Khurshid Davron

ئوغلۇم، بۇ يەر
بىزنىڭ يىرىمىز.  
ئۆزىمىزنىڭ يىرىمىز.
قورقماستىن قەدەم تاشلا.
بۇ يەر بەكمۇ قاتتىق
بۇۋىلارنىڭ قېنى قاتۇرغان ئۇنى.
ئوغلۇم بۇ يەر
ئۆزىمىزنىڭكى،
خۇدۈكسىرىمە، ئىشەنگىن ئاتاڭغا،
ھەدەپ قاراۋەرمە ئارقاڭغا.
يىقىلساڭ كۆتۈرەر،
سېنى بۇ تۇپراق.
يىقىلساڭ تۇرۇشنى ئۆگىنىسەن،
تۇرماقنى ئۆگەن ئوغلۇم. يىقىلساڭ تەمتىرىمە،
تەمتىرىمىگىن، يېتەر ئوغلۇم.
قەد تىكلەشنى ئۆگەن؛
شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە بېرىلگەن
بۇ يەر – بۇ ۋەتەن!
ئاتلار يىغلىغاندا
ئاتلار يىغلىغاندا بايقىغانمۇ سىز،
يىراقلارغا قاراپ يىغلايدىكەن ئات،
ئۇزاق-ئۇزاق يىغلايدىكەن ئات،
ئاۋاز چىقارماستىن يىغلايدىكەن ئات.
ئۇچۇپ باققانمۇ سىز قۇشلار بىلەن؟
قاناتلىرى كۈيلەيدىكەن ئۇچقاندا قۇشنىڭ،
تۇمشۇقلىرى كۈلەر ئىكەن ئۇچقاندا قۇشنىڭ،
ئاياغلىرى يەر ئىستەيدىكەن ئۇچقاندا قۇشنىڭ.
شۇۋۇلداپ تۇرغانمۇ سىز دەرەخلەر كەبى؟
ئۇچۇپ كېتەي دەيدىكەن باﻫاردادەرەخ،
قۇببىلەرگە ئېسىلەاركەن كۈز پەيتى دەرەخ،
يىلتىزىغا ئىشىنەركەن قىش پەسلى دەرەخ.
يىغلىغۇم كېلىدۇ ئاتلارغا ئوخشاش،
زېمىنغا تېۋىنغۇم كېلەر قۇش ئايىغىدەك،
يىلتىزىمغا ئىشەنگۈم كېلەر دەرەخلەردەك.
چىلىلىق دوستلارغا
ھۆرلۈك نېمە؟
ئازادلىق نېمە؟
بۇنى ئاڭلىماقلىق قىيىن چۈشىدۇ.
كۈندۈز ئۈچۈن كۈرەشكەنلەر،
قۇياشنى چۈشەپ تۈندە ئۆلىدۇ.
يۇرت نېمە؟
ۋەتەن نېمە؟
بۇنى ئاڭلىماقلىق قىيىن چۈشىدۇ.
بىر ئۆمۈر يۇرتىنى دەپ قانلار قۇسارۇ،
ۋەتەندىن يىراقتا ئۆلىدۇ.

مىللەت نېمە؟
بۇنى ئاڭلىماقلىق قىيىن چۈشىدۇ.
تامغا قاراپ، مىللەتدېشى ئاتقان
زەھەرلىك ئوقتىن ئۆلىدۇ.
بۇرچ نېمە؟
ۋىجدان نېمە؟
بۇنى ئاڭلىماقلىق قىيىن چۈشىدۇ.
ئۆلۈمدىن كېيىن تىرىلىمەن دەپ
ئۆلۈمدىن قورقماستىن ئۆلىدۇ.
‏خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىدىن     

  ئەسلى شىئىر تىمىسى  ئوغلۇم تۆمۈرگە

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *