكىسىدا ئاندا –ساندا ئۇچراپ  قالىدىغان قارا ساھىيلەرنى بايقايمىز ،گەرچە بۇ نۇقسان شائېرىمىز ئادىل تۇنىيازنىڭ1992-يىلى  شىنجاڭ  ياش ئوسمۇرلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن  نەشىر قىلىنغان «سويۇپ قالسام سىنى ناۋادا» 1998-يىلى مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «بويتاق شائېرنىڭ مەخپىيىتى»2003-يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى تەرىپىدىن  نەشىر قىلىنغان «چۇمبەلدىكى كوز»2005-يىلى مىللەتلەر  نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان  «دىڭىزدىكى كۆچا » قاتارلىق توپلاملىرىدىكى شائېر  ئىجادىيىتىنىڭ قاتلاممۇ –قاتلام تەرەققىياتىنى كىتاپخانلارغا  كورسىتىپ بىرىۋاتقان بولسىمۇ  شائېر ئوزى ئىتراپ قىلغان «بىر پارچە شىئېر يىزىش ئارقىلىق بەزىدە ئەنئەنىگە  سەكرىسەم ،بەزىدە ئاۋانگارىتلار توپىغا  قىتىلىمەن .بەزىدە غەرىپكە ماڭسام ،بەزىدە شەرىققە ماڭىمەن «»شەيتىنىمنىڭ پىچىرلاشلىرىغا قۇلاق سالىمەن «….قاتارلىق شائېرنىڭ  كىتاپخانلار  بىلەن بولغان سوھبىتىدىكى نەقىللىك بايانلاردىن شائېرنىڭ شىئېر يىزىۋاتقاندىكى تۇيغۇسىنى قىياس قىلىشقا بولۇدۇ .بۇ خىلدىكى مۇرەككەپ تۇيغۇنى نەزىريە ئارقىلىق ئىسپاتلاش گەرچە جىنايەت بولسىمۇ –ئىستىداتلىق  شائېرىمىز ئادىل تۇنىيازنىڭ ئۇيغۇر شىئېريىتىدىكى ھالقىلىق ئورنىنى مۇييەنلەشتۇرۇش ،ۋە شىئېريەتتىكى ئىزچىنىڭ ئىزلىرىنى  بويلاپ سەپەرگە  چىققان بىر قىسىم شائېرلارنىڭ ›ئۇيغۇر شىئېريىتىدىكى قىزىق  نوقتىدىكى شەخىس «ئادىل تۇنىياز  شىئېرلىرىغا  بولغان چۇشەنجىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ  بەزى  كىتاپخانلارنىڭ «چۇشەنمىسىمۇ  ۋاز كىچەلمەسلىك «زىدىيىتىنى ھەل قىلىش ئۇچۇن شائېرىمىز ئادىل تۇنىيازنىڭ روھىيىتىدىكى «ئۇنىڭغا ئەگەشتىم «تەسەۋۋۇرنى ئوقۇرمەنلەرگە بىشارەتلىك ئۇقۇملار  بىلەن يىشىپ  بىرىش كىرەك ،شىئېرلىرىدىكى  شەيتاننىڭ پىچىرلاشلىرىنى يۇيۇپ تازلاش ئارقىلىق روھىيەت  سەنئىتى  شىئېريەتنىڭ ئنسانىيەت ھاياتىدىكى ئىماگلىرىنى  تۇيغۇ يولىنىشىدە تۇرۇپ سوزلەش بىلەن بىرگە  ئەرەپ  شائېرى   مەھمۇت  دەرۋىشنىڭ  «شىئېريەتمۇ ئىنسانىيەتنى قۇتقىزالايدۇ «ئىسلام پەيلاسوپى رازىنىڭ» روھ پەقەت ئوزىنى ساپلاشتۇردىغان شىئېريەتنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىقلا  بۇ دۇنيانىڭ توپا توزانلىرىدىن قۇتۇلۇپ سۇزۇك ۋە پاك بولالايدۇ «…..سوزلىرىدىكى ھەقىقەتنىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە كوكتە  پەرۋاز قىلىۋاتقان شائېرغا تۇيغۇلىرىمىزدىن  شەكىل بىرەيلى ،چۇنكى كوكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان بۇركۇت  بەك ئىگىز ئۇچۇپ كەتسە  ئولجىدىن قۇرۇق قالىدۇ .

ئادىل تۇنىياز   شىئېرلىرىنىڭ كىتاپخانلىرى نۇقۇل  شائېرلار ۋە شىئېريەت ھەۋەسكارلىرى  بولماسلىغى كىرەك ،ئادىل  تۇنىياز ئوزىگە تەۋە بولۇش باسقۇچىدىن  ئاللا  بۇرۇن  ئوتۇپ كەتكەن ئۇيغۇر شائېرى ،بۇ نوقتىدىن شۇنى مۇييەنلەشتۇرۇش مومكىنكى –ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرغا  ھىممەت ئاتا قىلىۋاتقان ئۇلۇغلۇق بىلەن ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرغا  سايە تاشلاپ تۇرغان  شەيتان ئۇنىڭ روھىدا ئوخشاشلا مەۋجۇت .لىكىن  بۇ مەۋجۇتلۇق  شىئېريەتتە بىر سىر .بۇ سىرنىڭ مەۋقەسىدە  پەرىزنى  دەپ سۇننەتتىن  ۋاز كىچىشكە بولمايدۇ .شۇ سەۋەپتىن شائېر شىئېر يىزىۋاتقاندا  ھىممەت بىلەن گۇناھنىڭ  قورشاۋىدىن چىقىش ئۇچۇن  جان تالىشىدۇ .ماھىيەتتە رىئاللىقتىكى ئادىل بىلەن شىئېر يىزىۋاتقان  ئادىلنىڭ ئوتتۇرسىدا  چوڭ بىر جەزىرە مەۋجۇت .بۇ جەزىردە تالاي جەڭلەرنى  بىشىدىن ئوتكۇزگەن  شائېر ئۇچۇن ئوز مەۋجۇتلىغىنى قۇربان قىلىشقا توغرا كىلىدۇ .شۇ سەۋەپتىن  شىئېريىزىۋاتقانلار بەرجەس ئەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە  بولىشى كىرەك .،شائېر ئادىل تۇنىياز  ئوزىنىڭ بىر ماقالىسىدە قىيىت قىلىپ ئوتكەندەك «شائېر مىللەتكە تەۋە بىر گەۋدە «-بۇ گەۋدىدىكى نۇقسان بىر پۇتۇن مىللەتنىڭ ئىدىلوگىيەسىدىكى  نۇقسانلارنى گەۋدىلەندۇردۇ .شۇڭلاشقا مىللەتكە تەۋە  بولۇپمۇ كىتاپخانلارنىڭ  دىققەت مەركىزىدىكى  شائېرغا  بىز  تىخىمۇ كوپ  يۇكلەكلەرنى  يۇكلەشكە مەجبۇرمىز .

ئادىل تۇنىياز  شىئېرلىرىدىكى تۇيغۇنىڭ مەركىزىدە  دىنى تۇيغۇ چوڭ سالماقنى ئىگەللەيدۇ .بىز بۇ تۇيغۇدىكى سۇزۇكلۇكتىن ،چۇچۇشلەردىن قەدىمىلىككە ،ئەنئەنىگە  قايتىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر شىئېريىتىنىڭ ئوتتۇرا ئىقىنىدىكى تەسەۋۇپچىلار –سوپىستىك شائېرلار  بىلەن شائېرىمىز ئادىل تۇنىيازنىڭ تۇيغۇسىنى سىلىشتۇرۇپ كورسەكلا  ئۇنىڭ  روھىيتىدىكى سوپىستىك چۇقاننىڭ شىئېريەتكە بولغان ساداقىتىگە ،ھورمىتىگە چەكسىز ئاپرىن ئوقۇيمىز .ئىسلام دىنىدىكى بويۇك پەيلاسۇپ كىندى «ناۋادا بىر ئادەم پاك  بولۇپ ساختىلىق قىلمىسا ئۇنىڭ روھى چوقۇم پاك ۋە نۇرلۇق بولۇدۇ .دۇنيانىڭ سىر ۋە ئەسرالىرىنى بىلەلەيدۇ …….»دەيدۇ ،بۇنىڭ ئەكىسچە ئادەم ۋۇجۇدى ھىدايى گىرداپ يەنى شەھۋە شارائەت ،جاھالەت ۋە زىنا …بىلەن زەھەرلەنگەندە دۇنيانىڭ سىر ۋە ئەسرائىلىرى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن  يىراقلىشىپ كىتىدۇ ، بۇ تىپتىكى ئادەملەرنىڭ  تەسەۋۋۇرى قۇرغاقلىشىپ   ئەتىراپىدىكى مۇھىتقا  گۇناھ بىلەن  نەزەر تاشلايدۇ .بۇ ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىن شىرىي  سۇزۇكلۇك ۋە ئاشىقلىقنى بايقاش  مومكىن ئەمەس .ماھىيەتتە  شائېرنىڭ تۇيغۇسىغا  يىقىنلىشىپ  ماڭغان ئوقۇرمەنمۇ شائېر .چۇنكى ئۇنىڭ روھىيدا ئالدىنقى قەيتىمىزدىكى كىندىنىڭ پەلسەپىسىنىڭ يولىنىشى ئەكىس ئىتىدۇ .قەيتىمىزدىكى ماھىيەت شۇكى –شائېرنىڭ نەپسى بىلىمى ئىنىق بولىشى ۋە پاك بولىشى كىرەك ،شۇندىلا ئۇنىڭدىكى شائېرلىق كالامىتىدىن زىمىن تىترەيدۇ .بابا  رەھىم مەشرەپ دار ئالدىدا ئاپپاق غوجا سوۋغا قىلغان قەلەمتۇراچنى جاللاتقا  بەرگەندە قاللات مەشرەپنىڭ كوزلىرىدىكى شائېرلىق ئۇچقۇنلىرىدىن دىر –دىر تىترەپ كەتكەن ئىكەن .شۇ سەۋەپلىك شىئېريەتتىكى ئەۋلىيا مەشرەپنىڭ قەبرىسىدە جەسەت يوق .چۇنكى مەشرەپنىڭ روھى دۇنيانىڭ سىر ئەسرالىرىدىكى نەپىسلىكتە سۇزۇكلۇك ۋە پاكلىققا تولغان .پەيغەمبەر ئەلەيىھسالام  قوبۇل قىلغان ۋەھىيدىكى «تۇر ،ئاگاھلاندۇر ….»روھى سۇزۇك ،پاك ئىنسانلارغا قارىتىلغان ،..كوزى كور …قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان …..ئىنسانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ بۇ تىپتىكى ئىنسانلار شىئېردىن لەززەتلىنىش تۇيغۇسىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان ،بۇ تىپتىكىلەر شىئېرنى شەكىل جەھەتتىن ئوقۇسا بولىدۇ …..لىكىن شائېر بىلەن  تۇيغۇدا گىرەلەشمە ھاسىل قىلىپ شىئېردىن  ھەقىقى لەززەت ئالالمايدۇ .بۇ خۇددى ئايەتنى  شەكىل جەھەتتىن ئوقۇپ  ئۇنىڭ ماھىيتىگە يىتەلمىگەن شەكلى نامازخانغا ئوخشايدۇ .

ئايرىلىمىز  بىز چوقۇم ،
كۇن غەرىپتىن چىققاندا .
يا كۇن چىقار غەرىپتىن ،
بىز ئايرىلماق بولغاندا .
___————-كۇن غەرىپتىن چىققاندا

تۇرغاي
قانىتىنى قاقار  دالىدا
پەيلىرىدىن تۇكۇلەر قۇياش .
______—————–تورغاي
_____——–………………………………………..

ئەڭ پاكىزە سەۋەپ شۇكى بۇ شىئېرلارنى   تەسەۋۋۇر نۇقتىسىدىن چۇشۇنۇش  ئۇچۇن مەنىدىكى كوچۇش  شەكلىدىن يولىنىشنى ئوزگەرتىپ  تۇراقلىق مەنە  ئىزلىمەي  تۇيغۇمىزنى  ئەركىن قويىۋىتىش كىرەك .شۇندىلا توچكسىمان  يىراقلىقتا  بۇ  شىئېرنىڭ بىزنى چاقىرغانلىغىنى بىلەلەيمىز .زاھىرلىقتىكى چەكسىزلىكنىڭ  شىئېرى  يولىنىششتىكى مەنىسى شۇ سەۋەپتىن چەكسىز ……

