ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمىسى
تەرجىماندىن: «ئوۋچى
خوراس» 1917-يىلنىڭ بېشىدا يېزىلغان. 1931-يىلى ئېلان قىلىنغان. نۇرغۇن يىللار
ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بىر ئوۋچى رولسىز كېمىدە يېتىپ، مەلۇم بىر شەھەرگە ئېقىپ
كېلىپ قالىدۇ، ئوۋچى شەھەر باشلىقىنىڭ كۈتۈۋېلىشىغا نائىل بولىدۇ ۋە شەھەر باشلىقى
بىلەن سەمىمى سۆھبەتلىشىدۇ. كېيىن ئوۋچى يەنە ھالاكەتنىڭ تېرەن تەكتىگە قاراپ
ئۇچقۇرتىۋاتقان شامال يۆلۈنىشىگە ئەگىشىپ يۈرۈيدۇ… ئەسەردە بۇ دۇنيانىڭ بىمەنە،
تېتىقسىزلىقى، ئۆلۈمنىڭ ھاياتلىققا، ھاياتلىقنىڭ ئۆلۈمگە ئوخشىمايدىغانلىقىدەك
دۇنيا قاراش بىلەن كىشىلىك قاراش بايان قىلىنغان. ئوۋچى: ئۆزۈم «مەلۇم جەھەتىدىن
ھايات ياشاۋاتىمەن، چۈنكى مېنىڭ جەسىدىمنى ئەكىتىۋاتقان كېمە ئادىشىپ قالدى… مەن
ئۆلگەندىن كېيىن… دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدە سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈرۈيمەن»
دەيدۇ. ئەمەلدە بۇ كافكانىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ناماياندىسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە
ئەسەردە يەنە يازغۇچى قۇتۇلۇش مۇمكىن بولمىغان غېرىبلىق تۇيغۇسىنى بايان قىلغان.
مەسىلەن: «پۈتكۈل دۇنيا خۇددى تۈن قوينىغا چۆكۈپ كەتكەن چوڭ مېھمانسارايغا
ئوخشايدۇ»، «ھېچكىممۇ ماڭا ھەمدەم بولمايدۇ» دېگەندەك ئىدىيە ئەكىس
ئەتتۈرۈلگەن.
ئىككى ئوغۇل
بالا پىرىستاننىڭ پاكار تېمىغا مىنىۋېلىپ شىشىخال ئويناۋاتاتتى. خاتىرە تېشىنىڭ
ئالدى تەرىپىدىكى تاش پەلەمپەيدە بىر ئەر كىشى ئولتۇرغىنىچە گېزىت كۆرۈۋاتاتتى.
قولىدا قېلىچ تۇتىۋالغان قەھرىماننىڭ تاش ھەيكىلى تاش پەلەمپەيگە سايە تاشلاپ
تۇراتتى. بىر قىز قۇدۇقدىن چېلىكىگە سۇ ئېلىۋاتاتتى. باققال مال دۆۋىسىنىڭ يېنىدا
يانپاچلانغىنىچە كۆزلىرىنىڭ قۇيرۇقىدا كۆلگە قارايىتتى. ئەينەك ئىشىك بىلەن
دېرىزىدىن قەھۋەخانىدا قەھۋە ئىچىۋاتقان ئىككى ئەرنى كۆرگىلى بولاتتى. شىرە يېنىدا
ئولتۇرغان قەھۋەخانا خوجايىنىنى مۈگدەك باسقانىدى. شۇ ئەسنادا كۆلدە يەڭگىل
كېلىۋاتقان بىر كېمە كىچىك بىر پىرىستانغا شەپىسىز كىرىپ كەلدى. كېمىدىن ھاۋارەڭ
كاستىيۇم كەيگەن بىر ئادەم چۈشۈپ، كېمىنىڭ لەنگىرىنى قىرغاق يېنىدىكى تۆمۈر ھالقىغا
ئۆتكۈزدى. كۈمۈش تۈگمىلىك قارا كاستىيۇم كېيىۋالغان ئىككى ئادەم بىر نوسۇلكىنى
كۆتۈرگىنىچە كېمە خوجايىنغا ئەگىشىپ قىرغاققا چىقتى. نوسۇلكىغا چۇچۇلۇق تاۋار يۇپۇق
يېپىپ قويۇلغانىدى، يوپۇق ئاستىدا بىر ئادەمنىڭ ياتقانلىقى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ
تۇراتتى.
