يۇنۇس زۇننۇن
شائىر!
سۆزلىرىڭ قالمىسا يازغۇدەك ئۆزۈڭنى
يېزىلامسەن قانلىرىڭ بىلەن
تامچىپ تۇرغان قۇياش لېۋىدە
شۇ زېمىن يۈزىگە؛
بىر جەڭگاھ ئوت ئالسا ھازىر
ئەسلىمىلىرىڭدە…
ياشىغان كېچىلىرىڭنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا تولدۇرۇپ
جان بېرەمسەن ئاتەشلىرىڭگە
ئۆلۈپ كېتىشكە بولغان سەمىمىيلىكىڭدىن
كۈلەمسەن ئىنسانلارنىڭ بەخىت دېگىنىگە شۇنچە
ھازىر
كۆز ياش، پەردىلەر چايقالغان جاننىڭ ئىسىمىسىز ئازابلىرىدا
قانايمەن دېدىڭ يۇلتۇزلارنىڭ قەبرىسىدە
ئىز تۇتۇپ نۇرلارنى
كۆرىمەن دېدىڭ ۋەيران بولغان دىدارىڭنى
ۋاقىتنى قاتۇرۇپ ئىزىدا
سىڭىپ تۇرۇپ سۆزلەر قېتىغا
ئوقۇيمەن دېدىڭ جاننىڭ ئەسلىنى
يىغلايمەن دېدىڭ ھاياتنىڭ ۋەسلىنى
قېنىم بىلەن قېنىم بىلەن قېنىم بىلەن…
شائىر
بىر تامچە قاننىڭ قىممىتى ئاشكارا بولغاندا
بىلەمسەن قىممىتىڭ ئاشىدۇ ئاسمانلاردا
زېمىنلار ئوقۇيدۇ داستانلىرىڭنى، جەڭگاھلار كېلىدۇ قايتقان ئىزىدىن
شائىر،
ئۆلۈمىڭنى ئوقۇيدۇ بىر تامچە قېنىڭ
روھىڭنى توقۇيدۇ رىۋايەتچى زېمىن
تا ئۆزىنى تۈگەتكۈچە
يادلايدۇ تامچەڭنى يىراق كەلگۈسى،
ئوتىدا يانغان ئارمانلىرىڭ
ياشايدۇ بۇ سوغۇق كېچىلەرنى
بىر قەبرە يۇلتۇزلارغا كۆچكەندە
ئۇيغۇر بولۇپ ئۆچكەندە…
05.02.2013
ئەدىرنە، تۈركىيە