خۇلاسە كالام ،ئادىل تۇنىياز شىئېرلىرىنى چۇشۇنۇش ئۇچۇن  روھىمىزدىكى ھىدايى گىرداپلارنى  يۇيۇپ تازلىشىمىز كىرەك ،ئەقلى تەسەۋۋۇرىمىز  ياندىشىپ ماڭغان  شائېرنىڭ تۇيغۇسى بىزگە ئوزلىكسىز چۇقان سىلىپ  تۇرغاندا  بىزمۇ چۇقان سىلىشىمىز ،يىغلىغاندا يىغلىشىمىز …..كۇلگەندە كۇلىشىمىز كىرەك ،شۇندىلا  بىز ئىككىنجى  بىر ئادىل تۇنىياز نوقتىسىدا تۇرۇپ  ئۇنىڭ  شىئېرلىرىنى قايتىدىن يازالايمىز .شىئېرلىرىدا ھەممە نەرسىنىڭ چەكسىزلىكى ئۇچۇن  جار  سىلىۋاتقان ئادىل تۇنىياز   كورۇش سەزگۇسى ۋە ئاڭلاش سەزگۇسى ئارقىلىق بىزگە  بىز كورمىگەن  ۋە ئاڭلىمىغان  نۇرغۇن موجىزاتلاردىن  بىشارەت بىرىپ تۇرغاندا  بىز ئۇنىڭ روھىغا مۇكىنىپ تۇرۇپ ئۇ ھىس قىلمىغان نۇرغۇن ھىدايەتلىك بىشارەتلەرنى  سىزەلىشىمىز مومكىن .چۇنكى تۇسۇغۇچى ھەرگىز  توسالغۇچى ئەمەس .ھەر قاندا ئادەم ئوزىگە قارشى تۇرماسلىغى مومكىن !!!بىراق شائېرنىڭ تۇيغۇسىغا  رىزىق  ئاتا  قىلىپ تۇرغان ھىدايى گىرداپقا كەلسەك بەزىدە قىسمەن ئىستەكلەرنى  قان قىلىشقا توغرا كىلىدۇ .شىئېر يىزىۋاتقانلار ۋە شىئېر ئوقىۋاتقانلار ئۇچۇن ئەقىل ئوز ئىچىگە ئالغان روھ چوقۇم نىمىنىڭ خاتالىغىنى ،نىمىنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىغىنى چوقۇم بىلەلەيدۇ .چۇنكى بۇ يەردە ھىدايەت مەۋجۇت .شىئېريەت ئىشقىدىكى  سەپەردە شائېرلار ئۇقۇرمەنلەرنى  شۇ خىل  سۇزۇكلىككە ئىگە قىلىدىغان يازمىلىرى بىلەن تەرەپ –تەرەپكە چىچىلىپ كەتكەن  قانلارنى يىغىشقا كۇچەيدۇ  .مانا بۇ  شائېرنىڭ كىتاپخان قەلبىدىكى ئوبرازى .

ھەيرانمەن ….تەسەۋۋۇپ ئىقىمىدىكى سۇپىستىك شائېرلار تەسەۋۋۇپ تەلىماتلىرىدا ئاللاھنىڭ  بەدى ئەدىبىياتتىكى ئوبرازىنى تەسەۋۋۇپنىڭ مۇرتەتلىك ئاۋازىدا يارغا تەققاسلاپ  شىئېردىن ئىبارەت چۇقان  بىلەن سوپىستىك چەكسىزلىكتە تۇرۇپ قان تالاشقان ئىدى .ئەنئەنىگە  ۋارىسلىق قىلىش يۇزىسىدىنمۇ ياكى شائېر تەسەۋۋۇردىكى  جۇيلۇشمۇ  شەيتان  بىلەن  پەرىشتىنىڭ قورشاۋىدىكى  شائېر ئادىل تۇنىيازمۇ ……شىئېريەت ئىلاھى ….سۇيگۇ ئىلاھى …….جەننەتماكان …….قاتارلىق  جويلۇشلىرى بىلەن «خەرىتىدىن  يىراق بىر جايدا  «»پويىشدىكى خۇدا «سەرلەۋىلىك لىرىكىلىرىىدا  شۇنداق بىر بىلجىرلاشقا يول قويدى ……بۇ سەۋەنلىكنى  كەچۇرۇشكە بولامدۇ يوق …بۇ كىتاپخان نىمىتىدىكى ئىش .
………..
…………
كىچىكىنە ساددا قىزچاقسەن ،
يالاڭغاياق پۇتلىرىڭ بىلەن
خيالىمدىن ئوتىسەن پات-پات
ئىلىپ بىر بوش سۇ قاپىقىنى
قاناتلىق ئات سىياقىدىكى
پاك،  ياۋايى ئۇلۇغ خۇدادەك
…………….
قاغىلىق
ئۇرۇمچىدىن يىراق بىر جايدا .

كىلەر جىمجىتلىقنىڭ تىۋىشى …

پويىزدىكى  يولۇچىلارغا
خەۋەر قىلدى كەلگەنلىكىڭنى
چىپىپ  يۇرگەن بىر توپ كۇن نۇرى

سەن كەلگەندە ئەي خۇدا
غىرىپلىق غىرىپلىق ئەمەس
ئوڭ قۇلۇم  ئوڭ قۇلۇم ئەمەس
ئڭلىغىنىم ئوز ئۇنۇم ئەمەس
سەن كەلگەندە بىر پارچە دىڭىز
دولقۇنلىنىپ  تاشار جىسمىمدىن
شۇئان ساڭا چۇقۇنۇش ئۇچۇن
مىنىڭ دىنىمدۇر
دۇنيادىكى بارچە دىن پۇتۇن

ئەي !خۇدا سىنى ئادەم ئەمەسمىكىن دەيمەن
سەن جىمجىتلىقنىڭ پۇچىقىدىكى ئادەم .
سەن كولەڭگىدىكى ئادەم .
نۇر سىنىڭ ئەتىراپىڭدىكى ئادەم .
سەن كەينىمدىن ئەگشكەن ھىچكىم .
مىنىڭ مەۋجۇتلۇغۇم
سىنىڭ مەۋجۇتلۇغۇڭدۇر .
سىنىڭ مەۋجۇتلۇغۇڭ
ئولۇم ،يوقلۇق ،مۇزىكىلىق نۇر .
ئوي ئويلايمەن  ئويۇمدا مەن يوق
ئويگە كىرسەم  ئويۇمدە مەن يوق .
سەن كارۋاتتىكى ئادەم ،
مەن كىيمىمنى سىلىۋاتقاندا .
مەن ئەينەكتىكى ئادەم
سەن ئەينەككە قاراۋاتقاندا .
باشقا يەرگە ماڭسام ئەي !!خۇدا
سەن قالىسەن يازغۇچچىلىقتا …..
يامغۇرلۇق كەچكى پويىزدا
ئۇچ تۇپ يۇلغۇن تۇۋىدە ياتقان
قانىتى ھول ئۇيغۇر پەرىشتە
خەۋەر ئىلىپ كەپتۇ  سەن ھەقتە
………………
……………..
ئۇلۇغۋار ئىسمىڭ
ھەر بىر ھەر بىر  ھۇجەيرەمگىچە
چاقنار «قۇرئان «ئايەتلىرىدەك
چاقنار «ئىنجىل «مىسرالىرىدا .
…..
……..
………
ئۇزۇن يوللۇق پويىزدا
خۇدا جەزمەن ئوخشايدۇ
ئادەتتىكى  بىر يولۇچىغا .

