نېمە ئانچە تاتلىقتۇر بۇ جان،
«ۋاي ۋاي!»لايمىز قامچا تەگكۈچە.
سەبىيلەردەك تۇرىمىز قاقشاپ،
بىر تال پاشا كېلىپ چاققۇچە.
بوران چىقسا ھەق غوۋغاسىدىن،
ئالدىرايمىز ئىشىك ياپقۇچە.
كەلكۈن كەلسە بولدۇق پايپېتەك،
يالغۇز جاننى ئېلىپ قاچقۇچە.
سېتىۋەتتۇق تالاي دوستلارنى،
دۈشمەن سوراپ ئېغىز ئاچقۇچە.
يۇۋاشلىقمۇ خوپ ئىكەن، دېدۇق،
چاننى تىكىپ غەۋغالاشقىچە.
ئەسلى دۇنيا شۇنداقمىكىن تاڭ،
بىلەلمىدۇق ئۇشبۇ ياشقىچە.
سۆزلىگەنلەر كۈندە ۋىجداننى،
بولۇپ قالدۇق ئەجەب باشقىچە؟!
1970 – يىل ئاپرېل، غۇلجا