پىرىستاندا
يېڭى كەلگەن بۇ ئادەمگە ھېچكىم دىققەت قىلمىدى . ھەتتا نوسۇلكىنى قويۇپ خوجايىننڭ
لەنگىرىنى باغلاپ بولۇپ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان چاغدىمۇ بىرەر ئادەم كېلىپ
ئۇلاردىن ئەھۋال سورىمىدى، ئۇلارغا ئوبدانراق قاراپمۇ قويمىدى.
چاچلىرى
سالۋاراپ كەتكەن بىر ئايال ئەمچەكتىكى بالىسىنى كۆتۈرگىنىچە كېمە بۆلىمىسىدىن
چىقتى. كېمە خوجايىنى ئۇ ئايالغا بىردەمدىن كېيىن سول تەرەپتىكى كۆل بويىغا
جايلاشقان ئۈچ قەۋەتلىك سېرىق بىناغا چىقىڭ،دېدى. ھېلىقى ئىككى ئەر نوسۇلكىنى
كۆتۈرۈپ پاكار، تۈز، يۇمىلاق تۈۋرۈكلەر تېرەپ تۇرغان دەرۋازىدىن ئۆتتى. بىر بالا
دېرىزىنى ئېچىشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ بىناغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، شۇنىڭ
بىلەن بالا شۇ زامان دېرىزىنى ياپتى. دۇپ دەرىخىدىن تۈجۈپلەپ ياسالغان قارا
دەرۋازىمۇ ئوخشاشلا ھىم يېپىلدى. سائەت بىناسىنى ئايلىنىپ ئۇچۇپ يۈرگەن كەپتەرلەر
بىنا ئالدىغا قونۇشتى. بىنا دەرۋازىسى سىرتىغا نۇرغۇن كەپتەر يىغىلىۋېلىشقانىدى. بۇ
كەپتەرلەر ئارىسىدىن بىر كەپتەر ئىككىنچى قەۋەتكە ئۇچۇپ چىقىپ، بىنا ئىچىدە ساقلاپ
قويغان يەم باردىكىدەك بىنانىڭ ئەينەكلىك دېرىزىسىنى تۇمۇشۇقى بىلەن چوقۇلىدى. بۇ
كەپتەرلەر ياخشى بېقىلغاچقا پەيلىرى پارقىراپ تۇراتتى، تولىمۇ جۇشقۇنىدى. كېمىدىكى
ئايال كەپتەرلەرگە دان تاشلاپ بەردى، كەپتەرلەر يەردىكى دانلارنى يەپ بولغاندىن
كېيىن يەنە ئايالغا قاراپ ئۇچۇپ بېرىشتى.
پىرىستانغا
بارىدىغان يوللار تار ھەم تىك ئىدى، مۇشۇ يوللارنىڭ بىرىدىن بېشىغا پۆپۈكلۈك شىلەپە
كېيىۋالغان بىر پوپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ ئۇياق-بۇياقلارغا قارايىتتى، ھەممە ئىشقا
ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى، ئۇ تامنىڭ بولۇڭىدىكى ئەخلەت دۆۋىسىنى
كۆرۈپ چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈردى. ئۇ خاتىرە تېشىنىڭ ئالدىدىكى تاش پەلەمپەي ئالدىغا
بېرىپ ھاسسىنىڭ ئۇچى بىلەن مىۋە شۆپۈگىنى سانجىپ ئالدى. ئۇ ئۆينىڭ ئالدىغا بېرىپ
ئىشىكنى چەككەچ بېشىدىن شىلەپسىنى ئالدى، ئۇ قوللىرىغا قارا پەلەي كېيىۋالغانىدى.
ئىشىك ئېچىلدى، كارىدۇردا ئەللىكدەك ئوغۇل بالا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا
تەۋەززۇ بىلەن سالام قىلدى.
كېمە
خوجايىنىمۇ ئۈستۈنكى قەۋەتتىن چۈشۈپ پوپنى قارشى ئالدى، ئۇنى بىنا ئۈستىگە باشلاپ
چىقتى. ئۇلار ئىككىنچى قەۋەتتىكى سەلتەنەتلىك ياسالغان بالكۇننى بويلاپ، بىنا
ئىچىدىكى كىچىك تۆنۈكنى بىر ئايلىنىپ چىقتى، كېيىن ئۇلار بىنانىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى
سالقىن، ئازادە بىر ئۆيگە كىردى؛ ئۆينىڭ ئارقا دېرىزىسى قارامتۇل تاش تامغا قاراپ
تۇراتتى، بۇ تاش تامدا ھېچقانداق نەرسە يوقىدى. بۇ يەردە بۇ ئۆيدىن باشقا ئۆيمۇ
يوقىدى. بالىلار پوپ بىلەن كېمە خوجايىنىنىڭ ئارقىسىدىن ئارىلىق قالدۇرۇپ ماڭدى،
ئۇلارغا ھۆرمەت تۇيغۇسىدا بولدى، بۇ چاغدا ھېلىقى نوسۇلكا كۆتۈرگەن ئىككى ئادەم
نوسۇلكا قويغان يەرگە (نوسۇلكىنىڭ باش تەرىپىگە) شام قاداپ تۇتاشتۇرىۋاتاتتى. ئەمما
شام ئانچە يورۇق يۇرۇمىدى. پەقەت بايا جىم تۇرغان كۆلەڭگۈ قورقۇپ تاقلاپ كەتتى، تام
ئۈستىدە تىتىرىگىنىچە ئىرغاڭشىدى. نوسۇلكا ئۈستىدىكى تاۋار يوپۇق ئېلىۋېتىلدى،
نوسۇلكىدا ساقال-بۇرۇتلىرى يەشكىلى بولمايدىغان يىڭلە يىپدەك چىگمەكلىشىپ كەتكەن،
بۇغداي ئۆڭ بىر ئەر ياتاتتى، قارىماققا ئۇ ئوۋچىدەك قىلاتتى. ئۇ كۆزلىرىنى چىڭ
يۇمغىنىچە ياتاتتى، ئۇنىڭدا ھاياتلىقدىن ئەسەر باردەك قىلمايىتتى؛ ئەتتىراپتىكى
ئورۇنلاشتۇرۇش كىشىلەرگە بۇنىڭ بىر جەسەد ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتىپ
بېرەتتى.
پوپ نوسۇلكا
يېنىغا كېلىپ، نوسۇلكىدا ياتقان ئادەمنىڭ پىشانىسىنى سىلىدى، كېيىن يۈكۈنۈپ
ئولتۇرغىنىچە تىلاۋەت قىلدى. كېمە خوجايىنى نوسۇلكا كۆتۈرگەن ئىككى ئادەمنى ئۆيدىن
چىقىپ كېتىڭلار، دەپ ئىشارە قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆيدىن چىقىپ، سىرتتا
بىر-بىرىنى قىستىشىپ تۇرغان بالىلارنى ھەيدىۋېتىپ ئىشىكنى تاقىۋالدى. پوپ بۇنىڭدىن
ھېلىھەم نارازى بولغاندەك كېمە خوجايىنىغا ئالىيىپ قارىدى. كېمە خوجايىنى ئۇنىڭ
خىيالىنى چۈشەندى، يان تەرەپتىكى ئىشىكتىن چىقىپ يەنە يان تەرەپتىكى ئۆيگە كىرىپ
كەتتى. شۇنىڭ بىلەن نوسۇلكىدا ياتقان ئادەم شۇ زامان كۆزۈنى ئاچتى-دە، ئاچچىق
كۈلگىنىچە پوپقا يۈزلەندى ۋە :
-سىز كىم
بولىسىز؟-دەپ سورىدى.