1993-يىل 10-ئاي
_____——-پويىزدىكى خۇدا
خۇدادەك  دىيىلگەن  بۇ 10مىسرالىق ئۇيغۇرچە  ئوخشۇتۇشتىكى تۇيغۇ ئازغۇنلىغى ئۇچۇن  سەلبى  ئوخشۇتۇش قورشاۋىدىكى سوپۇم  ئادىل تۇنىياز ئۇچۇن بىر ۋۇجۇتقا ئايلىنىشنى ھەر قانداق ئوقۇرمەن رەت قىلىدۇ .سەزگۇرلۇك بىلەن كۇزەتكەندە بىر ئۇلۇغ  سۇپەتنىڭ  ئەسلى مەنىسىدىن ئىزىپ كەتكەن كۇپۇرلىغىنى بايقايمىز .ئاللاھتىدىكى  چەكسىز قۇدرەتنىڭ شىئېريەتنى ۋە  شائېرنى مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەپ ،تاللاش ۋە مەسۇلىيەت نوقتىسىدىن ئوز تەقدىرىنىڭ رولچىسى شائېر ئۇچۇن چەكسىز قۇدرەتتىكى يارالمىشىمىزغا قايتىپ كىلىپ يەنىال مۇتلەق زامان ،ۋە مۇتلەق ماكان  ئەكسىدىكى ئىسيانكار ئاۋاز تەسەۋۋۇپقا ئىچكىرلەپ كىرگىنىمىزدە يۇقارقى  قۇيلۇش ئۇچۇن چەكسىز قايغۇرمىز ،ۋە ياش توكىمىز .

ئاللاھنىڭ نۇرى ئىنسانغا ئەڭ كوپ مۇججەسسەملەنگەن ،ئىنسان ئەسلىگە –ئاللاھقا قايتىش ئۇچۇن بارلىقىدىن ،ھەتتا نەپسىدىن كىچىپ ئىلاھى ئىشىق بىلەن ئاللاھنى كىچە –كۇندۇز تىل ۋە دىلىدا زىكىر  قىلىۋەرسە بارا-بارا پۇتكۇل نەرسە ھەتتا ئوزىمۇ ھەق ۋۇجۇتقا ،يەنى ئاللاھنىڭ زاتىغا سىڭىپ كىتىپ ،كائىناتتا خۇدادىن باشقا ھىچ نەرسە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىدۇ .ئىنسان ھەق ۋۇجۇتقا سىڭىپ ئەبەدىلىك روھى پارلاقلىققا ئىرىشەلەيدۇ .مانا  بۇ –تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىنىڭ ماھىيەتلىك تەشەببۇسى …ئەسلى ماھىيەتنى  چۇشەنمەي ئازغۇنلۇقتا گاڭگىراپ قالغان ئەسلى سۇننەت تەرەپدارلىرىنىڭ «ئەنەلھەق ،مىنەلھەق «نى چۇشەنمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى .تەسەۋۋۇپ تاشقى پوستىدىن  قارىغاندا ئىسلام دىنىنىڭ روھى يۇزلىنىشىگە ماس كەلمىگەندەك كورۇنگەن  ئاتىزىملىق قاراش بولماستىن يۇكسەك تەقۋادارلىقنى نامايەن قىلىدىغان ….يىگانە بارلىق خۇدادىن باشلىنىپ ئاخىرقى پەللىسى خۇدا بىلەن ئاخىرلىشىدىغان  پەلسەپىدۇر ،،ماھىيەتتە تەسەۋۋۇپ ئىقىمىدىكى  شائېرنىڭ ساماۋى قۇدرىتى ۋە زىھنى بىزگە  شىئېريەتنىڭ   يىگانە ئارىلدىكى  قۇملۇققا كۇمۇلگەن ئەپساننىڭ ئۇزۇلگەن  تىللىرىدىكى  تاۋۇشلارنى بىزگە  شىئېرىي سىزىم بىلەن يەتكۇزۇپ بىرىدۇ .مۇزىكا بولۇپ سىلىنىۋاتقان شىئېرىي  تىلنىڭ قورشاۋىدا ئەھمەت يەسەۋى ،ناۋايى ،بابا رەھىم مەشرەپ ،زەلىلى ،باتۇر روزى ،غوجى مۇھەممەت  مۇھەممەت ،مۇتەللىپ مەنسۇر ،قاتارلىق شائېرلارمۇ  شائېرىمىز ئادىل تۇنىيازغا ئوخشاش سوپىستىك تۇيغۇ بىلەن شىئېريەتتىكى جەۋھەرنى ئىزلەپ ۋە رەت قىلىپ  ئۇيغۇر شىئېريىتىدە ئوزگىچە ئاھاڭ ۋە مەرغۇل شەكىللەندۇردى .بولۇپمۇ شاېرىمىز ئادىل تۇنىيازنىڭ  شىئېريەتتە ئالغان قەدىمى ۋە ئاۋازى نەپىسلىكى بىلەن  مەلۇم  كىتاپخانلار قاتلىمى شەكىللەندۇرۇپ  قەبرىسىدىن قىچىپ كەتكەن جەسەت  مەشرەپكە ئوخشاش شىئېريەتنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۇچۇن روھى ئۇرۇش ئىچىدە قىلىچ كوتىرىپ  كىتىۋاتىدۇ .بىزمۇ  شائېرىمىزنى روھى نەپىسلىككە باشلىسىكەن  دىگەن ئۇمىددىمىز ….بۇرۇنقى ئازاپ ۋە كىيىنكى  شاتلىق قورشاۋىدىكى  شائېر ئۇچۇن  بۇ بىر  تۇيغۇدىكى  جاپالىق سەپەر …شىئېريەتتىكى  بوشلۇق ۋە تەسەۋۋۇر ھاكىمىيىتى  ئۇچۇن ئىزلىنىۋاتقان شائېرىمىز ئادىل تۇنىيازدىن پەقەت ئوتىنىدىغىنىمز بىزنى روھى نەپىسلىككە باشلىسىكەن دىگەن ئۇمىددىمىز ….تۇيغۇ كورىشىدىكى قىلىچ تۇتۇپ كىتىۋاتقان شائېر ئۇچۇن بۇ گەرچە مۇشكۇل سەپەر بولسىمۇ  خەلقى ئۇچۇن  بۇنى پەقەت شائېرلار ئورۇنلىيالايدۇ .بىر قىسىم شىئېرلىرىدىكى ئازغۇنلىقى ئۇچۇن  توۋىنى جايىدا قىلىش ……بىزگە  شەيتاننىڭ ئاۋازىنى ئەمەس  پەرىشتىنىڭ ئاۋازىنى ەيتكۇزۇپ بىرىش ئارقىلىق  بىزگە توۋە قىلىش پۇرسىتى يارتىپ بىرىش  رىئاللىق تەقلىدىكى شىئېريىتىمىزدە  چەكسىز سەپەر …….شائېرنىڭ  تۇيغۇسىدىكى  شىئېرلىرىنىڭ رىتىمىغا كىرىش باسقۇچىدا ئۇنىڭ شىئېرلىرىدىكى جەۋھەرنى ئىزلەش ئۇچۇن بىزمۇ  يەنە بىر ئادىل تۇنىيازغا ئايلىنىپ تۇرۇپ  ئۇنىڭ شىئېرلىرىنى ئوقۇپ باقايلى

