ئادىل تۇنىياز
قۇياش ماڭا كۆتۈرەرمۇ تىغ،
سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا.
سەن ھەققىدە بېرەرمۇ سۆزلەپ،
پورەكلىگەن گۈللەر باھاردا.
سۇ ئۇسقىلى چىقساڭ تالاغا،
يۇتۇۋالماق بولرمۇ بېلىق.
كۆرۈپ قالسا سېنى ئاھۇلار،
جان بېرەرمۇ تارتمايلا تېنىق.
زىناقلىرىڭ ئېچىلسا گۈل-گۈل،
كۆمۈلەرمۇ گۈللەرگە ئالەم؟
چاچلىرىڭنى يايساڭ دېڭىزدەك
تاڭ ئاتارمۇ بۇندا ئەي لالەم.
چۈشلىرىمگە سىغماي كۆزلىرىڭ،
چۆكتۈرەرمۇ تاشقىنلاپ مېنى.
كۆرۈپ قالسا يەپ كېتەرمۇ ئاي،
كۆزلىرىڭنىڭ چوقۇپ ئېقىنى.
كۈيلەشمەكتە تېنىق يۇلتۇزلار،
ئاي بىلەن كۈن سۆيۈشكەن چېغى.
بارمىقىڭنى ئويناپ ئولتۇرۇپ،
مۇڭداشمىدىم قانغۇدەك تېخى.
قاقشال كاككۇك گۈلى تۈۋىدە
ھەر باھاردا ساقلىدىم سېنى.
يۈرىكىڭگە ياتسام باش قويۇپ،
چۈشلىرىڭدىن ھەيدەمسەن مېنى؟
قۇياش ماڭا كۆتۈرەرمۇ تىغ،
سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا.
سورىساممەن ئىسمىڭنى ،چوقۇم
ئاسمان-زېمىن بېرىدۇ سادا.
1989-يىل 6-ئاي،ئۈرۈمچى.
مەنبە :«دېڭىزدىكى كوچا»ناملىق كىتابتىن ئىلىندى.