نويابىر 21, 2024
بىرىنچى ھىجران

يۇنۇس زۇننۇن

1
ئىستانبۇل، تۇمانلىق كېچە
فاتىھتا ئوت كەتكەن كوچا، چەمبەرلەر ئايلانمىسى
يىلان تىزمىسى، خوتەننىڭ يىغىسى يۈزلىرىمدە
يېقىمسىز قىش، تاشلانغان ئۇستىخانلىرىم
قەشقەرسىراپ تۇرغان ياغاچ ئۆيلەر
كۆز نۇرۇمنى يېگەن كۈندۈز
قاراكۈت سۆزىدە
جىگدە چېچىكىدە
ئاي تولغان كېچە
ئىستانبۇلدا…بىر كارۋاتلىق دۇنيا، بەلكىم يالىڭاچلىق
ئىچىڭدىكى ھەممە.
2
مەن سەھەرگە ئاستىم باغرىمنى
تىزدىم بارماقلىرىمنى كۆكسۈڭگە
تۇتتۇم جىسمىمنى بىر گۈل ئورنىدا
پەقەت بىر گۈل
ياكى بىر قەبرە تېشى
سەن مېنى تاشلىغان يەردە،
مەن تاش تەردىم رەگەتكەم ئۈچۈن
شۇ ساناقسىز سانلارنى ئوۋلىماق ئۈچۈن
ئۈستۈڭگە قونغان،…
جىمجىت تۇپراق، ئوقۇماقتا ئېچىرقىشىنى
تەمبۇر، دۇتتار، غېجەك، راۋاپ…
بۇمۇ مېنىڭ ئاۋازىم؟!
ئاۋازسىزلىق سۈرگىنلىگەن ئارماندا
چۈشۈمدەسەن بىر تامچە قان
ئۇيۇپ قاتقان
يۈرەك ئىچىدە
ھايات بىر قەرز بەزىدە
ۋەدىلەر ئۆلگەندە
ۋەتەن
بىر باھانە
ئۆلگەن جاننى باقماق ئۈچۈن
پەقەت بىر باھانە.
3
ئىستانبۇل مىليون جاننىڭ ۋەتىنى،
قەشقەر ئىستانبۇلنىڭ ۋەتىنى.
4
مەن ھۆلدېرلىننىڭ شېئىرلىرىدىن
ۋەتىنىمنى ئوقۇغىنىمدا
ئاسمان ئوقۇيدۇ كۆزۈمنى
تۇتۇپ ئېلىپ ئاياقلىرىمىدىن
زېمىن ئەسلەيدۇ زەلزەلىسىنى
كېچىدەك قارايغان كۆزلىرىڭدىن
يوقتەك ئېقىپ يۈرگەن سىماڭلىرىڭدىن
ئاققان ھەر تامچىسى بىر ھەسرەت دولقۇنى
بىر تامچە
ۋەتەن ئۈچۈن
ھەر تامچە
زېمىن ئۈچۈن
ھاياتى ئۈچۈن،
چۈشلىرى ئۈچۈن.
4
كۆكۈش تۇمانلار ئوينار سەھەر ئېغىزىدا
چاملىجانىڭ ئاستىدا،…
بىر قاتىل سىماسى بار
ئەينىكىمدە
چېقىلغان يۈزلىرىڭدە…
5
ئەتە
گۈل پۇرامدۇ، پورۇخمۇ
جان بېرەمدۇ، ھاياتمۇ
تىنىقىمدا ئوينار بىر خىيال
بىر جان كەبى
قارتىلار كەبى تىزىلغاندا ئۆلۈمنىڭ تەرتىپى؛
كاشكى بىلسەم ئىدىم
قاچقان كۆز نۇرلىرىڭنى قوغلاپ يېتەلىسەم
يەتسەم ئىدىم سەن قاچقان شۇ چەكسىزلىكلەرگە
خۇددى
بىر ۋەتەن كەبى ھىدى بار
بىر ۋەتەن كەبى جېنى بار
بىر ۋەتەن كەبى…
ئۆلۈم
ۋەتەن بىر ئۇلۇغ ئەسلىمە
ھەر ئەسلىگەندە تىرىلەر جانلار
تىرىلەر ئىستانبۇل
ئاياق ئىزىدىن قەشقەرنىڭ،
كاشكى بىلسەم ئىدىم
قوغلاپ كەتسەم ئېلىپ قاچقان شۇ كۆزنۇرلىرىڭنى
بىر ۋەتەن تاپسام
ئىچىدە ياشىغان بىرسى مەن بولسام
ئىستانبۇل
بىر قەشقەر
كوچىسىدا ئەرۋھلار ئاققان
رەڭلىرىدە تاتارغان جەسەت
مەن سىزغان تام رەسىملىرى
يۈزلىرىمگە…
ئېقىپ ئۆچكەندە ئەسلىمىلەر
ئوت ئالار جەھەننەم.
6
ۋەتەن بىر بوردا نان
قەشقەرنى ئەسلىگەندە جاھان
تاڭنى تىلەپ
گال پىچاقنى تېيەپ تېگى يوق ھاڭغا
قېرىدى بىر نۇر
قېرىغىنى پەقەت شۇ بىر نۇر
ۋەتەن ئىسىملىك قېقىلغان كىرپىك
ۋەتەن رەڭلىك ئۇزۇن كېچە
ۋەتەن تەملىك ئاچچىق قەھۋە
بىر يۇتۇم بولدى
ئانام ئېيتقان ھەقىقەت
ۋەتەن دەردىنى ئېيتقاندا.

7
ئاسمان لۆمۈلدىدى
ئالىقانلىرىمدا
يىراق قەشقەردىن ئەزان كەلگەندە
بىر بامدات ئۇيقۇدا
جانلار سەرسان يېتىم تۇيغۇدا…
8
ۋەتەن
قىلىچلارغا ئۇنتۇلغان قان
جانلارغا فاتىھە
ھاياتقا قالدى بىر ئۇلۇغ ئەسلىمە.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