نويابىر 21, 2024
بىرىنچى ھىجران


ھەبىبۇللا مىجىت


مەن يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرىنى سۈيۈنۈپ ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىرى. تۇنجى قېتىم «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1989-يىللىق 1-سانىدىن  يازغۇچىنىڭ «ھالاكەت» ناملىق پوۋىستىنى ئوقىغاندىن تارتىپ، ئۇنىڭ قولۇمغا چۈشكەن بارلىق ئەسەرلىرىنى قىزغىن ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ كەلدىم. يازغۇچىنىڭ ھېكايە-پوۋىست، شېئىرلىرى قورۇلمىسىنىڭ پۇختىلىقى، سۆرەتلىگەن تۇرمۇش مەنزىرىسىنىڭ كەڭ ۋە چۇڭقۇرلۇقى، تۇرمۇش بىلەن ھېسىياتنىڭ ئورگانىك چىنلىقى، باشتىن-ئاخىر ئادەملەرنىڭ تەقدىرىگە كۈڭۈل بۈلۈشتەك ئىزچىللىقى… بىلەن مىنى ئۆزىگە مەھكەم باغلاپ كەلدى. يازغۇچى ئەسەرلىرىنىڭ مىنى تاڭ قالدۇرغان يەنە بىر تەرىپى، ھەر قېتىم ئەسەر يىشىمىنىڭ كىشى ئويلىمىغان يەردىن چىقىشى بولدى.
ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىزنىڭ كۈنۈككەن تەپەككۈر قىلىش ۋە كىتاپ ئوقۇش ئادىتىمىزنى يېڭىلاشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغاچقىمۇ، يازغۇچىنىڭ ھەر بىر پارچە ئەسىرى ئېلان قىلىنىش بىلەن تەڭلا نۆۋىتىدە كۈچلۈك غولغۇلىلارغا سەۋەب بولۇپ كەلدى. ئەمما ئىلمىيلىكتىن كۆرە شەخسىي غەرەز مەقسەد قىلىپ يىزىلغان  بىر قىسىم ئوبزۇرلارنىڭ خاتا يىتەكلىشى بىلەن بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەردە بىر مەھەل يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنى قارا-قويۇق ئىنكار قىلىش خاھىشى باش كۆتۈردى. كۈچلۈك دەۋىر تۇيغۇسىغا، يېڭىلىق تۇيغۇسىغا، ئىجادىيلىققا تۇيۇنغان يېڭى ئەسەرلىرى، يازغۇچىنىڭ چەكتىن ئاشقان تەنقىدلەرگە بىرىلگەن ئۈن-تىنسىز جاۋابى بولۇپ قالدى.
يازغۇچى ئەسەرلىرى ھەققىدىكى تەسراتىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ھەر ۋاقت نىيەت قىلغان بولساممۇ، ھەر قېتىم تېڭىرقاپ توختاپ قالدىم. بۇ مىنىڭ يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرى ئۈستىدە قەلەم تەۋرىتىشنى خالىمغانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى مۇھەممەت پۇلات خالىدە ئىسرائىلغا:«سىلنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سەۋىيىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، مەن ئوبزۇر يازالمىدىم» دەپ سەمىمىيلىك بىلەن ئېتراپ قىلغاندەك(ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ سۈزى، «پىروزا، تۇرمۇش، ئۆرلەش» دىگەن سۆھبەت خاتىرىسىگە قارالسۇن «تەڭرىتاغ» 2009 –يىل 3-سان 78-بەت)، مىنىڭمۇ يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرى ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتكۈدەك قۇربىتىمنىڭ بار-يوقلۇقىنى دەڭسەپ تۇرۇپ قالغانلىقىمدىن بولدى. چۈنكى يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن ئۆگىنىشنى ھەر ۋاقت قولىدىن بەرمەيدىغان تىرىشچان يازغۇچى. يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان  ھەر بىر پارچە ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ پەلسەپە، پىسخولوگىيە، ئانتىروپولوگىيە پەنلىرى ھەققىدىكى يېڭىدىن-يېڭى ئىزدىنىشلىرىنى نامايەن قىلىپ كەلدى. بۇنى يازغۇچىنىڭ ئوقۇرمەننى بەدىئى سەنئەت ئالىمىنىڭ كىشىگە مەلۇم بولمىغان يېڭىچە زوق ۋە ئىستېتىك لەززەتلىرىگە باشىلىيالايدىغان، ئىنساننىڭ قەلب چۇڭقۇرلۇقىدىكى نازۇك تويغۇلىرى ئىپادىلەنسىمۇ ئوقۇرمەنگە قىلچە تەكرارلىق ھىس قىلدۇرمايدىغان ھەر بىر پارچە يازمىسىدىن ئېنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. مۇكەممەل مەدەنىيەت تىندۇرمىسىنى ئۆزىدە يىتەرلىك