
تۇماندىكى باھار
چىمەنگۈل ئاۋۇت
بىر سائەت توختىغان پويىز ئالدىغا ،
بىر ئوچۇم يېشىمنى ئېلىپ چىقمىدىم .
قولۇمدا قىلىچ بار ساڭا ساقلىغان ،
ياندۇرۇپ باغرىمغا يا بىر تىقمىدىم .
مەن سېنى ئەجەپمۇ سېغىندىم جېنىم ،
لىۋىمنى چىشلىدىم قاناپ كەتكۈدەك .
سەن بەلكىم ئولتۇرىسەن پۇتۇڭنى سوزۇپ ،
ئىچىمدە قاينايدۇ ئىسسىق بىر تىترەك .
كەچ بولدى قار ياغدى خىياللىرىمغا ،
ئايدىڭدەك پارلىدى نۇرلاندى ئەتراپ .
ئۇيالدىم ئۆزۈمچە قىلىقلىرىمدىن ،
چېچىمنى تارىدىم ئەينەككە قاراپ .
ئىسىمگە كەپ قالدى يانۋار ھارپىسى ،
قار دۆۋىلەپ بەردىڭسەن مېنىڭ يېنىمغا .
كۆمۈلۈپ بەختىمگە،قەدرىڭگە تولۇق ،
قار بوۋاي ياسىدىم كۆزىلا قارا .
يۈزۈمگە ياققانتىم ئالقانلىرىڭنى ،
يېشىممۇ ھەسرىتىمدەك كەتتى ئاھ، قۇرۇپ ،
تىرەكلەرنىڭ شاخلىرى قاراسلاپ سۇندى ،
قار مومايغا ئايلاندىم باغرىڭدا تۇرۇپ .
ئاۋايلاپ سىيلىدىم پۇتۇڭنى بىردەم ،
ھېلىقى ناخشىنى غىڭشىپ ئوقۇغاچ .
بەش يىپلىق تىكىلگەن يارا ئېغىزى ،
كۆرۈندى كۆزۇمگە بولۇپ قارلىغاچ .
سەزدىممەن تەپتىمدە تىنىقلىرىڭنى ،
چۆللەردىن ئوت بولۇپ كەلمەكتە مەجنۇن .
لەيلىنىڭ دەردىنى ئاڭلىدى كېچە ،
بېغىمدىن كۈل بولۇپ يوقالدى قوزغۇن .
قەھرىڭدىن قومۇشلار قۇشقا ئايلاندى ،
تىكەنلەر سۈرۈلدى يولنىڭ بويىغا .
كۆكتىكى تۇمانغا يېشىمنى بەرسەم ،
يامغۇر دەپ زىمىنغا قايتۇردى خۇدا .
باھارنىڭ ھېدىغا كۆمۈلدى جاھان ،
چۇۋۇلغان چاچلىرىم پۇرايدۇ يالپۇز .
جار سالاي ھاياتتا ئاخىرقى قېتىم ،
مەن ئەمدى بىر ئۆمۈر ئەمەسمەن يالغۇز !