يۇنۇس زۇننۇن
ئىزىڭدا يۈردۈم
ئاسمىنىڭغا ئوقۇلدۇم
كۆزلىرىمنى ئويۇپ ئالدى ئىچىڭ
قۇپقۇرۇق بولدۇم؛
جەڭلىرىڭدە ياشىغان بىرىمەن
قان كۆكلىگەن سەھەرلەردە
ئىچىڭدە ئېچىلغان بىرىمەن…
بۇ قورقۇنۇچ بېرەلمەس جاۋاب
يانار تىنىقلىرىم يولۇڭدا ھامان
زۇۋانسىز بىر دۇنيادا ئۇخلىغان تاڭلار،
تاش ئىچىدە يامرىغان سادا
ئەنە شۇلار مېنىڭ سۆزلىرىم ئىدى
ساڭا سۆزلىيەلمەستىن مەھبۇس بولغان
زاماننىڭ تۆشۈكلىرىگە….
قاغىلار ئۇزاپ كەتكەن بىر بوشلۇق
ئىچىدە ئېسىلغىنى مېنىڭ چۈشلىرىم
سېنىڭ يۈزلىرىڭگە!
مەن يۈرەكلىرىمنى پۈكلىدىم ساڭا
بىر ئۆلۈم تىلەپ ئىچىمگە
ئۇنىڭدا سەن بىلگەن ھەممە نەرسە نەزىر بولۇشنى تەقدىر قىلغان ئۆزىگە!
…
جەڭلىرىڭدە ئەي قەدىمىي شەھەر
ئېقىۋاتىمەن
ئۇنتۇپ كېتىلگەن ئەسلىمىلىرىڭدە
چۈش بولۇپ تىرىلىۋاتىمەن
ئىچىمدە.
…
بىر ئەر نېمىگە تەڭ؟؟؟
…
داستانلىرىڭدا رەڭلىنىپ كۈلگەندە قىزىل رەڭ
مەن بويالغان چۈشلىرىمنى ساڭا تەڭلىگىنىمدە
ئاسمانلار قايتىدىن كەلدى قېشىمغا
سالام سىلەرگە ئەي جانلار تەرگەن ئالىي روھلار!
تامچىلارغا ئايلىنالماي
تىلىكىڭلارغا بوش قالدىم بۈگۈن
يىقىلدىم ئەسىرلەر بۇرۇن كۆرۈلگەن چۈشلىرىڭلارغا
يۇلتۇزلارغا ئوقۇلغان قەسەملەر بىلەن
قىسسەلىرىڭلار سوئال بولدى ئىچىمگە
تەقدىرىڭلار ئېقىپ ئۆتتى يېنىمدىن
ئاپئاق بىر ئاسماننى ئېلىپ
بىر ئوچۇم تۇپراق بولغان تېنىمنى يۆگىگىنىمدە
ئارقامدا ئۇزىدى ئىسيانلار
ئالدىمدا تامچىلىۋاتقان تامچىلار
سۈكۈتىدە پادىشاھلىقىنى قۇرغاندا…
سالام سىلەرگە ئەي مەمنۇن بولغۇچىلار!
قۇم بولۇپ يېرىلغان چۈللۈكۈمگە
بىر دېڭىز كۈتتۈم قىپقىزىل
سىلەر جەننەتنى سۇغارغاندەك تامچىلاردا…
«قەيەردىسەن شاھادەت؟؟؟
تامچە-تامچە يوقلۇقۇڭ
تاشىدۇ بۈگۈن كۆزلىرىمدە»
ئۇندا مۇڭلىنىپ ئېرىيدۇ تېنىم
يوقاتقان چۈشلىرىنىڭ ئورنىنى
…
نومۇسقا نەزىرمۇ بىر ئەر؟؟؟
ئەي شائىرلار!
مەن مەھمۇدنى ئوقۇدۇم ئۇنىڭ تاش بولۇپ كەتكەن قەسەملىرىدىن،
بابىلنىڭ سېپىللىرىغا يېزىلغان؛
مەن نىزارنى تىڭشىدىم ئۇنىڭ سۇ بولۇپ كەتكەن كەچمىشلىرىدىن
شامنىڭ زېمىنلىرىغا سىڭىپ كەتكەن؛
جەڭگاھ بولغان ئىچىم
سۈكۈت بولۇپ يۇيۇلدى تاۋۇشلىرىمغا
ھاۋاغا ئۇچقان ئاھلىرىم
ئېلىپ كەتتى كىرپىكلىرىمنى
قۇياشنىڭ كۆزىگە تاقىماق ئۈچۈن
بىر زېمىننى ياندۇرماق ئۈچۈن
تەنلەرگە جاندىن خەۋەر بەرمەك ئۈچۈن.
…
ھۇد ھۇد
تىلسىز بولدۇڭ بۈگۈن
مەن تىرىلگەن زىمىندا
جانلىرىمغا جاھىل بولدۇڭ بۈگۈن.
ھۇد ھۇد
قاناتسىز بولدۇڭ بۈگۈن
مەن ئۇچماقچى بولغان ئاسماندا
روھىمغا پەرۋاسىز بولدۇڭ بۈگۈن
تېنىمدەك ئېغىر ياتقان جىملىقىڭدا…
ھۇد ھۇد
قامالدىڭ ساناقسىز تىلسىزلىقىمغا
ئىچىمگە قاققان قاناتلىرىڭ
بېرەلمىدى بىر ئۇچۇش
رەببىم ماڭا ئاچقان زېمىنغا يۈرۈشكە
سەبە مەلىكىسىدەك بىر قىز
ئۇيغۇر بولدى يوق بولدى
سەن كۆك ئاسماندىن غايىپ بولغاندا…
قۇياش دۆلىتى
قارچۇقلىرىمدا بارخان بولۇپ ئۇچقاندا.
ھۇد ھۇد
ئەسلىمىلىرىمدىن چۇلغۇدۇم سېنى
كەلسەڭ ئىدىڭ بىر ئىز بىلەن
سۇلايمانغا كەتسەڭ ئۇچۇپ
ئېلىپ بىزنىڭ خەۋىرىمىزنى:
قۇم ئاستىدا بىر دۆلەت
ئۆلەر ھالدا سېغىندى سېنى
ئۆچۈپ كەتكەن جانلىرىنىڭ ئىزىدا
ئۈنسىز پىچىرلىدى سېنى!
27.01.2013
ئىستانبۇل