شىئېريەت ئىزگۇلىكىدىكى  ئەركىنلىك ،-ئۆمۇلچىكنىڭ قىنى

شائېر  تۇيغۇ ئەركىنلىكىدە  ۋۇجۇدىدىن ھالقىپ چىقىپ رىئاللىق ئەكسىدىكى روھى غۇربەتچىلىك قورشاۋىدىكى مۇڭغا ئەسىر بولغاندا  ئۇنىڭ يازمىلىرىدىن مەۋجۇدلۇق ئورنىمىزدىكى  جەۋھەرنى تىپىپ  چىقالايمىز ،بۇ  خىل ئازاپ سۇرىتىنىڭ مەرغۇلىنى چالغۇچى  شىئېريەتتىكى بىشارەتچىگە ئايلىنىدۇ .مەنىنى تىپىش سەپىرىدىكى مەن ئۇچۇن قۇملۇق چىتىدىكى  سىر -ئەسرالىرى  ئىرىشىشنىڭ  چىتىدىكى پەرىشتىلەر  بىلەن سوزلىشىشكە باشلايدۇ .
شائېر ئادىل تۇنىيازنىڭ بىر قىسىم  شىئېرلىرىدىكى
سىمۇۋۇللۇق بارلىق  «ئومۇلچۇك «نىڭ مەنە قاتلىمىغا يىقىنلىشىش ئۇچۇن  ئومۇلچۇككە ئىنىقلىما بىرىش كىرەك ،ئۆمۇلچۇك تۇيغۇمىزدا بىر تەسلىم مەۋجۇدادت ،ئۇ ھاياتلىغى ئۇچۇن تور توقۇشقا مەجبۇر بولۇدۇ .مەۋجۇتلۇقنىڭ تەبى تۇغىمىدىكى سىر ئۆمۇلچىكنىڭ گۇناھىنى سىزىش  تۇيغۇسىنى ئاشكارلىۋەتكەن ،ئۇ پەقەت گۇناھىنى بىلگۇچى ،ھەم گۇناھتىكى تىۋىنىشتىن چۇچۇگۇچى .شۇ سەۋەپتىن  ئۇ دوزاقتىن قىچىپ چىقىش ئۇچۇن  تور تۇقۇپ ھەركەت قىلىدۇ .قىچىشتىكى  كىرزىس باشقا ھاياتلىق تەرىپىدىن بەربات بولۇدۇ …..ئوتتا كويۇپ دەھشەتلىك ئازاپ قىينىقىدىكى  ئۆمۇلچۇك  دوزاقتىن قىچىش ئۇچۇن  تور تۇقۇپ  چىقىپ كىتىش ئۇچۇن تورغا يامىشىۋاتقاندا يۇقلۇقتىكى گۇناھكارلارمۇ قىچىشنى ئىستەيدۇ …..ھەركەت بەربات بولۇدۇ …..ئومۇلچۇكنىڭ  ھەركىتىدىكى جەۋھەر شائېر تۇيغۇسىنىڭ تولغاق  ئازابىدىكى  دەھشىتىنى  ئازاپلىق بىر دۇنياغا باشلاپ قويىدۇ .تۇيغۇمىزدا  شائېرغا  ئەگىشىپ قۇملۇققا كىرىپ كەلگىنىمىزدە  ۋاقىت ئوتۇپ كىتىدۇ .بىز ۋاقىت ئىزلەيمىز ،لىكىن شا.ېر بىزدىن يىراقلاپ كەتكەن بولۇدۇ .روھىمىزنىڭ كىر قونغان قەۋەتلىرىدە ئازغان  بىر يولۇچىغا ئايلانغان  ھاياتلىقىمىزدىكى بەلگە  ئۇچۇن شائېر بىزنى  بوشۇككە بولەپ قويىدۇ .تاتلىق چۇش كورۇشكە باشلايمىز .
بۇرۇن  -بۇرۇندا
تۇساتتىن بىر ئايال پادىشاھ
ئايلانغاندا ئومۇلچۇك قىزغا
ئەمەس ئىدىم شاھزادە .
…………………
بازاردا بار ئومۇلچۇك بالا
…………………..
سىتىۋالار  ئومۇلچۇكلەر كەنتىدىن
………………………….
ئومۇلچۇككە  ئوخشىغان ئانام
…………………………….
قۇياش گويا ئومۇلچۇك
…………………………..
بازار غايىپ بولغان شۇ كەچتە
ئومۇلچۇكلەر  توقۇيدۇ كەشتە
پەرىزاتلار چۇشەر كەنىتكە .
………………………….
تور ئىچىدە ئومۇلچۇك بالا
……………………….
تۇغۇلغانتىڭ دەيدۇ  ئۇ مىنى
ھىچ ئولمەسمىش  ئۇچۇرغان ئادەم
ئومۇلچۇكنىڭ پادىشاھىغا .
……………………………..
ئومۇلچۇك  تور تۇتقان چايخانا
سىمىلدىغان چىرايلىق يامغۇر
رەستە ،
دەرىزە ،
شاپتۇل شوپىكى ،گۇل تەشتەكلىرى
ئەينەك كۇكۇندا يالتىرىغان نۇر
بىلەكلىرى يالىڭاچ  ئايال
گازىر  چاققاچ ،كىنوغا ماڭغان
ئانام .
…………………………….
چۇمىلىلەر مايماق پۇتىدا
قۇم ئۇستىگە  سىزغان رەسىمدەك
……………………..
ئومۇلچۇكتۇر بارچە ئادەملەر
…………………………مانا بۇ شەپەق سىرتىدىكى   شىئېر توقۇغۇچى ،ۋە شىئېر ئوقۇغۇچىنىڭ چۇشى ،شائېرنىڭ ئومۇلچۇكتىن ئىبارەت ئەللەي قوشىقى بىلەن  نەمخوش  ئاھاڭدا ئىشلىنىۋاتقان  مۇزىكىنىڭ  يەڭگىل  مەرغۇلىغا ئەسىر بولۇپ بەختنىڭ ئىچىدىكى چۇشتىن  بالىقىمىزنى ئىزلەپ يەنە  قۇم ئىچىگە  كىرىپ كىتىمىز ، شائېرنىڭ ئومۇلچۇك ئىستىتىكىسى شىئېرىي  تالانىتتىكى  غالجىرلىقتا ئەمەس ، يىراقلاردىن ئۇچۇپ كىلىۋاتقان قۇش قانىتىدەك  يەڭگىل  پەيلىرى بىلەن ئوقۇرمەن قەلبىگە  نەپلى  نامىزىدەك سۇزۇك بىر ئىقىم تەقدىم قىلدۇ .چۇشىمىزدىكى  روھىمىز  بىلەن سۇزۇك بىر   مۇزىكىنىڭ  مەرغۇلىنى ئىزلەيمىز .بۇ مۇزىكا مەڭگۇ  داۋاملىشىدۇ ،لىكىن   ئاخىرلاشمايدۇ .
كىمنىڭ ئويى بۇ
پول ۋە تۇرۇس  تۇتىشىپ كەتكەن
كىم ئۇ نۇردەك قىمىرلاۋاتقان
كىم ئۇ  مەنمۇ ياكى ئومۇلچۇك
كىم قەلبىمگە  ئاچماقچى تۇڭلۇك

ئومۇلچۇك
كىتىمىز بەك ئۇزاق پىچىرلىشىپ بىز  
سەن مىنىڭ بىردىنبىر دىلداش ھەمرىيىم
سۇنھى  ئوزىنىڭ
تال –تال رەڭدار  يىپلىرى بىلەن
تۇقۇپ چىققاندەك  تۇن پەرىدىسىنى
ئازماستىن  تىنماستىن  توقۇيسەن دائىم
سەن ياتلىق بولمىغان  توقۇمچى قىزسەن
مەن سىنىڭ ئامرىقىڭ سويگەن يىگىتىڭ
………………………..
…………………………….
……………………………
سورىساڭ مىنىڭدىن  نەدە قەبرىستان
ئىيتىمەن  بىر كۇن  ئومۇلچۇك ھامان
بىرىدۇ  قىممىدە  ئوز تۇرىدا قان .

_————–ئومۇلچۇكنىڭ قەبرىسى

شائېرنىڭ ئادرىسى  ئومۇلچۇك بىلەن ئاخىرلاشقاندا بوۋايغا ئايلانغان   ئىچكى تۇيغۇدىكى ئادەم  تىىخى  ئاخىرلاشمىغان  گارمونىيەلىك تۇيغۇنىڭ  قورشاۋىدىن چىقىپ تاشقى ئالەمنىڭ پوستىدىكى قاراۋۇلغا  ئايلىنىدۇ .يۇرىكىگە  گۇل چىچىلدۇ .ئومۇلچۇكتىكى رەڭ چۇشىمىزنىڭ تىراگدىيەلىك  قىستاشلىرىدىن  ئاخىرلىشىشقا ،شەكىل ئوزەەرتىشكە مەجبۇر بولۇدۇ .مىڭىش ئۇچۇن نىگاھ تاشلاۋاتقان  شائېرنىڭ تۇيغۇسىغا ئەگىشىپ  يىشىقى ئارقىلىق ئورۇنلانغان مۇزىكىدا مەس بولۇشقا باشلىغاندا  بىزمۇ سۇزۇك بىر تۇيغۇغا ئەسىرگە  چۇشىمىز .ئاندىن بىزمۇ شائېرغا ئايلىنىمىز .پەرىشتە بىزدىن سورايدۇ «
——-ئەي !! شىئېريەتتىكى يولۇچى —–شائېر قانداق ئادەم ؟
بولۇدۇ ،پەرىشتە مەن سىنىڭ سۇئالىڭغا جاۋاپ  بىرەي -شائېر  بۇلۇت يوق شەھەردىكى ئومۇلچۇك  تورىدا  نەپلى نامىزىنى ئوقۇچى ،ئۇ بىر  قان ،بىز ئۇ قاندىن مەس بولۇشقا باشلىغاندا ئۇ بىزنى  كويىۋاتقان  مۇزىكا ئىچىگە  باشلاپ كىرىپ  بىر قاينى كورسىتىپ قويىدۇ .بىز شىئېريەت شەھرىگە  سەپەرگە  چىقىمىز .لىكىن بىزدە تەن يوق .تىنىمىز ئۇخلاۋاتىدۇ .سەپەرگە چىققۇچى پەقەت بىزنىڭ روھىمىز .بىزنىڭ روھىمىزنى تىنىمىزدىن  ئايرىپ ئىلىپ  مۇزىكا ئىچىگە  باشلاپ كىرەلىگەن  ئادەم  شائېر دەپ  ئاتىلىدۇ .شائېرنىڭ  ۋە شىئېريەتنىڭ مەۋجۇتلىغىدىكى جەرياندا تومۇرىمىزدىكى قان ھىرىپ قىلىش باشقۇچىغا بىرىپ يەتكەندە شائېر  ئادىل تۇنىيازنىڭ  تەسەۋۋۇردىكى ئومۇلچۇك بىلەن «بويتاق شائېرنىڭ مەخپىيىتى «دە خوشلاشقاندەك  قىلىمىز ،ئۇنىڭدىن كىيىنكى  توپلاملىرىدا  يىڭى سىمۇۋۇللۇق ئوبرازلار  بىلەن ئۇچراشتۇق .دەرىزنى چىقىپ روھىمىزنى  تازلىمىغان  بولساقمۇ تور توقىىغان ئومۇلچۇكنى ئۇچراتمىدۇق .قەلبىمىزدىكى سۇكۇت بىلەن  ئۇنىڭ شىئېرلىرىغا سۇكۇت قىلغاندا  شائېرىمىز روھىمىزدىكى ەۇزەل قاغقىراشنى ھىس قىلىپ  يەتكەن كۇنى  ئويىمىزدىن سىرىتقا چىقىپ ئومۇلچۇك تاماششاسىغا قاتنىشىمىز مومكىن .