ھازىرلىغان  بىر يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئېغىز ئېچىش ئۈچۈن، پىكىر بايان قىلغۇچىدا جۈرئەتلا ئەمەس، ھىچبولمىغاندا يەنە يازغۇچىغا بويلاشقۇدەك قابىلىيەت بولۇشى كېرەك. ئەمما قىزىقىش ئەنسىرەشتىن ئۈستۈن كەلدى. ھەۋەس بىلەن يازغۇچىنىڭ مىنى چەكسىز سۈيۈندۈرگەن بىر پارچە ھىكايىسىدىن ئالغان تەسراتىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم. يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ مىنى جىم تۇرغۇزمىغان بۇ ئەسىرى «ئىشچىلار ۋاقت گېزىتى» نىڭ 2009-يىل7-ئاينىڭ31-كۈنىدىكى «قارلىق چوققا» بېتىدە ئېلان قىلىنغان «ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتۇبۇس سائەت نەچچىدە ماڭىدۇ؟» ناملىق ھېكايىسىدۇر.
ھىكايىدە ئوقۇرمەننى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغۇدەك ۋەقەلىكمۇ يوق. سەپەرگە چىققان، چىقىپ باققان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يولۇقتۇرغان ئاخىرقى ئاپتۇبۇسنىڭ سائەت نەچچىدە ماڭىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش جەريانىدىن ئىبارەت تۇرمۇشتىكى ناھايىتى ئاددى ۋەقەلىك. ھىكايىدە سۆرەتلەنگەن «مەن»، قۇچاقتىكى بالىسىنىڭ ئىسسىقتا ئاغرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ھاۋا سەل سۈرۈنلەشكەندە ئۈرۈمچىگە بارماقچى بولۇپ، ئاخىرقى ئاپتۇبۇسنىڭ سائەت نەچچىدە ماڭىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئاپتۇبۇس بېكىتىگە كىلىدۇ. تامغا ئېسىپ قويۇلغان تاختايلاردىن ئاپتۇبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقت جەدۋىلىنى تاپالماي، ئىلاجىسىز بىرەر كىمدىن سوراشقا مەجبۇر بولىدۇ. «ئىش سوراش ئورنى» دىگەن كۆزنەككە بېرىپ ئولتۇرغان ئۈچ ئادەمدىن ئاخىرقى ئاپتۇبۇسنىڭ سائەت نەچچىدە قوزغىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. «ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتۇبۇس سائەت نەچچىدە؟» دىگەن سۇئالىغا كۈڭۈلدىكىدەك جاۋاپ ئالالمىغاندىن كىيىن، ، «سائەت قانچىدە ئاپتۇبۇس قالمايدۇ؟» دەپ سۇئال سوراش شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئەمما ئەھۋال ئۇلارنىڭ ئاچچىقلىنىشى بىلەن تۈگەللىنىدۇ. ئۆزىنىڭ سۇئالىغا قاناتلىنەرلىك جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، «مەن» بېلەت ساتىدىغان كۆزنەكتە ئۆچرەت تۇرىدۇ. بۇ يەردە ئەھۋال تېخىمۇ پاجىئەلىك بولۇپ، «مەن» سۇئال سوراش شەكلىنى كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىپ باققان بولسىمۇ، ئۆزى ئارزو قىلغان جاۋابقا ئىرىشەلمەيدۇ ھەمدە ئۆچرەتتە تۇرغان بارلىق كىشىلەرنىڭ نەپرىتىگە قېلىشتىن سىرت، ھەتتا تاياق يىيىش دەرىجىسىگە بېرىپ قالىدۇ. ئامالسىز قالغان «مەن» ئايالىغا: «…ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتۇبۇس سائەت نەچچىدە ماڭىدۇ؟دىگەن سۇئالنى ئىپادىلەشنىڭ قانچە خىل ئۇسۇلى باردۇر، زادىلا بىلەلمىدىم» دەپ ۋايسايدۇ. ھىكايە تولىمۇ ئازاپلىق كەيپىياتتا ئاياغلىشىدۇ…
«ھەر بىر پارچە ھىكايىدە تۇرمۇشنىڭ مەلۇم كەسمە يۈزى تەسۋىرلەنگەن بولىدۇ» دىگەن نەزىرىيە بىلەن چىش-تىرنىقىغىچە قوراللانغان ھەمدە پىروزا ئەسەرلىرىنى قىزىقارلىق ۋەقەلىك قوغلىشىپ ئوقۇپ ئۆگىنىپ قالغان كۆپ سانلىق ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن، بۇ ھىكايە يازغۇچىنىڭ قەلەم تەۋرىتىشتىكى مۇددىئاسىنىڭ قىلچە تاينى يوقتەك تۇيغۇ بىرىدۇ. ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ دىگەندە، مىنىڭچە مەسلە مۇنداق ئاددى ئەمەس. بۇ ھىكايە ئېنىقكى، بىزنىڭ ۋەقەلىك قوغلىشىپ ھېكايە ئوقۇشتەك ئادەتلەنگەن تەپەككۈر ئوسۇلىمىزدىن ئۈزۈل-كىسىل ۋاز كىچىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەردىن خېلى مول ئەدەبىيات بىلىملىرىگە ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر مۇنەۋۋەر يازغۇچى ئاۋامنىڭ تەلىپىگە ئويغۇنلىشىشنىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىستېتىك زوق ۋە بەھىرلىنىش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتىرىشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيىتى قىلغان بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا  «ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتۇبۇس سائەت نەچچىدە ماڭىدۇ؟» ناملىق ھېكايىنى  پىروزىچىلىقىمىزدىكى ئىزدىنىشقا، ھالقىشقا ھەقىقىي تۈردە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەسەرلەر جۈملىسىدىن دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئېنىقكى ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.
«ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتۇبۇس سائەت نەچچىدە ماڭىدۇ؟» ناملىق ھېكايە ئالدى بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە پىششىق بىلىدىغان ناتۇنۇش تۇرمۇشنى ئىنچىكە كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى بىلەن تولىمۇ قىممەتلىك. ھېكايىدە تەسۋىرلەنگەن  ئاپتۇبۇسنىڭ سائەت نەچچىدە مېڭىشىنى سوراشتىن ئىبارەت سۇئال ھەممىمىزگە ناھايىتى تۇنۇشلۇق. ئەمما كۈندۈلۈك تۇرمۇشتىكى تولىمۇ ئاددى ئۇششاق تەپسىلاتلاردىن ئوقۇرمەن قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك، ئۇلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغۇدەك ھىكايە كەيپىياتىنى يارىتىش ئۇنچە ئاسان بولمىسا كېرەك. كۈرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ ھىكايىنىڭ سۇژىتى پۈتۈنلەي تاسادىبىيلىقلار بىلەن تولغان. تولىمۇ دىراماتىك كۈرۈنۈشلەردىن تەركىب تاپقان مۇشۇ تاسادىبىيلىقلار ھىكايىنىڭ چىنلىق ۋە تەبئىيلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ھىكايە كەيپىياتىنى يارىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. ئەمەلىيەتتە يىزىقچىلىق-تاسادىبىيلىقلار جەريانى. قان بىلەن گۆشتىن پۈتۈلگەن ھەقىقىي مەنىدىكى پىرسۇناژ كۆپىنچە ھاللاردا تاسادىبىيلىقلار جەريانىدا مۇكەممەللىشىپ، يازغۇچىنى ئىلاجىسىز قالدۇرۇپ كۈتۈلمىگەن يەرلەردىن چىقىپ قالىدۇ. ھىكايە كەيپىياتى مۇشۇ تاسادىبىيلىقلار جەريانىدا تەبئىيلا بارلىققا كىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۇيغۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىزدىكى قەلىمى پىشىپ قالغان كۆپ ساندىكى يازغۇچىلار ئىچىدىمۇ ھېلىھەم فورمۇلالاشقان يىزىقچىلىق ئادىتى بىلەن خوشلىشالمىغانلار خېلى كۆپ. ئۇلار ئالدى بىلەن مەلۇم ئىدىيىنى تىكلىۋېلىپ، پىرسۇناژلىرىنى شۇ رامكىنىڭ ئىچىدە ھەركەت ئېلىپ بېرىشقا قىستايدۇ. بۇ خىلدىكى ئەسەرلەردە ئىدىيە پىرسۇناژلارنىڭ ھەركىتىگە ئىزچىل قوماندانلىق قىلىدۇ. «ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتۇبۇس سائەت نەچچىدە ماڭىدۇ؟» ناملىق ھىكايىدىكى ئەھۋال بۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.  يەنى بۇ ھىكايىدە ئەسەر ئىدىيىسى «مەن» نىڭ كونكىرت ھەركەتلىرى جەريانىدا ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. بۇ پەرھات تۇرسۇننىڭ بارلىق ئەسەرلىرىگە ئورتاق ئەھۋال. ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي مەنىدىكى ئىجادىي پائالىيەت مانا مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك. مۇشۇ مەنىدىن بۇ خىل بەدىئى ماھارەتنىڭ ئۈلگىسىنى ياش يازغۇچىلار ئىچىدە پەرھات تۇرسۇن  قەلىمىدىن كۆردۇق دىسەك ئاشۇرۋەتكەنلىك ھىساپلانماس؟!
مەن بۇ ھىكايىدىن بىر جۈپ مەيۇس كۆزنىڭ ئىنسانىيەت ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنىڭ، ئارلىقنىڭ بارغانسىرى يىراقلاپ كىتىۋاتقانلىقىدىن چەكسىز مۇڭغا چۆمگەنلىكىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ھىچكىم دىققەت قىلمايدىغان كىچىككىنە تۇرمۇش دىتاللىرىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسىرى چوڭىيىۋاتقان ھاڭنى، يىراقلىشىۋاتقان ئارلىقنى، تۇرمۇشنىڭ بېسىمىدىن كىشىلەردە پەيدا بولىۋاتقان بىنورماللىقنى، ھەسرەتنى، مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئىنسانىيەت قەلبىنىڭ كۈنسىرى يىراقلىشىشدىن ئىبارەت ياتلىشىش تىراگىدىيىسىنى  ئىپادىلەپ بىرىش، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قەلىمىگە ھازىرغىچە ناتۇنۇش بولۇپ كەلگەن ئىدى.  ت.س.ئېللىئۇت «باياۋان» ناملىق داستانىدا، ئالبىرت كامۇ «يىگانە ئادەم»، كافىكا «شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرىسى» ناملىق پوۋىسىتىدا ئىپادىلىگەن ئىنسانىيەتنىڭ ياتلىشىشتىن ئىبارەت تېمىنى، يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن ھەجىمى تولىمۇ قىسقا بولغان ھىكايىسىدە، باشقىچە نوقتىدىن ئۆزىگە خاس ئاۋاز بىلەن ئىپادىلەپ بەردى. يازغۇچىنىڭ بۇ ھىكايىسى تەسۋىرلىگەن تۇرمۇش كۈرۈنۈشلىرى ناھايىتى ئىخچام، كونكىرت، ۋەقە ياكى سۇژىتنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇ كونكرت سۇژىت بۈگۈنكى ھاياتىمىزدىكى ئىنتايىن مۇھىم، كونكىرت ۋە سەزگۈر ئىجتىمائىي مەسلىگە باغلانغان. يازغۇچى بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە پىششىق تونۇش بولغان تېمىنى، ئىنسانىيەتكە ئورتاق روھىي مەزمۇن بىلەن سوغارغان. يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن ئىجادىيىتىنىڭ  بىزنى ھېلىھەم قايىل قىلىدىغان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى دىققەت مەركىزىمىزدە تۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان ئامىللارنىڭ بىرسى مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ھىكايە ئېنىقكى ئىدىيىسىنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن ئەمەس، بەلكى بىز كۈندە كۈرۈپ تۇرغان بولساقمۇ دىققەت قىلمىغان تۇرمۇشنى چۇڭقۇر كۈزەتكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ئاددى سۇئالىغا جاۋاپ ئالالمىغان بىر ئىنساننىڭ تىراگىدىيىلىك كەچمىشىنى چىن ئىپادىلەپ بەرگەنلىكى بىلەن چۇڭقۇرلۇق ھازىرلىغان ۋە شۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىنى ھاياجانلاندۇرۇش، ئۇلارنى ئويلاندۇرۇش مەقسىدىگە يەتكەن. ھىكايىدىكى «مەن» نىڭ ئاپتۇبۇس بېكىتىدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى، ئېنىقكى تولىمۇ ئاچچىق بولغان تىراگىدىيە. ئەنئەنىۋى چۈشەنچىمىزدە «باش قەھرىماننىڭ ئۈلۈمى بىلەن تۈگەللەنگەن ئەسەرلەر، تىراگىدىيىلىك ئەسەرلەر جۈملىسىگە كىرىدۇ» دىگەن ئىدىيە ھېلىھەم ھۆكۈمران. ئەمەلىيەتتە باش قەھرىماننىڭ مەڭگۈ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان زىدىيەتلەر قاينىمىغا چۈكۈپ قېلىشمۇ، تىراگىدىيە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. «ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتۇبۇس سائەت نەچچىدە ماڭىدۇ؟» دىگەن ھىكايىدىكى «مەن»مۇ ئېنىقكى تىراگىدىيىلىك شەخىس. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاپتۇبۇسنىڭ سائەت نەچچىدە ماڭىدىغانلىقىدىن ئىبارەت تولىمۇ ئاددى سۇئالىغا جاۋاب ئالالمايلا قالماستىن، ئەكىسچە بىر مۇنچە قورساق كۆپىكى تارتىۋېلىشتىن سىرت، ھەل قىلغۇسىز زىدىيەتلەر قاينىمىغا غەرق بولىدۇ. ئەگەردە «مەن» سۇئالىنى خىلمۇ-خىل ئۆزگەرتىپ يەنە جاۋاب ئېلىشقا ئورۇنسا، ئۇنى تېخىمۇ قاباھەتلىك قىسمەتلەر كۈتىۋېلىشى مۇمكىن. ئەسەرنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتى بۇنىڭدىن تولۇق ئوچۇر بىرىپ تۇرىدۇ. پىرسۇناژىنى ھەل قىلغۇسىز زىدىيەتلەر قورشاۋىغا قالدۇرۇپ، ئەسەرنى تىراگىدىيىلىك كەيپىياتتا ئاياغلاشتۇرۇش، يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىىڭ بارلىق ئەسەرلىرىگە ئورتاق بولغان ئالاھىدىلىك. يازغۇچىنىڭ مۇنداق قىلىشىدا، ئۇنىڭ: «ئادەمنىڭ بارلىق ھەركىتى تىگى-تەكتىدىن ئېيىتقاندا تىراگىدىيە بىلەن تۈگەللىنىدۇ» دىگەن قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ھىكايىدىكى «مەن» نىڭ ئاپتۇبۇس بېكىتىدىكى پائالىيەت مۇھىتى، پائالىيەت ۋاقتىنىڭ ئىنچىكە تەسۋىرلىنىشى ۋە ھەركەت تەسۋىرىنىڭ ۋايىغا يەتكۈزۈلۈشى، پىرسۇناژنىڭ روھىي دۇنياسىنى يارقىن ئېچىپ بىرىشتا زور رول ئوينىغان. بۇ ھىكايىنىڭ كۆپ قىسمى ھەركەت تەسۋىرى بولۇپ، ھىكايىدە تۇرغۇن ھالەتتە قېتىپ قالغان بىرمۇ نەرسە يوق. ئاددىيسى ئاپتۇبۇس بېكىتىنىڭ يولوچىلار بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار يىزىلغان قائىدىسىدىكى «…‹جەمئىيەت› دىگەن سۆزنىڭ بېشىدىكى ‹م› ھەرپىنىڭ يۇملىقىنىڭ يېرىمى ئۈچۈپ كەتكەن، يەنە‹ئى› ھەمزىسى بىلەن‹ي›نىڭ ئىككى چىكىتى چۈشۈپ قالغاچقا، بۇ سۆز ‹جەسەت› دىگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ كەتكەن». يازغۇچى ھەركەت ھالىتىدىكى ھەر بىر شەيئىنى ئىنچىكە تەسۋىرلىگەچكە، ھەركەت ئارقىلىق باش تېمىنى مۇۋاپىقىيەتلىك يۇرۇتۇپ بىرىش مەقسىگە يەتكەن.
