نويابىر 21, 2024
بىرىنچى ھىجران

يۇنۇس زۇننۇن

ئاسمانلارنى كېپەن قىلىپ يۆگىدىم سېنى
كۆمدۈم ئاخىرى قەلبىم قېتىغا
بىر چىدىماس ئاھاڭ ئىچىدىن
ياندۇردۇم بىر ئوت، لېۋىدە كۆيدۈم
سەن يوق قىلغان بارخانلىرىڭدا
سۆڭەكلىرىمنى تەردىم بۈگۈن
ئەلگەك بولغان زېمىن قولىدا.

مەن ئاسماندىن بىر بايراق تىكىپ
قانلىرىڭغا بەردىم بىر سادا
چۈشلىرىڭدىن چىقتى بىر قۇياش
ئېرىمىدى قاتقان تەنلىرىڭ
كىرپىكلىرىمنى نەمدىگەن جېنىڭ
ئۇچۇرما بوپ ئۇچتى ئۇ بۈگۈن
سەن بارالمىغان ئاسمانغا
ئاسمانلارغا…. تىڭشا ئامرىقىم!
چۈشلىرىڭدىن نېسىۋەم بار دەپ بەردىم ۋەدىلەر
تەڭ ئۆلىمىز دېدىم قانچە رەت
بىزنى تاۋۇت قىلىپ ياتقان ئىچىمىزدە
بىر كىرورەننىڭ رەڭلىك ئىزىغا
مىليون جاننىڭ تەقدىرىنى ئاسقان
بىر دەرەخ
ئىچىمىزدە قېرىغان
جەننەتنىڭ ۋاقتى.

قانلار گۈزەل ياراشقان ئىدى
بىز كۆرگەن چۈشكە
بىر تامچەڭ ئۈچۈن بولدۇم مەدىكار
شەبنەم تۇتقان سەھەرلىرىڭدە
قىپقىزىل بىر شەبنەم بولماق ئۈچۈن
جانلار تىلىدىم بىر تەن ئۈچۈن
مىليون جانلار…
يىتكەن ئارمانلارنى قوغلاپ
تەڭ سۈرۈلدۇقمۇ بىز بۇ تەقدىرنىڭ ئىككى چېكىگە
تەڭ ئوقۇدۇقمۇ بىز بۇ سۈرگۈنلۈكنىڭ داۋامنى
نەزىر بولغان كۈتۈشلىرىمىزگە…
كۈمۈش سۇۋاپ تىللىرىغا ئاسمانلارنىڭ
يۇلتۇزلارنىڭ ھېكايىسى بولدۇق،
تۇپراققا مۇساپىر نۇرلار بۈگۈن
تەكلىماكان يانىدۇ خىرە
قان شىرە
بىر قاباھەتلىك چۈش ئىچىدە

بۈگۈن
مەن قىش كېچىسىنىڭ سوغۇق ئاسمىنىدا
يۇلتۇز سانىدىم سەن ئۈچۈن
بىز بىر چاغلار كۈتكەن ئارمانلارنىڭ خاتىرىسىگە…
ئەتە
مەلۇم بىر پەسىلىنىڭ سوغۇق ئاسمىندا
يۇلتۇز بولغان سەن ئۈچۈن
بىر ئاسمان بولىمەن چاقنىشىڭغا
بىر جان بېرىمەن تىلەكلىرىڭگە ياشىشىڭغا…

2013-01-19
ئەدىرنە،تۈركىيە

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