ئادىل تۇنىياز شىئېرلىرىدىكى  -سوزۇق تاۋۇشلار دىيالۇگى –قاراڭغۇلۇققا  سەپەر قىلىش

مەنزىلىرىمىزدىكى  سوزۇق تاۋۇشلار ئىچكى ھالەتتىكى مەنا  چەكلىمىسدىن  چىقىپ  «دۇنياغا مەنا ئاتا  قىلىش  ئۇچۇن كەلگەن » شائېر  قەلىمىدە – نىمە .ئۇچۇن شىئېر  ئوقۇيمىز ؟ سۇئالىغا جاۋاپ تىپىش ئۇچۇن شائېرنى ۋە بىزنى ئۇنسىز تەپەككۇر قىلىشقا ئۇندەيدۇ .سوزۇق تاۋۇش لىنيەسىدە تۇرۇپ  شائېرىمىز ئادىل تۇنىيازنىڭ1982-يىلى  ئوسمۇرلەر گىزىتىدە ئىلان قىلىنغان سوزۇق  تاۋۇشلار باياۋىنىدىكى   بىزنىڭ مەنزىلىمىز   «سۇزۇك سۇ «شىئېرىدىن تارتىپ ئوزىنىڭ  ھىچكىم ئەمەسلىكىگە  بولغان ھەقىقەت ئايدىڭلاشقانغا قەدەر  ئىلان قىلىنغان  شىئېرلىرىدىكى تەپەككۇر لىنيەسىنى تەھلىل قىلىپ كورسەك «يۇرە بىز بىرىپ ئىزلەپ باقايلى » جاۋابىغا ئىرىشىمىز .ساپلىقنىڭ سۇزۇك  ھالىتىدىكى تەپەككۇر  ئۇنىڭ قەلىمى بىلەن  ھىچنىمىنى  ئىزلەيدۇ .ئۇ بىزنى  قاراڭغۇلۇقتىن ،نۇر ئىچىدىن ،سۇزۇك سۇلاردىن ، توۋلايدۇ .ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان بولساقمۇ  شائېرنى ئىزلەپ تاپالمايمىز . شىئېرلىرىدىكى تەسەللى ئىچىدىنن يەنىلا سۇزۇق تاۋۇشلارغا مۇراجەت  قىلىپ  ئۇنىڭ قۇملۇق ئىچىدىكى جەسىدىنى بايقىغىنىمىزدا شائېرنىڭ كىيىنكى باھاردىكى  تەپەككۇرى بىلەن  شائېرنىڭ ھاياتلىغىغا  بولغان ئىشەنجە تۇرغۇزۇلۇپ لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ مەنە چەكسىزلىكى بىلەن يەنە شائېرنىڭ  شىئېرلىرىنى ئوقۇشقا باشلايمىز .
تۇيغۇ كۇچىدىكى  تاناسىپ بىزنى  شائېرنىڭ  يىل پەرقىدىكى  شىئېرلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرغاندا ئۇنىڭ  شىئېريەتتىكى ئىجادىيەت يۇزلىنىشىنىڭ قاسراق تاشلاپ پەللىمۇ –پەللە  يۇقىرلاپ ماڭغانلىغىنى ،مەدىنيەت كىسىلىمىزدىكى شىئېرى مەۋجۇتلۇقنىڭ ئادىل تۇنىياز شىئېرلىرى بىلەن ئەنئەنىنىڭ ھەركەتلىنىۋاتقان  مەجھۇلى بىلەن مەڭگۇلۇككە قاراپ تەرەققى قىلىۋاتقانلىغىنى كورەلەيمىز . ئەڭ سويۇندۇردىغىنى ئۇيغۇر شىئېريەت تارىخمىزدىكى تەمسىللىك  شىئېريەت بىلەن سىمۇۋۇللۇق شىئېريەتنىڭ  بىردەكلىككە ئىگە  بولماسلىغى سەۋەبىدىن  كىلىپ چىققان كىتاپخنلار  قالايمىقانلىغى بولۇپ  شىئېريەتتىكى پىنھان يولدا ئادىل تۇنىياز  بۇنىڭ كىسىشمە نوقتىسىنى تىپىپ چىقىپ سىرلىق دەرەخلەرنىڭ نۇر ھالقىلىرىدىن تىنىپ كەتكەن ھاياجىنىمىزدىكى تىڭشىغۇچىنىڭ  تۇيغۇسىدىكى سىمۇۋۇلنىڭ  مەنە چەكسىزلىكى تۇغىرسىدا بىرىشارەت بىلەن  بىرگە مۇزىكا تىمتاسلىغىدىن بىزنى يەڭگىل سىمۇۋۇل قاتلاملىرىغا ئىلىپ كىرىدۇ .

جىمجىت  ياتقان جىمجىت  ئىقىنغا ،
يۇرىكىنى تاشلاپ قويغان كىم ؟
ئۇنلىمەيسەن دولقۇنلار ئەجەپ ،
ئەتىراپ يەنە بولۇپ قالدى جىم .

پەيلىرىنى  سىلكىپ  تىتىرتىپ ،
ئۇزۇپ بارار  ئىككى غاز  ئەنە .
كويلەنمەكتە  سويگۇ  قوشىقى ،
كويلەنمەكتە قوش يۇرەك  يەنە .

مەن قىرغاقتا كۇتىمەن جىمجىت ،
كىتىۋەرگىن ،خەيىر قوشماق غاز .
كىمنى كۇتتۇم بىلمەيمەن ئەمما ،
قىش كەينىدىن كىلەر  چوقۇم ياز .

—————خەيىر ،قوشماق غاز بۇ شىئېردىكى بەدى بالاغەتنى شائېر سەزگۇسىدىكى  پىشىپ يىتىلىش باسقۇچىدىكى ئىزلىنىش دەپ مۇييەنلەشتۇرۇشكە بولۇدۇ .شائېرانە كوز بىلەن كۇزىتىلگەن بۇ  لىرىكىنىڭ جەۋھىرى «قىش كەينىدىن كىلەر چوقۇم ياز » بىلەن ىۇلاسىلىنىدۇ .بۇ خۇلاسىدىن يەڭگىل  تەۋرىنىپ تۇرغان تۇيغىمىز يەنە بىر سىلكىنىدۇ . ۋە شائېر  تەسەۋۋۇرىغا رەھمەت ئوقۇيمىز .
مەيىن شامال كەبى لەرزان كوي ،
كىرەر ئۇچۇپ كوڭۇل خانەمگە .
چىھرىڭ  پارلاق  قەلبىمدە كۇندەك ،
يارقىن نۇرلار چىچىپ ئالەمگە .
—————-ناىشىلىرىڭ تىتىرتەر مىنى ،

يىيىلىپ ياتىدۇ  كۇمۇش رەڭ دالا ،
سادالار  دولقۇنى  قوغلىشار لەرزان .
ئىرىقتا شوخ  سۇنىڭ  شىلدىرلاشلىرى ،
مۇزىكا ئەۋجىنى تارقىتار ھەريان .
—————————-ئايدىڭ كويى

بىغۇبار تەبىئەت ئويغىتار سىنى ،
شوخ گۇزەل پەرلىرىڭ ،ئاھ ،ماڭا ئولگە .
كىپىنەك ،كەل مىنى سۇيۇپ قوي ئاستا ،
ئايلىناي  سەن ئۇچۇن ئىچىلغان گۇلگە .
———————-كىپىنەك

يۇزۇڭ گۇلدۇر ،لىۋىڭ غۇنچە ،ئەگىپ  ھەر چاغ  كىتەلمەيمەن ،
دىدار ۋەسلىڭ  گويا گۇلخان ،كوڭۇلدىن يوق ئىتەلمەيمەن .

كوزۇڭ ئوكيانكىن چەكسىز ،ياسار دولقۇن نەزەر سالسام ،
ئەجەپ  چوڭقۇر  ئۇنىڭ تەكتى  غۇلاچ  تاشلاپ يىتەلمەيمەن .
……………………………
…………………………….

…………………………….
…………………………………
ئەجەپ  قىلدىڭ –ئەجەپ قىلدىڭ ،مىنىڭ قەلبىمنى رام قىلدىڭ ،
سىنى كورمەي ،سىنى سويمەي ،بىرەر كۇنمۇ ئوتەلمەيمەن .
———-سىنىڭ ۋەسلىڭ
1980-يىللارددىكى ئادىل تۇنىياز شىئېرلىرىدا شەخسى ئازاپنىڭ دىئاگىراممىسى بولغان ئەلەم ۋە يازغۇزلۇقنىڭ  ئەلەملىرى  شائېر قىسمەتلىرىڭ تارىخنى جانلىق ۋە جانسىز  شەيئىلەرگە  سىڭدۇرۋەتكەن .
شائېرنىڭ ئەركىن تاللاش يۇزلىنىشىدىكى  ھەر بىر تىنىقتىن ئۇنىڭ ئىزىنى بويلاپ سەپەر قىلىۋىتىپ  ئۇنىڭ داستانلىرىدىكى بالاھاتنى تىل بىلەن  ئىپادىلەشكە  بولغان مومكىنلىكننىڭ قىيىنلىغىنى ھىس قىلىمىز .ئەي تاشتىكى سۇكۇنات  بىزدىكى ھەر بىر دەقىقە ئەبەدىلىككە ئايلاندى .»مەن»لىكىمنى شىئېر ئوقۇپ   تىپىۋىىلىشنى ئىزلەپ يۇرگەندە «ئومۇلچۇك ناخشىسى «مىنىڭ ئادرىسىم «»ئەركەكلەر قىنى سىلەر «سۇزۇك سەپەر «»قەشقەردىكى يەر شارى «»دىڭىز يۇزىدىن 154مىتىر چوڭقۇرلۇقتا «داستانلىرىدىكى ئوزلۇككە  ئىلگىرلەشنىڭ چۇقانلىرىدىن روھى ۋۇقۇدىمىزدىكى ھايات مامات  كورىشىنىڭ ھەر بىر تىنىقلىرىدىن چۇچۇيمىز ،مانا بۇ بىزدىكى شىئېريەتكە قايتىش  سەپىرىمىزدىكى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شىئېريىتىمىزنىڭ  مۇھازىننىتى .ھازىرچە بۇ مۇھاۋىزەتنى پەقەتلا  ئادىل تۇنىياز تەڭشەپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ مەۋجۇتلۇق مەدىنىيىتىمىزدىكى   قەسىدىلەر  يۇقارقى يازمىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىغى كىرەك .بىزنىڭ ھازىرلىقىمىزغا بولغان ەۇمان ئۇچۇن چەكتىن ئاشقان   تەسەۋۋۇر كەڭەيمىچىلىكى  قىلغان  شائېر بىلەن  مەلۇم ئارلىق شەكىللىنىپ قالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ تۇيغۇسىنى ئىزلاپ سەپەرگە  چىققان  ،ئۇيغۇر سوزۇق تاۋۇشلىرىنىڭ  مەنا چەكسىزلىكىنى بىلەلەيدىغان  شىئېر ئوقۇغۇچى ئۇچۇن  تەمتىرەش مەۋجۇت ئەمەس . بەلكى چەكسىز كەتكەن جەزىرلىرىمىزدىكى   شىئېريەت  مەۋجۇتلىغىنى رىئاللىق بىلەن بىر پەللە  ئىلگىرلەش  ھاسىل قىلىپ تۇرۇپ مۇستەككەم ئىتىقاتىمىز بىلەن قوبۇل قىلالايمىز .چۇنكى ئۇ شائېرنىڭ ئىسمى –ئادىل تۇنىياز . ئۇ بىزنى مەڭگۇلۇككە  يىتەكلەپ بارغۇچى  شىئېريەت ئەنئەنىسىنىڭ قۇربانى
2007-يىلى  1-ئاينىڭ 1-كۇنى  (يەكەن )

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