غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت
(1)
كۆزلىرىمدىن ئارمانىمنى كۆر ،
كىرپىكىمدىن كارۋانىمنى كۆر .
ئاڭلاپ ھايات قوشاقلىرىنى ،
مۇزلاپ قالغان گۈلخانىمنى كۆر .
ناماز ئوقۇر جېنىم تېنىمدە ،
ئىمان ئېيتقان شەيتانىمنى كۆر .
قايتار ھەممە ھەقكە ، رەھىمگە ،
قايتىۋاتقان جەريانىمنى كۆر .
(2)
بىنالارنىڭ قورسىقى ئاچتى ،
ئۇسساپ كەتتى كوچا-رەستىلەر .
قوللىرىنى سوزار «گۇناھ» قا ،
يۈرەكتىكى گۈللەر ، كەشتىلەر .
ھۇررا توۋلاپ ئۆتەر كۆلەڭگە ،
ئەگەشتۈرۈپ جىنلارنى پات-پات .
ئادەملەرنىڭ بىلىمى ئاشتى ،
ساۋادسىز بوپ قالدى ئېتىقاد .
(3)
ئايغا قاراپ بولدۇم يالىڭاچ ،
كۈنگە قاراپ قالدىم نائىلاج .
گۈلگە قاراپ يارىمنى كۆردۈم ،
تاقىۋاپتۇ خازانلاردىن تاج .
داپتا بوران ، تەمبۇردا ئىسيان ،
دۇتار چېلىپ قالدىم بالادا
. كىيىپ جۇل-جۇل جەندە-كۇلانى ،
ناخشا ئېيتار كۆڭلۈم تالادا .
(4)
تۇرار جايىم بولمىسا مېنىڭ ،
بارار جايىم باردۇر ئەلۋەتتە .
ياشار جايىم بولمىسا مېنىڭ ،
ئۆلەر جايىم باردۇر خىلۋەتتە .
ياماشقاندەك ئايغا مەجنۇنتال ،
ياماشارمەن يارغا يا دارغا .
تاڭلا باھارىم بولمىسا مېنىڭ ،
قانداق دەسسەي گۇناھسىز قارغا ؟!
مەنبە:<<يېڭى قاشتېشى>>ژورنىلى