ئابدۇۋەلى ئايۇپ
خازان بولدۇق گۈللەرگە قاراپ،
ئېچىلمىدى ۋىسال ئىشىكى،
ماڭدۇق ئۇزۇن يولنى غېرىچلاپ،
ئازاپ ۋاشاڭ بولغان بىر كۈزگە،
قۇچاق ئاچتۇق، باغرىن ئاچار يوق.
تۆككەن تەرلەر يالغانمۇ ئەسلى،
خامان قۇرۇق تاغارلار قۇرۇق.
كۈتكەن باھار سولاشتى، سۇلدى،
مىۋە بەرمەي تۆكۈلدى چېچەك.
ئۆتمۈش كەبى سارغايدى ئۈمىد،
كەلمەس كۈننىڭ ئېتى كېلەچەك.