كىملەر بار شەھرىزات ئىيىتقاندا چۆچەك!!!،
ئەبەدىلىك چۇقاندا ۋەتەن.
تۇيۇقسىز يالقۇندا كويىدۇ كۇللەر ،
ھاياتتىن ۋە قاندىن كۈتتۈم يارىلىش………
قانغا بويىلىپ كەلمەكتە چۈشلەر.!!!
بۇ كەپەم قانىغان سۆيۈملۈك ۋەتەن ،
گۇناھى بۇغدايدىن ئىزلەيمەن سىنى.
قاناپ كەتكەن زەيتۇن شىخىدا ،
كەپتەر چىشلەپ قايتماقتا مىنى.
بۇ كەپەمدە قاناپ كەتكۇم يوق ،
مەن ھەجەپ سېغىندىم توپان سۇيىنى.!!
كىملەربار شەھرىزات ئىيىتقاندا چۆچەك!!!،
ئوزۇمگە ئوت قويدۇم ..كەلگەندە توپان.
تۇيۇقسىز يالقۇندا كويگەندە كۇللەر ،
ئاھ!!جىنىم سەنمىدىڭ مۇڭلۇق يىغلىغان.
.
مىنى چىشلەپ يانغاندا كەپتەر ،
سىنىڭ ئىسمىڭ سەنەم ئىدى –ھە.
ماكانسىز سەرسان كۇنلىرىم ئارا ،
ئاۋۇ،! قۇياش ماڭا كەلمەكتە .
كىملەر بار شەھرىزات ئىيىتقاندا چۆچەك!!!،
شۇ دىۋىلەر ئوخشايدۇ كىمگە.
ئىسقىرتىپ كېلىمەن زەيتۇن شېخىدا ،
تۇيۇقسىز ئوت كىتىپ قالسا ئۆيئۈمگە .؟؟؟!!!
2005-يىلى 5-ئاي (يەكەن)