بىرىنچى ھىجران





زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

ئۇنتۇلغان بىر دۇنيا ئېسىمدىن كېچەر،
كىملەردۇر ناگەھان چاقىرسا مېنى…
ئۇنتۇلغان بىر كەچمىش قېنىمنى ئىچەر،
ئەسلەشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرغانسىرى…


بۈگۈننىڭ باغرىتاش دەقىقىسى كۆپ،
كەچ كىرەر سۈبھىدىن چىقمايلا تېخى…
كۆل بولۇپ ھەممە يەر كۆز يېشىم بىلەن،
پەقەت بىر قەلبىملا قالار چۆل پېتى…
2011-يىل 8-مارت

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *