ئادىل تۇنىياز
كېتىۋاتىمەن قەشقەرگە
ئۇ گويا ئۆز تېنىنى يەۋاتقان،
ياكى ئۇ يەردە
پەرىشتىلەرنىڭ ئۆلۈكى ياتقان.
ئۇپۇقتا قىزغۇچ پەردە
مەڭگۈلۈك، تىپتىنچ، ئۆچىۋاتقان
ئەنە شۇنداق لەھزىلەردە،
ئاپتوبوس تۆمۈر قوشۇن غالجىرلاشقان
بىسىپ كىرمەكتە چۆل – جەزىرىگە.
تاشلار – تاش ئوردىنىڭ خارابىسى.
تاشلار – شېھىتلەرنىڭ كېسىك بېشى.
تاشلار قۇرۇپ كەتكەن،
تاشلار قاتقان تەن.
شەھۋىتى ئۇرغۇپ تاشقان ئادەملەر ئارا
ئېزىپ كەتكىنى سەن ياكى مەن.
قەشقەر
ئۇ بىر ئىسسىق قۇرىماس يارا،
تۇغۇلماقتىمىز بارا – بارا.
كۆزلىرىم قاماشتى قارا – قارا
يۇلتۇزلار لىق ئاسماندا، يەردە.
سۈزۈك – سۈزۈك ئۆتۈۋاتقان
شۇنداق تەنھا لەھزىلەردە
ئىگەم سەن بار، مەن يوق مەندە.