بايانچى تىلىدىكى ئاددى-ساددىلىق، ئۆزگىچىلىك-بۇ ھىكايىنى مۇۋاپىقىيەتكە ئىرىشتۈرگەن ئامىللارنىڭ بىرسى دىيىشكە بولىدۇ. يازغۇچى بۇ ھىكايىدە بايانچى تىلىنى خۇددى ماھىر رەسسامنىڭ قولىدىكى پەلكۈچتەك ياكى ھەيكالتاراشنىڭ بويىقىدەك شۇنداق ئەركىن-ئازادە ئىشلەتكەن ئىكەنكى، بۇ خىل ئەركىنلىك ئەسەرگە باشقىچە جان كىرگۈزگەن. ھىكايىدە ئاپتۇبۇس بېكىتىدىكى ھەممە نەرسە «مەن» نىڭ پىسخىك نەزىرى بىلەن كۈزىتىلىدۇ. «مەن ئاپتۇبۇس بېكىتىگە كىرگەندە قاق چۈش ۋاقتى بولغانىدى، ئادەم ئادەتتىكى چاغلاردىن ئازدەك، بېكەتنىڭ كۈتۈش زالىمۇ چوڭىيىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى» دەپ باشلىنىدۇ ھىكايە دەسلىۋىدىلا. «مەن» گە نىمە ئۈچۈن بېكەتنىڭ كۈتۈش زالى چوڭىيىپ كەتكەندەك كۈرۈنىدۇ دىگەندە، «مەن» پىژغىرىم ئاپتاپ قايناپ تۇرغان سىرتتىن كىرگەن. شۇڭا مۇنداق بايان قىلىش ھىكايىنىڭ پۈتۈن قورۇلمىسىغا، «مەن» نىڭ شۇ دەقىقىدىكى پىسخىك كەيپىياتىغا تولىمۇ ئويغۇن. ئەگەر نا ئۇستا قەلەمكەش بولغان بولسا، بۇ جۈملىنى «مەن پىژغىرىم ئاپتاپ قايناپ تۇرغان سىرتتىن كىرگەچكە، كۈتۈش زالنىڭ سەل سالقىن ھاۋاسىدىن زالدا ئادەم ئازدەك، بېكەتنىڭ كۈتۈش زالى چوڭىيىپ كەتكەندەك كۈرۈندى» دەپ تولىمۇ ئاددىيلا ئېلىپ قويغان بۇلاتتى.
مەن يەنە غەرپ مودىرنىزىم ئەدەبىياتىغا تەۋە بولغان «قارا يۇمۇر» ئېقىمىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكىنىڭ بۇ ھىكايىدە دادىللىق بىلەن سىناق قىلىنغانلىقىنى ھىس قىلدىم. «مەن» نىڭ ئامبۇردەك سىققان قوللار ئارىسىدا، بوينى قىسىلىپ قالسىمۇ ئاخىرقى ئاپتۇبۇسنىڭ سائەت نەچچىدە ماڭىدىغانلىقىنى سورىشى، ئېنىقكى يۇمۇر. يۇمۇر بولغاندىمۇ ۋايىغا يەتكەن «قارا يۇمۇر».
قىسقىسى، ھىكايىدىن بىز كۈرۈپ ئۆتكەن ۋەقەلىكلەرنىڭ ھىچقايسى يېڭىلىق ئەمەس، ئەمما يازغۇچىنىڭ پىرسۇناژنىڭ كەچمىشلىرىنى تولىمۇ ئىنچىكە سۆرەتلىشى، ھادىسىۋى كۈرۈنۈشلەردىن مەنىۋى ئىچكى دۇنياغا يۈزلىنىپ شەخسنىڭ روھىيىتىنى، ئىچكى ئازابىنى چۇڭقۇر يۇرۇتۇشى ھىكايىگە بەلگىلىك تەسىرچانلىق ۋە  ئۆزگىچە جەزبىدارلىق ئاتا قىلغان. ئەدەبىيات ساھەسىدە «مەدەنىيەت تىز تامىقى» تۈسىدىكى ئىجادىيلىققا گاداي ھېكايىلەر يامراۋاتقاندا، ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ساھەسىدىكى ئاقسۆڭەكلەرچە سالاپىتىنى بۇزماي كىلىۋاتقان يازغۇچىنىڭ بۇ ھىكايىسىنى، ئۆزىنىڭ يۇقارقىدەك بىر قاتار ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن مۇۋاپىقىيەتنىڭ يول خېتىنى تولۇق ھازىرلىغان دىيىشكە بولىدۇ.

مەنبە : شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