-پېقىر ①رىۋا
شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولىمەن.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
①رىۋا شەھىرى
ئىتالىيىنىڭ كىچىك بىر شەھىرى بولۇپ، كاردا كۆلىنىڭ بويىغا جايلاشقان، دۇنيا بويىچە
مەشھۇر ساناتورىيە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
نوسۇلكىدىكى
ئادەم بېشىنى لىڭىشىتتى، دەرمانسىزلىق بىلەن ئورۇندۇقنى كۆرسەتتى، شەھەر باشلىقى
ئۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئولتۇردى. كېيىن ئۇ يەنە:
-مەن بورۇنلا
بىلگەنىدىم، جانابى شەھەر باشلىقى، مەن ھەمىشە كېلىشىم بىلەنلا ئەتتىراپىمدا يۈز
بەرگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالىمەن. شۇڭا ھەممە ئىشىدىن خەۋىرىم بولسىمۇ يەنە سوراپ
باققىنىم تۈزۈك دەپ ئويلايمەن. بەلكىم سىز مېنىڭ ئوۋچى خۇراس ئىكەنلىكىمنى
بىلگەنسىز-دېدى.
-ئەلۋەتتە،
ئەلۋەتتە بىلدىم، -دېدى شەھەر باشلىقى،-مەن تۆنۈگۈن كېچە سىزنىڭ
كېلىدىغانلىقىڭىزدىن خەۋەر تاپقانىدىم. بىز شۇ كۈنى ئاخشىمى بالدۇرلا ئۇخلىغانىدۇق.
يېرىم كېچە بولغاندا ئايالىم تۇيۇقسىز مېنى چاقىرىپ ئويغاتتى؛ سارۋادو-بۇ مېنىڭ
ئىسىمىم-قاراڭ دېرىزىدە كەپتەر تۇرىدۇ! دېدى. قارىسام دېگەندەك دېرىزىدە خورازدەك
چوڭ بىر كەپتەر تۇرىدۇ. كەپتەر قولىقىم يېنىغا ئۇچۇپ كېلىپ: تۈگەپ كەتكەن ئوۋچى
خوراس ئەتە قايتىپ كېلىدۇ، سەن پۈتۈن شەھەرنىڭ نامى بىلەن ئۇنى كۈتىۋال،
دېدى.
ئوۋچى بېشىنى
لىڭشىتتى، ئۇنىڭ تىلى لەۋلىرى ئوتتۇرسىدا مىدىرلىدى:
-شۇنداق،
كەپتەر مەندىن بۇرۇن ئۇچۇپ كەپتۇ. ئەمما جانابى شەھەر باشلىقى سىزچە مەن رىۋا
شەھىرىدە قالامدىمەن؟
-بۇنىڭغا مەن
بىر نەرسە دېيەلمەيمەن،-دېدى جاۋابەن شەھەر باشلىقى،-سىز راستىنلا ئۆلۈپ
كەتكەنمۇ؟
-ئۆلۈپ
كەتكەن،-دېدى ئوۋچى،-خۇددى سىز كۆرگەندەك، نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن،
بەلكىم بۇ نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىكى ئىشلار بولسا كېرەك.
مەن شىۋارتىس
ۋالدىنىڭ- گېرمانىيىنىڭ بىر جايى-بىر يېرىدىكى ياردىن چۈشۈپ كەتتىم. ئۇ چاغدا مەن
بىر بۆكەننى قوغلاپ كېتىۋاتاتتىم. مەن ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ ئۆلۈشكە
باشلىغانىدىم.
-ئەمما سىز
ھېلىھەم ھايات تۇرىسىزغۇ؟-دەپ سورىدى شەھەر باشلىقى.
-مەلۇم
جەھەتىدىن شۇنداق دېىيشىكە بولىدۇ،-دېدى جاۋابەت ئوۋچى،-مەلۇم جەھەتىدىن مەن
ھېلىھەم ھايات ياشاۋاتىمەن. چۈنكى مېنىڭ جەسىدىمنى ئەكىتىۋاتقان كېمە نىشاندىن
ئادىشىپ قالدى. بەلكىم كېمىچى رولنى خاتا باشقۇرۇپ قويغان، كېمە خوجايىنى بىر مەھەل
دىققەت قىلمىغان ياكى يۇرتۇمنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئۇنىڭ دىققەت ئېتبارىنى بۆلۈۋەتكەن
بولۇشى مۇمكىن. ئىش قىلىپ مەن بۇنىڭ زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن؛ مەن
پەقەت بىرلا نوقتىنى يەنى ئۆزۈمنىڭ ئىنسانلار دۇنياسىدا قالغانلىقىمنى بىلىمەن.
شۇنىڭدىن كېيىن كېمەم پانى ئالەمنىڭ دەريا-ئۆستەڭلەردە توختاۋسىز يۈردى. شۇنىڭ
بىلەن مەندەك تاغلىق رايوندا ياشىغان بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن جاھاننىڭ
ھەممە يەرلىرىدە سەرسان-سەرگەردان بولۇشقا رازى بولدۇم.
-ئەجەبا
سىزنىڭ جەننەتتىن تەلىيىڭىز يوقمىدۇ؟-دەپ سورىدى شەھەر باشلىقى قوشۇمىنى
تۈرۈپ.
-مەن،-دەپ
جاۋاپ بەردى ئوۋچى،-مەن ھەمىشە جەننەتكە بارىدىغان يولنىڭ پەلەمپىيىدە تۇرىۋاتىمەن.
مەن ئاشۇ ئۇچۇقچۇلۇقدىكى ئەزىم پەلەمپەيدە دىلغۇل بولۇپ يۈرۈيمەن. بىرلىرىدە
ئۆرلىسەم، بىرلىرىدە پەسلەيمەن. بىرلىرىدە ئوڭغا ماڭسام، بىرلىرىدە سولغا ماڭىمەن.
ئىزچىل ھەرىكەت قوينىدا تۇرىمەن. مەن بىر ئوۋچىدىن بىر كېپىنەككە ئايلىنىپ قالدىم.
مېنى مازاق قىلماڭ!
-سىزنى مازاق
قىلىۋاتقىنىم يوق،-دېدى شەھەر باشلىقى ئۆزۈنى ئاقلاپ.
-ئۇنداق
بولسا ياخشى،-دېدى ئوۋچى،-مەن توختاۋسىز ھەرىكەت قىلىمەن. ھەر قېتىم كۆزلىرىمنى
ئېچىپ ھەدەپ يوقۇرىغا ئۆرلەۋاتقان جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ماڭا نۇر چېچىۋاتقان
دەملەردە يەنە ئاشۇ ۋەيرانە كېمە ئۈستىدە ئويغىنىپ كېتىمەن. ئۆزۈمنىڭ ھېلىھەم بۇ
دۇنيانىڭ مەلۇم بىر قاقاس دەرياسىدا تۇرىۋاتقانلىقىمنى، شۇ قېتىمقى ئۆلۈمىمنىڭ بىر
كۈلكىلىك خاتالىق ئىكەنلىكىنى بايقايمەن. كېمە خوجايىنىنىڭ ئايالى يورىيا ئىشىكنى
چېكىپ كىرىپ نوسۇلكىنىڭ يېنىغا ناشتىلىق ئەكەپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن كېمىمىز
ئۆتۈپ كېتىۋاتقان دۆلەتتە ئالاھىدە ئىشلەنگەن بىرخىل ئىچىملىك ئىچىشكە مالىك
بولىمەن. مەن بىر شال ئۈستىدە ياتتىم، بەدىنىمنى مەينەت ئاخىرەتلىك بىلەن ئوراپ
قويدى، ئاق سانچىغان قارا چاچلىرىم بىلەن ساقال-بۇرۇتلىرىم قالايمىقانلىشىپ
كەتكەنىدى-مېنىڭ بۇ سىياقىمنى كۆرگەن ئادەمنىڭ قۇسقۇسى كېلەتتى. ئاياللارغا
ئىشلىتىلىدىغان بىر پارچە چۇچىلىق تاۋارنى پۇتلىرىمغا يېپىپ قويدى. بېشىم تەرەپكە
چىركاۋدا ئىشلىتىدىغان بىر تال شامنى ياندۇرۇپ قويدى. ئۇدۇلۇمدىكى تامغا كىچىك بىر
سۈرەت ئېسىپ قويۇلغانىدى. سۈرەتتىكى ئادەم ئافرىقىدىكى بوشمان قەبىلىسىدىن
ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ نەيزىسىنى ماڭا چەنلەپ تۇراتتى، ئۇ
چىرايلىق سىزىلغان بىر قالقاننىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغانىدى. كېمىدە سىز ھەمىشە بەزى
