مۇھەممەتجان راشىدىن

ياسانماي كەلگىن
مۇھەممەتجان راشىدىن


ماڭا كەلسەڭ ياسانماي كەلگىن ،
چىرايلىقسەن ياسانمىساڭمۇ .
ئالتۇن دەيمەن پۈتكۈل بويۇڭنى ،
ئالتۇن زەنجىر ئاسالمىساڭمۇ .


ماڭا كەلسەڭ تارانماي كەلگىن،
نەدە گۈلنىڭ تارانغىنى بار .
بۇ دۇنيادا قىزلار زاتىنىڭ،
نەدە سەندەك يارالغىنى بار ؟


ئەتىر چېچىپ ئاۋارە بولما،
چاچمىساڭمۇ ئەتىر پۇرايسەن.
تۈندە بولسا ئاي قاراڭغۇسى،
كېلىۋەرگىن، ئۆزۈڭ بىر ئايسەن.


قېلىشمايسەن ھېچكىمدىن گۈلۈم ،
ئەتلەس ئەمەس،  چىت كۆڭلەك كەيسەڭ.
ماڭا كەلسەڭ ياسانماي كەلگىن،
خاتىرجەممەن ياسانماي كەلسەڭ

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *