بىرىنچى ھىجران

يۇنۇس زۇننۇن

كۈن رەڭگىدە ياردىم بېشىمنى،
ئۇچتى خىياللار
بىر روھ كەبى
قاناتلىرى قان
بىر تامچە ئاسمان
ئېقىپ ئوينار قارچۇقلىرىمنى
ئۇزاق ۋەتەندە
سېغىنىشلار كۆيۈپ ئۆچكەندە…

2014-04-11

شەنبىلىك قەبرە تېشى

يۇرتۇم مەڭزىڭدە قان
بىر سەبىينىڭ تېنىدىن تامچىغان
كۆزلىرىمدە…
ئەقلىم كەڭ كەتكەن بىر مازارلىق
قەلبىمگە ھەممىسى ئايان…

زۇلۇمدىن يېرىلدى مونچاق ئاسمان
ئىچىدە ئىدى شۇ سەبىرنىڭ تاشلىرى،
قوغۇشۇن-قوغۇشۇن تىزىلدى،
جانلىرىم بۈگۈن…
بىچارە دەڭلار مېنى،
ئۆز جەسىتىگە ئىگە بولالمىغان
بىچارە دەڭلار مېنى،
ئۆز تەختىگە ئۆزى گۆر بولغان…

13.04.2014

يوقلۇقۇڭغا

كۈل بولۇپ چوغدىن ئۈمۈتلەنمەك نېمە؟
خازان بولۇپ گۈلدىن ئۈمۈتلەنمەك نېمە؟
تۇپراققا بېرىپ بۇ تەننى،
ئاسمانلارنى قۇچاقلاپ ھەر يامغۇر پەسلى
ھەمىشە كۆرۈنمەس تامچىلەرگە سۇقۇنۇپ
چاناقلىرىڭدا ماكان تۇتماق نېمە….؟

شېئىر پۈتتۈم بىر قانچە قۇر يوقلۇقۇڭغا
كىم پۈتەر سەرسان بولغان بۇ ھاياتنى؟!

29.04.2014

بارلىقى ھەققىم ئارا

ئىچىمدە ياتقان كەڭ بىر مازارلىق
تاشلىرىغا ئاسمان ئويۇلغان
جانلىرى جانىم ئارا…

ئىچىمدە بىر ۋەتەن
چىگرالىرى ئۇنتۇلغان
تاجلىرى گۆرۈم ئارا…

ئىچىمدە بىر يۇلتۇز
جىمجىت تۈتەۋاتقان
بىر ئاسمان تۈزەۋاتقان چېھرىگە
بارلىقى ھەققىم ئارا…

29.04.2014

تاغ يېشىدا ياشىسام…

تىلىدىم رەببىمدىن قىساسىم ئۈچۈن
تاغ يېشىدا ياشىسام…

ئوچۇق كەتكەن كۆزلىرىگە بوۋامنىڭ
سىغماس بەلكى يەتتە قات ئاسمان،
سېغىنىش، پۇشايمان ھەمىشە نەم تەۋبە،
ئۆچكەن نۇرلاردا قالدى نى ئارمان…

كۆزلىرىمگە ئويۇپ كېچە قارىسىنى
ماتەم تۇتاي ھاياتىمغا-
تۇغۇلۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن
ئۇيغۇر تۈتەپ توزۇپ كەتكەن…

يۇلتۇزلارغا ئۇزاپ كەتتىڭ بىر بوۋام
قالدى ھىجرانىدا بىر پىلە
غوزىكىدە مىڭ ھىلە
ئاسمان كۈتكەن ھۇما قۇش
يىللار ئارا قان خىرە…

15.05.2014

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