ئەخمەقانە سۈرەتلەرنى چېلىقتۇرىسىز، بەلكىم بۇ سۈرەت شۇ سۈرەتلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرسى
بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن باشقا مېنىڭ ياغاچ قەپىزىمدە ھېچنېمە يوقىدى. يان
تەرەپتىكى تامنىڭ كىچىك دېرىزىسىدىن جەنۇبى دىيارنىڭ ئاخشام-كەچلىرىدىكى ئىللىق
تىنىقلىرى كىرىپ تۇراتتى، قۇلاق تۈۋۈمدە ئېقىن سۇنىڭ كېمە بېقىنىغا ئۇرۇلۇپ تۇرغان
ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن ھايات ئوۋچى خوراس چاغلىرىمدا ئانا يۇرتۇم شىۋارتىس
ۋالدىدا بىر بۆكەننى قوغلاپ كېتىۋېتىپ ياردىن دومىلاپ چۈشۈپ كەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن
مەن مۇشۇ يەردە يېتىپ كېلىۋاتىمەن. جىمى ئىش ئۆز نۆۋىتى بويىچە يۈز بەردى: مەن
بۆكەننى قوغلاپ كېتىۋېتىپ ياردىن يىقىلىپ چۈشتۈم. قىپقىزىل قان ئېقىۋاتقان بۇ
جىلغىدا ياتتىم، ئاخىرى ئۆلۈپ قالدىم؛ بۇ كېمە ئەسلىدە مېنى باقى ئالەمگە ئاپىرىپ
قويسا بولاتتى. ھېلىھەم ئېنىق ئېسىمدە، مەن مۇشۇ شال ئۈستىدە يېتىپ پۇت-قوللىرىمنى
راھەت بىلەن سوزغان دەملىرىمدە قەۋەت خوش بولۇپ كەتكەنىدىم! تاغلار ئەتتىراپنى
توسمايىتتى، شۇ دەملەردە تاغلار خىرە كۆرۈنىدىغان تاختاي تامدەك ناخشىلىرىمنى
ئاڭلىغانىدى. مەن خوشاللىق بىلەن تىرىلىمەن يەنە خوشاللىق بىلەن ئۆلۈپ كېتىمەن. مەن
كېمىگە چىقىشدىن ئاۋۋال تولىمۇ بەخىتىيارىنلىق بىلەن ئوقدان، خالتا، مىلتىق
دېگەندەك نەرسىلەرنى تاشلىۋەتتىم،-بۇ مىلتىق مەن تەۋەللۇت بولماستىن بۇرۇنلا
دۈمبەمدە ھەيۋەت بىلەن ئېسىقلىق تۇراتتى. مەن تېزلىك بىلەن ئاخىرەتلىكنى كەيدىم،
خۇددى تويى بولغان قىز تويلۇق كىيىملىرىنى كەيگەندەك خوشال بولۇپ كەتتىم. مەن كېيىن
بۇ يەردە جىمجىت ياتتىم. ئەمما بەخىتسىزلىك يۈز بەرگەنلىكىنى ھېچكىم پەرەز
قىلالمىدى.
-تەغدىرىڭىز
كاج كەلگەن-دە،- شەھەر باشلىقى قولىنى كۆتۈرگىنىدە دېدى،- ئەجەبا بۇ جەھەتتە سىزدە
ئازراقمۇ سەۋەنلىك يوقمىدۇ؟
-بىزەمۇ
سەۋەنلىك يوق،-دېدى ئوۋچى،-مەن ھايات چېغىمدا ئوۋچى ئىدىم، ئەجەبا بۇ سەۋەنلىك
بولامدۇ؟ مەن ئوۋچى بولۇپ يۈرگەن چاغلاردا شىۋارتىس ۋالدىدا بۆرە بارىدى. مەن
مۆكۈنۈپ تۇرۇپ بۆرىگە ئوق ئېتىۋىدىم. ئوق بۆرىنىڭ بىر قات تېرىسىنى سويۇپ ئۆتۈپ
كەتتى. ئەجەبا بۇمۇ سەۋەنلىكمۇ ؟ جامائەت مېنىڭ بۇ ئىشىمنى تەرىپلەپ «شىۋارتىس
ۋالدىدا بىر ئۇلۇغ ئوۋچى بار» دېيىشكەنىدى. ئەجەبا بۇمۇ سەۋەنلىكمۇ؟
-مېنىڭ بۇ
ئىشلارغا ھۆكۈم قىلىش مەجبۇرىيىتىم يوق،-دېدى شەھەر باشلىقى،-ئەمما مەنمۇ سىزدە
سەۋەنلىك يوق دەپ قارايمەن. شۇنداقكەن سەۋەنلىك زادى كىمدىدۇ؟
-كېمە
خوجايىنى كەتكۈزۈپ قويغان،دە-دېدى ئوۋچى، -مېنىڭ بۇ يەردە يازغان نەرسىلىرىمنى
ھېچكىم ئالماسلىقى، ماڭا ھېچكىم ھەمدەمدە بولماسلىقى مۇمكىن، ماڭا ھەمدەم بولۇشنى
بىر تۈرلۈك ۋەزىپە قىلغان. ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرى ھىم تاقاقلىق تۇرغان،
جىمى كىشىلەر تۆشەكلىرىدە يېتىپ، باش-كۆزلىرىنى يوتقان بىلەن ئورىۋېلىشقان، پۈتكۈل
دۇنيا تۈن قوينىغا چۆمگەن چوڭ مېھمان سارايغا ئوخشاپ قالغان بولسىمۇ ئۇنداق
قىلمايدۇ، ئەلۋەتتە، شۇنداق بولغىنىمۇ بىر ھېساپتا ياخشى. چۈنكى شۇنداق بولسا مېنى
ھېچكىم بىلمەيدۇ؛ بىرەرسى مېنى بىلسىمۇ، مېنىڭ قەيەردىلىكىمنى بىلمەيدۇ؛ مېنىڭ
قەيەردىلىكىمنى بىلسىمۇ مېنى توسۇشنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماڭا قايسى يوسۇندا
ياردەم بىرىشنى بىلىدىغان ئادەم چىقمايدۇ. ماڭا ياردەم بىرىشنى خىيال قىلىش-بىرخىل
كېسەللىك، ئورۇن تۇتۇپ داۋالىنىش زۆرۈر بولغان بىرخىل كېسەللىك. مەن ئۆزۈمنى
تۇتىۋالالماي ياردەم قىلساڭلارچۇ دەپ كىشىلەرنى چاقىرماقچى بولساممۇ، مەسىلەن شۇ
تاپتا، بۇ قائىدىنى بىلگەچكە كىشىلەرنى ياردەم قىلىڭلار، دەپ چاقىرمىدىم. چۈنكى مەن
ئەتتىراپىمغا قارىشىم بىلەنلا ئۆزۈمنىڭ قەيەردە تۇرىۋاتقانلىقىمنى بىلىمەن، بەلكىم
شۇنداق دېيىشكە ھەققىم باردۇ، ئۆزۈمنىڭ نەچچە يۈز يىللاردىن بىرى قەيەردە
تۇرىۋاتقانلىقىمنى ئاڭقىرىۋالىمەن، شۇ ۋەجىدىن مەن كىشىلەرنى ياردەمگە چاقىرىش
نىيىتىدىن تامامەن ۋاز كەچتىم.
-قالتىسكەنسىز،-دېدى شەھەر باشلىقى،-ھەقىقەتەن قالتىس
ئادەمكەنسز، ئەمما شۇ تاپتا رىۋا شەھىرىمىزدە قېپقالغۇڭىز بارمۇ؟
-بۇ يەردە
قېپقېلىش ئويۇم يوق،-دېدى ئوۋچى تەبەسسۇم ئەيلەپ، ئۇ قولىنى شەھەر باشلىقىنىڭ
تىزىغا قويۇپ مۇلايىم ئەمما مەسخىرىلىك تەلەپپۇز بىلەن قوشۇپ قويدى،- مەن شۇ تاپتا
بۇ يەردە تۇرىۋاتقىنىم بىلەن ھېچنېمىنى بىلمەيمەن، ھېچنىمىگە قادىر بولالمايمەن.
كېمەمنىڭ رولى بولمىغاچقا ھالاكەتنىڭ تېرەن تەكتىگە قاراپ ھۇشقۇرتۇپ چىقىۋاتقان
شامال يۆلۈنىشىگە ئەگىشىپ يۈرمەكتىن ئۆزگە ئامال يوق.
(خەنزۇچە «كافكا ھېكايىلىرى دىۋانى» ناملىق
كىتاپتىن)